< يەشايا 31 >

ــ ياردەم ئىزدەپ مىسىرغا بارغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلار ئاتلارغا تايىنىپ، كۆپ بولغانلىقىدىن جەڭ ھارۋىلىرىغا، ئىنتايىن كۈچلۈك بولغانلىقىدىن ئاتلىق ئەسكەرلەرگە ئىشىنىپ كەتتى! بىراق ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىغا قارىمايدۇ، پەرۋەردىگارنى ئىزدىمەيدۇ. 1
Woe to those who go down to Egypt for help, and rely on horses, and trust in chariots because they are many, and in horsemen because they are very strong, but they don’t look to the Holy One of Israel, and they don’t seek the LORD!
بىراق ئۇمۇ دانادۇر! ئۇ كۈلپەت ئېلىپ كېلىدۇ، دېگەنلىرىنى قايتۇرۇۋالمايدۇ؛ ئۇ بۇزۇقلارنىڭ جەمەتىگە، شۇنداقلا قەبىھلىك قىلغۇچىلارغا ياردەمدە بولغانلارغا قارشى ئورنىدىن قوزغىلىدۇ. 2
Yet he also is wise, and will bring disaster, and will not call back his words, but will arise against the house of the evildoers, and against the help of those who work iniquity.
مىسىرلىقلار تەڭرى ئەمەس، ئادەملەر خالاس؛ ئۇلارنىڭ ئاتلىرى بولسا روھتىن ئەمەس، ئەتتىن خالاس؛ پەرۋەردىگار بولسا قولىنى ئۇزارتىدۇ، ياردەم بەرگۈچى بولسا پۇتلىشىدۇ؛ ياردەم بېرىلگۈچى بولسا يىقىلىدۇ؛ ئۇلار ھەممىسى بىراقلا يوقىلىدۇ. 3
Now the Egyptians are men, and not God; and their horses flesh, and not spirit. When the LORD stretches out his hand, both he who helps shall stumble, and he who is helped shall fall, and they all shall be consumed together.
چۈنكى پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېگەن: ــ «ئوۋنى تۇتۇۋالغان شىر ياكى ئارسلاننى بىر تەرەپ قىلىشقا توپ-توپ پادىچىلار چاقىرىلغاندا، شىر ياكى ئارسلان ئۇلارنىڭ ئاۋازلىرىدىن ھېچ قورقماي، شاۋقۇنلىرىدىن ھېچ ھودۇقماي، بەلكى ئوۋنى ئاستىغا بېسىۋېلىپ غار-غۇر تالىغىنىدەك، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارمۇ ئوخشاشلا زىئون تېغى ۋە ئېگىزلىكلىرى ئۈچۈن چۈشۈپ جەڭ قىلىدۇ. 4
For the LORD says to me, “As the lion and the young lion growling over his prey, if a multitude of shepherds is called together against him, will not be dismayed at their voice, nor abase himself for their noise, so the LORD of Hosts will come down to fight on Mount Zion and on its heights.
ئۈستىدە پەرۋاز قىلىدىغان قۇشلاردەك ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۆز قانىتى ئاستىغا يېرۇسالېمنى ئالىدۇ؛ قانىتى ئاستىغا ئېلىپ، زىئوننى قۇتقۇزىدۇ؛ ئۇنىڭ «ئۆتۈپ كېتىشى» بىلەن زىئون نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ. 5
As birds hovering, so the LORD of Hosts will protect Jerusalem. He will protect and deliver it. He will pass over and preserve it.”
سىلەر دەھشەتلىك ئاسىيلىق قىلغان ئىگەڭلارنىڭ يېنىغا توۋا قىلىپ قايتىڭلار، ئى ئىسرائىل بالىلىرى! 6
Return to him from whom you have deeply revolted, children of Israel.
چۈنكى شۇ كۈنىدە ئىنسانلار ھەربىرى ئۆزى ئۈچۈن ئۆز قولى بىلەن ياسىغان كۈمۈش بۇتلارنى ۋە ئالتۇن بۇتلارنى: ــ «گۇناھتۇر!» دەپ تاشلىۋېتىدۇ». 7
For in that day everyone shall cast away his idols of silver and his idols of gold—sin which your own hands have made for you.
«شۇ چاغدا ئاسۇرىيە قىلىچ بىلەن يىقىلىدۇ، بىراق باتۇرنىڭ قىلىچى بىلەن ئەمەس؛ بىر قىلىچ ئۇنى يۇتۇۋالىدۇ، بىراق قىلىچ ئادەتتىكى ئادەمنىڭكى بولمايدۇ؛ ئۇ جېنىنى ئېلىپ قىلىچتىن قاچماقچى بولىدۇ، ئارىسىدىكى يىگىتلىرى ئالۋانغا سېلىنىدۇ. 8
“The Assyrian will fall by the sword, not of man; and the sword, not of mankind, shall devour him. He will flee from the sword, and his young men will become subject to forced labor.
ۋەھىمىدىن ئۇنىڭ «ئۇل تېشى» يوقايدۇ؛ ئۇنىڭ سەردارلىرى جەڭ تۇغىدىن ئالاقزادىلىشىدۇ» ــ دەپ جاكارلايدۇ زىئوندا ئوتى كۆيىۋاتقان، يېرۇسالېمدا خۇمدېنى يالقۇنلاۋاتقان پەرۋەردىگار. 9
His rock will pass away by reason of terror, and his princes will be afraid of the banner,” says the LORD, whose fire is in Zion, and his furnace in Jerusalem.

< يەشايا 31 >