< يەشايا 41 >

ــ «ئى ئاراللار، سۈكۈت قىلىپ مېنىڭ ئالدىمغا كېلىڭلار؛ خەلقلەرمۇ كۈچىنى يېڭىلىسۇن! ئۇلار يېقىن كەلسۇن، سۆز قىلسۇن؛ توغرا ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن ئۆزئارا يېقىنلىشايلى!» 1
“Keep silent before me, islands, and let the peoples renew their strength. Let them come near, then let them speak. Let’s meet together for judgment.
«كىم شەرقتىكى بىرسىنى ئويغىتىپ، ئۇنى ھەققانىيلىق بىلەن ئۆز خىزمىتىگە چاقىردى؟ ئۇ ئەللەرنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرىدۇ، ئۇنى پادىشاھلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلدۇرىدۇ؛ ئۇلارنى ئۇنىڭ قىلىچىغا تاپشۇرۇپ توپا-چاڭغا ئايلاندۇرىدۇ، ئۇلارنى ئۇنىڭ ئوقياسى ئالدىدا شامال ئۇچۇرغان پاخال-توپاندەك قىلىدۇ. 2
Who has raised up one from the east? Who called him to his feet in righteousness? He hands over nations to him and makes him rule over kings. He gives them like the dust to his sword, like the driven stubble to his bow.
ئۇ ئۇلارنى قوغلىۋېتىپ، پۇتىنى يەرگە تەگكۈزمەي دېگۈدەك ماڭىدۇ، ئامان-ئېسەنلىك ئىچىدە ئۆتىۋېرىدۇ؛ 3
He pursues them and passes by safely, even by a way that he had not gone with his feet.
ئەلمىساقتىن تارتىپ دەۋرلەرنى «بارلىققا كەل» دەپ چاقىرىپ، بۇلارنى بېكىتىپ ئادا قىلغان كىم؟ مەن پەرۋەردىگار ئاۋۋال بولغۇچىدۇرمەن، ئاخىرى بولغانلار بىلەنمۇ بىللە بولغۇچىدۇرمەن؛ مەن دېگەن «ئۇ»دۇرمەن. 4
Who has worked and done it, calling the generations from the beginning? I, Yahweh, the first, and with the last, I am he.”
ئاراللار شۇ ئىشلارنى كۆرۈپ قورقىشىدۇ؛ جاھاننىڭ چەت-چېتىدىكىلەر تىترەپ كېتىدۇ؛ ئۇلار بىر-بىرىگە يېقىنلىشىپ، ئالدىغا كېلىدۇ؛ 5
The islands have seen, and fear. The ends of the earth tremble. They approach, and come.
ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز قوشنىسىغا ياردەم قىلىپ، ئۆز قېرىندىشىغا: «يۈرەكلىك بول!» ــ دەيدۇ. 6
Everyone helps his neighbor. They say to their brothers, “Be strong!”
شۇنىڭ بىلەن نەققاشچى زەرگەرنى رىغبەتلەندۈرىدۇ، مېتالنى ياپىلاقلاپ بولقا ئويناتقۇچى سەندەلنى بازغان بىلەن سوققۇچىنى رىغبەتلەندۈرۈپ: «كەپشەرلىگىنى ياخشى!» دەيدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنى لىڭشىپ قالمىسۇن دەپ بۇتنىڭ پۇتىنى مىخلار بىلەن بېكىتىدۇ. 7
So the carpenter encourages the goldsmith. He who smooths with the hammer encourages him who strikes the anvil, saying of the soldering, “It is good;” and he fastens it with nails, that it might not totter.
بىراق سەن، ئى قۇلۇم ئىسرائىل، ئى ئۆزۈم تاللىغان ياقۇپ، ئىبراھىم مېنىڭ دوستۇمنىڭ ئەۋلادى: ــ 8
“But you, Israel, my servant, Jacob whom I have chosen, the offspring of Abraham my friend,
مەن جاھاننىڭ قەرىدىن ئېلىپ كەلگەن، يەرنىڭ ئەڭ چەتلىرىدىن چاقىرىغىنىم سەن ئىكەنسەن؛ مەن ساڭا «سەن مېنىڭ قۇلۇمدۇرسەن، مەن سېنى تاللىغان، سېنى ھەرگىز چەتكە قاقمايمەن» ــ دېگەنىدىم. 9
you whom I have taken hold of from the ends of the earth, and called from its corners, and said to you, ‘You are my servant. I have chosen you and have not cast you away.’
ــ قورقما؛ چۈنكى مەن سەن بىلەن بىللىدۇرمەن؛ ئۇيان-بۇيان قاراپ ھودۇقماڭلار؛ چۈنكى مەن سېنىڭ خۇدايىڭدۇرمەن؛ مەن سېنى كۈچەيتىمەن، بەرھەق، مەن ساڭا ياردەمدە بولىمەن! بەرھەق، مەن ئۆزۈمنىڭ ھەققانىيلىقىمنى بىلدۈرگۈچى ئوڭ قولۇم بىلەن سېنى يۆلەيمەن. 10
Don’t you be afraid, for I am with you. Don’t be dismayed, for I am your God. I will strengthen you. Yes, I will help you. Yes, I will uphold you with the right hand of my righteousness.
مانا، ساڭا قاراپ غالجىرلىشىپ كەتكەنلەرنىڭ ھەممىسى خىجىل بولۇپ شەرمەندە بولىدۇ؛ ساڭا شىكايەت قىلغۇچىلار يوق دېيەرلىك بولىدۇ، ھالاك بولىدۇ. 11
Behold, all those who are incensed against you will be disappointed and confounded. Those who strive with you will be like nothing, and shall perish.
سەن ئۇلارنى ئىزدىسەڭ، ھېچ تاپالمايسەن؛ سەن بىلەن دەۋالاشقۇچىلار ــ ساڭا قارشى ئۇرۇش قىلغۇچىلار يوق دېيەرلىك، ھېچ بولۇپ باقمىغاندەك تۇرىدۇ. 12
You will seek them, and won’t find them, even those who contend with you. Those who war against you will be as nothing, as a nonexistent thing.
چۈنكى مەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئوڭ قولۇڭنى تۇتۇپ تۇرۇپ، ساڭا: ــ «قورقما، مەن ساڭا ياردەمدە بولىمەن!» دەيمەن. 13
For I, Yahweh your God, will hold your right hand, saying to you, ‘Don’t be afraid. I will help you.’
قورقما، سەن قۇرت بولغان ياقۇپ، ئىسرائىلنىڭ بالىلىرى! مەن ساڭا ياردەمدە بولىمەن!» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، يەنى سېنىڭ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىڭ، ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى. 14
Don’t be afraid, you worm Jacob, and you men of Israel. I will help you,” says Yahweh. “Your Redeemer is the Holy One of Israel.
مانا، مەن سېنى كۆپ ھەم ئۆتكۈر چىشلىق يېڭى بىر دان ئايرىغۇچى تىرنا قىلىمەن؛ سەن تاغلارنى يانجىپ، ئۇلارنى پارە-پارە قىلىۋېتىسەن، دۆڭلەرنىمۇ كۆكۈم-تالقانغا ئايلاندۇرۇۋېتىسەن. 15
Behold, I have made you into a new sharp threshing instrument with teeth. You will thresh the mountains, and beat them small, and will make the hills like chaff.
سەن ئۇلارنى سورۇيسەن، شامال ئۇلارنى ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ، قۇيۇن ئۇلارنى تارقىتىۋېتىدۇ؛ ۋە سەن پەرۋەردىگار بىلەن شادلىنىسەن، ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىنى ئىپتىخارلىنىپ مەدھىيەلەيسەن. 16
You will winnow them, and the wind will carry them away, and the whirlwind will scatter them. You will rejoice in Yahweh. You will glory in the Holy One of Israel.
بوزەكلەر ۋە يوقسۇللار سۇ ئىزدەيدۇ، لېكىن سۇ يوق؛ ئۇلارنىڭ تىلى ئۇسسۇزلۇقتىن قاغجىراپ كېتىدۇ؛ مەن پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئاڭلايمەن؛ مەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى ئۇلاردىن ۋاز كەچمەيمەن. 17
The poor and needy seek water, and there is none. Their tongue fails for thirst. I, Yahweh, will answer them. I, the God of Israel, will not forsake them.
مەن قاقاس ئېگىزلىكلەردە دەريالارنى، جىلغىلار ئىچىدە بۇلاقلارنى ئاچىمەن؛ دالانى كۆلچەككە ئايلاندۇرىمەن، تاتىراڭ يەردىن سۇلارنى ئۇرغۇتۇپ سۇ بىلەن قاپلاپ بېرىمەن. 18
I will open rivers on the bare heights, and springs in the middle of the valleys. I will make the wilderness a pool of water, and the dry land springs of water.
دالادا كېدىر، ئاكاتسىيە، خاداس ۋە زەيتۇن دەرەخلىرىنى ئۆستۈرۈپ بېرىمەن؛ چۆل-باياۋاندا ئارچا، قارىغاي ۋە بوكسۇس دەرەخلىرىنى بىرگە تىكىمەن؛ 19
I will put cedar, acacia, myrtle, and oil trees in the wilderness. I will set cypress trees, pine, and box trees together in the desert;
شۇنداق قىلىپ ئۇلار بۇلارنى كۆرۈپ، بىلىپ، ئويلىنىپ: ــ «پەرۋەردىگارنىڭ قولى مۇشۇلارنى قىلغان، ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى ئۇنى ياراتقان!» دەپ تەڭ چۈشىنىشىدۇ. 20
that they may see, know, consider, and understand together, that Yahweh’s hand has done this, and the Holy One of Israel has created it.
ــ مۇھاكىمىلىرىڭلارنى ئوتتۇرىغا قويۇڭلار، دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ كۈچلۈك سەۋەبلىرىڭلارنى چىقىرىڭلار، دەيدۇ ياقۇپنىڭ پادىشاھى. 21
Produce your cause,” says Yahweh. “Bring out your strong reasons!” says the King of Jacob.
ــ [بۇتلىرىڭلار] ئېلىپ كىرىلسۇن، بىزگە نېمىلەرنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئېيتسۇن؛ ئىلگىرىكى ئىشلارنى، ئۇلارنىڭ ئۈجۈر-بۈجۈرلىرىگىچە كۆز ئالدىمىزدا كۆرسەتسۇن، شۇنداقلا بۇلاردىن چىقىدىغان نەتىجىلەرنى بىزگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئېيتىپ بەرسۇن؛ ــ ياكى بولمىسا، كەلگۈسىدىكى ئىشلارنى ئاڭلاپ بىلەيلى؛ 22
“Let them announce and declare to us what will happen! Declare the former things, what they are, that we may consider them, and know the latter end of them; or show us things to come.
سىلەرنىڭ ئىلاھلىق ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىشىمىز ئۈچۈن، كېيىنكى يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى بىزگە بايان قىلىڭلار؛ قانداقلا بولمىسۇن، بىزنى ھاڭ-تاڭ قىلىپ ئۇنى تەڭ كۆرىدىغان قىلىش ئۈچۈن، بىرەر ياخشى ئىش ياكى يامان بىر ئىشنى قىلىڭلار! 23
Declare the things that are to come hereafter, that we may know that you are gods. Yes, do good, or do evil, that we may be dismayed, and see it together.
مانا، سىلەر يوقنىڭ ئارىلىقىدا، ئىشلىگىنىڭلارمۇ يوق ئىشتۇر؛ سىلەرنى تاللىغۇچى بىر لەنىتىدۇر. 24
Behold, you are nothing, and your work is nothing. He who chooses you is an abomination.
بىرسىنى شىمال تەرەپتىن قوزغىدىم، ئۇ كېلىدۇ؛ ئۇ كۈنچىقىشتىن مېنىڭ نامىمنى جاكارلاپ كېلىدۇ؛ ئۇ بىرسى ھاك لاينى دەسسىگەندەك، ساپالچى لاي چەيلىگەندەك ئەمەلدارلارنىڭ ئۈستىگە ھۇجۇم قىلىدۇ؛ 25
“I have raised up one from the north, and he has come, from the rising of the sun, one who calls on my name, and he shall come on rulers as on mortar, and as the potter treads clay.
بىزگە ئۇقتۇرۇش ئۈچۈن، كىم مۇقەددەمدىن بۇيان بۇنى ئېيتقان؟ ياكى بىزنى «ئۇ ھەقىقەتتۇر» دېگۈزۈپ بۇ ئىشتىن بۇرۇن ئۇنى ئالدىنئالا ئېيتقان؟ ياق، ھېچكىم ئېيتمايدۇ؛ بەرھەق، ھېچكىم بايان قىلمايدۇ؛ سۆزۈڭلارنى ئاڭلىيالىغۇچى بەرھەق يوقتۇر! 26
Who has declared it from the beginning, that we may know? and before, that we may say, ‘He is right’? Surely, there is no one who declares. Surely, there is no one who shows. Surely, there is no one who hears your words.
مەن دەسلەپتە زىئونغا: ــ «مۇشۇ ئىشلارغا كۆز تىكىپ تۇرۇڭلار! كۆز تىكىپ تۇرۇڭلار!» دېدىم، يېرۇسالېمغا خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگۈچىنى ئەۋەتىپ بەردىم. 27
I am the first to say to Zion, ‘Behold, look at them;’ and I will give one who brings good news to Jerusalem.
مەن قارىسام، شۇلار ئارىسىدا ھېچكىم يوق ــ مەسلىھەت بەرگۈدەك ھېچكىم يوق، شۇلاردىن سورىسام، جاۋاب بەرگۈدەك ھېچكىممۇ يوق. 28
When I look, there is no man, even among them there is no counselor who, when I ask, can answer a word.
قاراڭلار، ئۇلار ھەممىسى قۇرۇق؛ ئۇلارنىڭ ياسىغانلىرى يوق ئىشتۇر، قۇيما مەبۇدلىرى قۇرۇق شامالدەك مەنىسىزدۇر. 29
Behold, all of their deeds are vanity and nothing. Their molten images are wind and confusion.

< يەشايا 41 >