< يەشايا 4 >

شۇ كۈنى يەتتە ئايال بىر ئەرنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنىڭدىن: ــ «بىز ئۆز نېنىمىزنى يەيمىز، ئۆز كىيىم-كېچەكلىرىمىزنى كىيىمىز؛ پەقەت بىزنى رەسۋالىقتىن خالاس قىلىش ئۈچۈن، بىزنى نامىڭىزغا تەۋە قىلىشىڭىزنى ئۆتۈنىمىز!» ــ دەيدۇ. 1
شۇ كۈنى «پەرۋەردىگارنىڭ شېخى» ئۇنىڭ گۈزەللىكى ھەم شەرىپىنى كۆرسەتكۈچى بولىدۇ، زېمىن بەرگەن مېۋە بولسا، قېچىپ قۇتۇلغان ئىسرائىلدىكىلەرگە شۆھرەت ۋە گۈزەللىك كەلتۈرىدۇ. 2
ھەم شۇنداق ئىش بولىدۇكى، زىئوندا قالغانلار، يېرۇسالېمدا توختىتىلغانلار، يەنى يېرۇسالېمدا ھايات دەپ تىزىملانغانلارنىڭ ھەممىسى پاك-مۇقەددەس دەپ ئاتىلىدۇ. 3
شۇ چاغدا رەب ئادالەت يۈرگۈزگۈچى روھ ھەم كۆيدۈرگۈچى روھ بىلەن، زىئون قىزلىرىنىڭ پاسىقلىقىنى يۇيۇپ، يېرۇسالېمنىڭ قان داغلىرىنى تازىلايدۇ. 4
شۇ چاغدا پەرۋەردىگار كۈندۈزدە زىئون تېغىدىكى ھەربىر ئۆي، شۇنداقلا بارلىق ئىبادەت سورۇنلارنىڭ ئۈستىگە ئىس-تۈتەك ۋە بۇلۇت، كەچتە بولسا ئوت يالقۇنىنىڭ جۇلاسىنى يارىتىدۇ؛ چۈنكى شان-شەرەپنىڭ ئۈستىدە سايىۋەن بار بولىدۇ. 5
شۇ كۈنى، كۈندۈزدە تومۇز ئىسسىققا سايە قىلىدىغان، خەتەردىن پاناھلىنىدىغان، بوران-يامغۇرلارغا دالدا بولىدىغان بىر سايىۋەنلىك كەپە بولىدۇ». 6

< يەشايا 4 >