< يەشايا 42 >

قاراڭلار، مانا مەن يۆلەيدىغان ئۆز قۇلۇمغا! جېنىمنىڭ خۇشاللىقى بولغان مېنىڭ تاللىغىنىم؛ مەن ئۆز روھىمنى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا قوندۇرىمەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەللەرگە ھۆكۈم-ھەقىقەتنى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. 1
ئۇ نە ۋارقىراپ-جارقىرىمايدۇ، نە چۇقان كۆتۈرمەيدۇ نە ئاۋازىنى كوچىلاردا ئاڭلاتمايدۇ. 2
تاكى ئۇ غەلىبە بىلەن توغرا ھۆكۈملەرنى چىقارغۇچە، يانجىلغان قومۇشنى سۇندۇرمايدۇ، تۈتەپ ئۆچەي دەپ قالغان پىلىكنى ئۆچۈرمەيدۇ؛ 3
ھۆكۈم-ھەقىقەتنى يەر يۈزىدە تىكلىمىگۈچە، ئۇ ھالسىزلانمايدۇ، كۆڭلى يانمايدۇ؛ ئاراللارمۇ ئۇنىڭ پەرمان-قانۇنىنى تەلمۈرۈپ كۇتىدۇ. 4
ئاسمانلارنى يارىتىپ ئۇلارنى كەرگەن، يەر-زېمىننى ھەم ئۇنىڭدىن چىققانلارنى يايغان، ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقان خەلققە نەپەس، ئۇنىڭ ئۈستىدە مېڭىۋاتقانلارغا روھ بەرگۈچى تەڭرى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ 5
مەنكى پەرۋەردىگار سېنى ھەققانىيلىق بىلەن شۇنىڭغا چاقىرغانمەنكى، ــ سېنىڭ قولۇڭنى تۇتىمەن، سېنى قوغداپ ساقلايمەن، ھەم سېنى خەلققە ئەھدە سۈپىتىدە، ئەللەرگە بىر نۇر قىلىپ بېرىمەن؛ 6
قارىغۇ كۆزلەرنى ئېچىشقا، زىنداندىن مەھبۇسلارنى، تۈرمىدە قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ئولتۇرغانلارنى قۇتقۇزۇشقا سېنى [ئەۋەتىمەن]. 7
مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن؛ مېنىڭ نامىم شۇدۇر؛ شان-شەرىپىمنى باشقا بىرسىگە، ماڭا تەۋە بولغان مەدھىيىنى ئويما مەبۇدلارغا بەرمەيمەن. 8
مانا، ئالدىنقى ئىشلار بولسا ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان؛ سىلەرگە يېڭى ئىشلارنى جاكارلايمەن؛ ئۇلار تېخى يۈز بەرمىگۈچە، مەن ئۇلارنى سىلەرگە بايان قىلىمەن. 9
ــ پەرۋەردىگارغا يېڭى ناخشا ئېيتىڭلار، ئى دېڭىزدا يۈرگەنلەر ھەم ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھەممە مەۋجۇداتلار، ئاراللار ھەم ئۇلاردا تۇرغانلارمۇ، جاھاننىڭ چەت-چەتلىرىدىن ئۇنى مەدھىيىلەڭلار! 10
دالا ھەم ئۇنىڭدىكى شەھەرلەر، كېدار قەبىلىسىدىكىلەر تۇرغان كەنتلەر ئاۋازىنى كۆتۈرسۇن، سېلادىكىلەر يۇقىرى ئاۋازدا ناخشا ئېيتسۇن، تاغلارنىڭ چوققىلىرىدىن تەنتەنە قىلسۇن! 11
ئۇلار پەرۋەردىگارنى ئۇلۇغلىسۇن، ئۇنىڭ مەدھىيىلىرى ئاراللاردىمۇ جاكارلانسۇن. 12
پەرۋەردىگار پالۋاندەك چىقىدۇ، باتۇر لەشكەردەك ئوتلۇق مۇھەببىتىنى قوزغايدۇ؛ ئۇ ۋارقىرايدۇ، بەرھەق شىردەك ھۆركىرەيدۇ؛ دۈشمەنلىرى ئۈستىگە زور كۈچ-قۇدرىتىنى كۆرسىتىدۇ. 13
ــ «مەن ئەبەدىلئەبەد سۈكۈتتە تۇرۇپ كەلدىم؛ جىم تۇرۇپ ئۆزۈمنى بېسىۋېلىپ كەلدىم؛ بىراق ھازىر تولغىقى تۇتقان ئايالدەك ئىنچىقلاپ توۋلايمەن؛ ھەم ھاسىرايمەن ھەم ئىڭرايمەن! 14
مەن تاغلارنى ھەم دۆڭلەرنى چۆلدەرىتىمەن، ئۇلارنىڭ ھەممە يېشىللىقلىرىنى قۇرۇتىۋېتىمەن؛ دەريالارنى ئاراللارغا ئايلاندۇرۇۋېتىمەن؛ كۆلچەكلەرنىمۇ قاغجىرىتىمەن. 15
قارىغۇلارنى ئۆزى بىلمىگەن بىر يول بىلەن ئاپىرىپ قويىمەن، ئۇلارنى ئۇلار بىلمىگەن يوللاردا يېتەكلەيمەن؛ ئۇلارنىڭ ئالدىدا قاراڭغۇلۇقنى نۇر، ئەگرى-توقاي يەرلەرنى تۈپتۈز قىلىمەن. مەن مۇشۇ ئىشلارنى قىلماي قالمايمەن، ئۇلاردىن ھېچ ۋاز كەچمەيمەن. 16
ئويما مەبۇدلارغا تايانغانلار، قۇيما مەبۇدلارغا: «سىلەر ئىلاھلىرىمىزدۇر» دېگەنلەر بولسا، ئۇلار يولدىن ياندۇرۇلماي قالمايدۇ، قاتتىق شەرمەندە قىلىنىدۇ. 17
ــ «ئاڭلاڭلار، ئى گاسلار! قارىغۇلار، كۆرۈش ئۈچۈن قاراڭلار! 18
مېنىڭ قۇلۇمدىن باشقا يەنە كىم قارىغۇ؟ مېنىڭ ئەۋەتكەن «ئەلچىم»دىن باشقا يەنە كىم گاس؟ كىم مەن بىلەن ئەھدىلەشكەندەك شۇنچە قارىغۇدۇ؟ كىم پەرۋەردىگارنىڭ قۇلىدەك شۇنچە قارىغۇدۇ؟ 19
سەن نۇرغۇن ئىشلارنى كۆرگىنىڭ بىلەن، بىراق نەزىرىڭگە ھېچ ئالمايسەن؛ ئۇنىڭ قۇلىقى ئېچىلغىنى بىلەن، ئۇ ئاڭلىمايدۇ». 20
پەرۋەردىگار ئۆز ھەققانىيلىقى ئۈچۈن لايىق كۆردىكى، تەۋرات-قانۇنىنى ئۇلۇغ ھەم شان-شەرەپلىك دەپ كۆرسەتتى. 21
بىراق شۇلار بولسا ئولجا ئېلىنغان ھەم بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان بىر خەلقتۇر؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئورا-تۇزاقتا تۇتۇلغان، گۈندىخانىلاردا قامىلىپ غايىب بولىدۇ؛ ئۇلار غەنىيمەت بولىدۇ، ھېچكىم قۇتقۇزمايدۇ؛ ئۇلار ئولجا بولىدۇ، ھېچكىم: «قايتۇرۇپ بېرىش!» دېمەيدۇ. 22
بىراق ئاراڭلاردا كىم بۇنىڭغا قۇلاق سالسۇن؟ كىم بۇلارنى ئاڭلاپ كەلگۈسى زامانلارغا كۆڭۈل قويسۇن؟ 23
ئەمدى كىم ياقۇپنى ئولجا قىلغان؟ كىم ئىسرائىلنى بۇلاڭچىلارغا تاپشۇرۇپ بەرگەن؟ بۇنى قىلغىنى بولسا، بىز گۇناھ قىلىپ كەمسىتكەن پەرۋەردىگار ئەمەسمۇ؟ چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ يوللىرىدا مېڭىشنى خالىمايتتى؛ ياكى ئۇنىڭ قانۇنىغا ئىتائەت قىلمايتتى. 24
شۇڭا ئۇ ئۇلار ئۈستىگە غەزەپ-قەھرىنى، ئۇرۇشنىڭ زوراۋانلىقىنى تۆكۈپ چۈشۈردى؛ بۇلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئوت تۇتاشتۇردى؛ بىراق ئۇ تونۇپ يەتمىدى؛ بۇلار ئۇنى كۆيدۈردى، بىراق ئۇ ھېچ ساۋاق ئالمىدى. 25

< يەشايا 42 >