< يەشايا 38 >

شۇ كۈنلەردە ھەزەكىيا ئەجەل كەلتۈرگۈچى بىر كېسەلگە مۇپتىلا بولدى. ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەر ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ــ ئۆيۈڭ توغرۇلۇق ۋەسىيەت قىلغىن؛ چۈنكى ئەجەل كەلدى، ياشىمايسەن، ــ دېدى. 1
ھەزەكىيا يۈزىنى تام تەرەپكە قىلىپ پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ: 2
ــ ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ ئالدىڭدا ھەقىقەت ۋە پاك دىل بىلەن مېڭىپ يۈرگەنلىكىمنى، نەزىرىڭ ئالدىڭدا دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلغانلىقىمنى ئەسلەپ قويغايسەن، ــ دېدى. ۋە ھەزەكىيا يىغلاپ ئېقىپ كەتتى. 3
ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەشاياغا يېتىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 4
بېرىپ ھەزەكىياغا مۇنداق دېگىن: ــ پەرۋەردىگار، ئاتاڭ داۋۇتنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ «دۇئايىڭنى ئاڭلىدىم، كۆز ياشلىرىڭنى كۆردۈم؛ مانا، كۈنلىرىڭگە يەنە ئون بەش يىل قوشىمەن؛ 5
شۇنىڭ بىلەن مەن سېنى ۋە بۇ شەھەرنى ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىمەن؛ مەن سېپىل بولۇپ بۇ شەھەرنى قوغدايمەن. 6
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزى ئېيتقان ئىشىنى جەزمەن قىلىدىغانلىقىنى ساڭا ئىسپاتلاش ئۈچۈن پەرۋەردىگاردىن مۇنداق بېشارەتلىك ئالامەت بولىدۇكى، 7
مانا، مەن قۇياشنىڭ ئاھاز پادىشاھ قۇرغان پەلەمپەي ئۈستىگە چۈشكەن سايىسىنى ئون قەدەم كەينىگە ياندۇرىمەن». شۇنىڭ بىلەن قۇياشنىڭ چۈشكەن سايىسى ئون باسقۇچ كەينىگە ياندى. 8
يەھۇدا پادىشاھى ھەزەكىيا كېسەل بولۇپ، ئاندىن كېسىلىدىن ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن مۇنداق خاتىرىلەرنى يازدى: 9
ــ «مەن: «ئۆمرۈمنىڭ ئوتتۇرىسىدا تەھتىسارانىڭ دەرۋازىلىرىغا بېرىۋاتىمەن، قالغان يىللىرىمدىن مەھرۇم بولدۇم» ــ دېدىم. (Sheol h7585) 10
مەن: ــ «تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدا تۇرۇپ خۇدايىم ياھنى، ياھنى كۆرەلمەيدىغان، شۇنداقلا «ھەممە نەرسە يوق بولغان» جايدا تۇرغانلار بىلەن بىللە تۇرۇپ، ئىنساننىمۇ كۆرەلمەيدىغان بولدۇم» ــ دېدىم. 11
مېنىڭ تۇرالغۇم چارۋىچىنىڭ چېدىرىدەك ئۆزۈمدىن يۆتكىلىپ كەتتى؛ مەن باپكار ئۆز توقۇغىنىنى تۈرۈۋەتكىنىدەك ھاياتىمنى تۈرىۋەتتىم؛ ئۇ مېنى توقۇش دەستىگاھىدىن كېسىۋەتتى؛ تاڭ بىلەن كەچ ئارىلىقىدا سەن [خۇدا] جېنىمنى ئالىسەن؛ 12
تاڭ ئاتقۇچە مەن كۈتۈپ، ئۆزۈمنى تىنچلاندۇرۇپ يۈرىمەن، بىراق ئۇ شىرغا ئوخشاش ھەممە سۆڭەكلىرىمنى سۇندۇرغاندەك قىلىدۇ؛ تاڭ بىلەن كەچ ئارىلىقىدا سەن [خۇدا] جېنىمنى ئالىسەن. 13
مەن قارلىغاچ ياكى تۇرنىدەك ۋىچىرلاپ يۈرىمەن؛ پاختەكتەك ئاھ-ئۇھ ئۇرىمەن؛ كۆزلىرىم يۇقىرىغا قاراش بىلەن ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ؛ ئى رەب، مېنى زۇلۇم باستى! جېنىمغا كېپىل بولغىن! 14
نېمە دېسەم بولار؟ چۈنكى ئۇ ماڭا سۆز قىلدى ۋە ئۆزى مۇشۇ ئىشنى قىلدى! جېنىم تارتقان ئازاب تۈپەيلىدىن مەن بار يىللىرىمدا قەدەملىرىمنى ساناپ بېسىپ ئاۋايلاپ ماڭىمەن. 15
ئى رەب، ئادەملەر مۇشۇنداق ساۋاقلار بىلەن ياشىشى كېرەك؛ روھىم مۇشۇ ساۋاقلاردىن ھاياتىنى تاپىدۇ؛ سەن مېنى ئەسلىمگە كەلتۈرۈپ، مېنى ھايات قىلدىڭ! 16
مانا، ئۆزۈمنىڭ بەخت-تىنچلىقىم ئۈچۈن ئازاب ئۈستىگە ئازاب تارتتىم؛ ماڭا بولغان سۆيگۈڭ تۈپەيلىدىن جېنىمنى ھالاكەت ھاڭىدىن چىقاردىڭسەن؛ سەن ھەممە گۇناھلىرىمنى كەينىڭگە چۆرۈۋەتتىڭسەن. 17
چۈنكى تەھتىسارا ساڭا رەھمەت ئېيتالمايدۇ؛ ئۆلۈم سېنى مەدھىيىلىيەلمەيدۇ؛ ھاڭغا چۈشىۋاتقانلار سېنىڭ ھەقىقەت-ۋاپالىقىڭغا ئۈمىد باغلىيالمايدۇ. (Sheol h7585) 18
ئۆزۈم بۈگۈن قىلغىنىمدەك ساڭا رەھمەت ئېيتىدىغانلار تىرىكلەر، تىرىكلەردۇر؛ ئاتا بولغۇچى ئوغۇللىرىغا ھەقىقەت-ۋاپالىقىڭنى بىلدۈرىدۇ. 19
پەرۋەردىگار مېنى قۇتقۇزۇشقا نىيەت باغلىغاندۇر؛ بىز بولساق، قالغان ئۆمرىمىزدە ھەر كۈنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە ساز چېلىپ مەدھىيە ناخشلىرىمنى ئېيتىمىز!». 20
(يەشايا بولسا: ــ «ئەنجۈر پوشكىلى تەييارلاپ، يارىسىغا چاپلاڭلار، ئۇ ئەسلىگە كېلىدۇ»، دېگەنىدى 21
ۋە ھەزەكىيا: ــ «مېنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە چىقىدىغانلىقىمنى ئىسپاتلايدىغان قانداق بېشارەتلىك ئالامەت بېرىلىدۇ؟» دەپ سورىغانىدى). 22

< يەشايا 38 >