< يەشايا 30 >

«ئاسىي ئوغۇللارنىڭ ئەھۋالىغا ۋاي!» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، - «ئۇلار پىلانلارنى تۈزمەكچى، بىراق مەندىن ئالمايدۇ؛ ئۇلار مۇداپىئە توسۇقىنى بەرپا قىلىدۇ، بىراق ئۇ مېنىڭ روھىم ئەمەس؛ شۇنداق قىلىپ ئۇلار گۇناھى ئۈستىگە گۇناھ قوشۇۋالىدۇ. 1
ئۇلار مەندىن ھېچ سورىمايلا مىسىرغا يول ئالدى؛ پىرەۋننىڭ قانىتى ئاستىدىن پاناھ ئىزدەپ، مىسىرنىڭ سايىسىگە ئىشىنىپ تايىنىدۇ يەنە! 2
چۈنكى پىرەۋننىڭ قانىتى بولسا سىلەرنى يەرگە تاشلاپ لەت قىلىدۇ. مىسىرنىڭ سايىسىگە ئىشىنىپ تايىنىش سىلەرگە باش قېتىمچىلىق بولىدۇ. 3
پىرەۋننىڭ ئەمىرلىرى زوئان شەھىرىدە بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئەلچىلىرى ھانەس شەھىرىگە ھەردائىم كېلىپ تۇرسىمۇ، 4
ئاۋام ھەممىسى ئۆزىگە پايدىسى بولمايدىغان، ھېچ ياردىمى ۋە پايدىسى تەگمەيدىغان، بەلكى لەت قىلىپ يەرگە تاشلايدىغان، ھەتتا رەسۋا قىلىدىغان بىر خەلقتىن نومۇس قىلىدىغان بولىدۇ. 5
نەگەۋدىكى ئۇلاغلار توغرىسىدا يۈكلەنگەن ۋەھىي: ــ ئۇلار جاپالىق، دەرد-ئەلەملىك زېمىندىن ئۆتىدۇ؛ شۇ يەردىن چىشى شىرلار ۋە ئەركەك شىرلار، چار يىلان ۋە ۋەھشىي ئۇچار يىلانمۇ چىقىدۇ؛ ئۇلار بايلىقلىرىنى ئېشەكلەرنىڭ دۈمبىسىگە، گۆھەرلىرىنى تۆگە لوككىلىرىغا يۈكلەپ، ئۆزلىرىگە ھېچ پايدا يەتكۈزمەيدىغان بىر خەلقنىڭ يېنىغا كۆتۈرۈپ بارىدۇ. 6
مىسىر!؟ ئۇلارنىڭ ياردىمى بىكار ھەم قۇرۇقتۇر! شۇڭا مەن ئۇنى: «ھېچنېمىنى قىلىپ بەرمەيدىغان راھاب» دەپ ئاتىغانمەن. 7
ــ ئەمدى بۇ سۆزنىڭ كەلگۈسى زامانلار ئۈچۈن، گۇۋاھلىق سۈپىتىدە ئەبەدىلئەبەدگە تۇرۇۋېرىشى ئۈچۈن، ھازىر بېرىپ بۇنى ھەم تاش تاختىغا ھەم يۆگىمە كىتابقا يېزىپ قويغىن. 8
چۈنكى بۇلار بولسا ئاسىي بىر خەلق، نائەھلى ئوغۇللار، پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات-تەربىيىسىنى ئاڭلاشنى خالىمايدىغان ئوغۇللاردۇر. 9
ئۇلار ئالدىن كۆرگۈچىلەرگە: ــ «ۋەھىينى كۆرمەڭلار!»، ۋە پەيغەمبەرلەرگە: «بىزگە توغرا بېشارەتلەرنى كۆرسەتمەڭلار؛ بىزگە ئادەمنى ئازادە قىلىدىغان، يالغان بېشارەتلەرنى كۆرسىتىڭلار؛ 10
سەنلەر [دۇرۇس] يولدىن چىقىش، [توغرا] تەرىقىدىن ئايرىلىش! ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىنى ئالدىمىزدىن يوق قىلىش!» ــ دەيدۇ. 11
ــ ئەمدى ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى مۇنداق دەيدۇ: ــ «چۈنكى سىلەر مۇشۇ خەۋەرنى چەتكە قېقىپ، زۇلۇمنى يۆلەنچۈك قىلىپ، بۇرمىلانغان يولغا تايانغىنىڭلار تۈپەيلىدىن، 12
شۇڭا مۇشۇ قەبىھلىك سىلەرگە ئېگىز تامنىڭ بىر يېرىقىدەك بولىدۇ، تام پۇلتىيىپ قالغاندا، ئۇ بىراقلا ئۇنى چېقىۋېتىدۇ؛ 13
خۇددى ساپال چىنە ھېچ ئايىماي چېقىۋېتىلگەندەك ئۇ ئۇنى چېقىۋېتىدۇ؛ ئۇنىڭدىن ھەتتا ئوچاقتىن چوغ ئالغۇدەك، باكتىن سۇ ئۇسقۇدەك بىرەر پارچىسىمۇ قالمايدۇ». 14
شۇڭا رەب پەرۋەردىگار، ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى مۇنداق دەيدۇ: ــ «يېنىمغا توۋا بىلەن قايتىپ كېلىپ ئارام تاپىسىلەر، قۇتقۇزۇلىسىلەر؛ خاتىرجەملىكتە ھەم ئامان-ئېسەنلىكتە كۈچ ئالىسىلەر!»، ــ بىراق سىلەر رەت قىلغانسىلەر. 15
سىلەر: ــ «ياق، بىز ئاتلارغا مىنىپ قاچىمىز» ــ دېدىڭلار، شۇڭا سىلەر راست قاچىسىلەر! ۋە «بىز چاپقۇر ئۇلاغلارغا مىنىپ كېتىمىز» ــ دېدىڭلار؛ ــ شۇڭا سىلەرنى قوغلىغۇچىلارمۇ چاپقۇر بولىدۇ. 16
مىڭىڭلار بىرىنىڭ ۋەھىمىسىدىن قاچىسىلەر؛ بەشىنىڭ ۋەھىمىسىدە [ھەممىڭلار] قاچىسىلەر؛ قېچىپ، تاغ ئۈستىدىكى يېگانە بايراق خادىسىدەك، دۆڭ ئۈستىدىكى تۇغدەك قالىسىلەر. 17
ۋە شۇڭا سىلەرگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىمەن دەپ، پەرۋەردىگار كۈتىدۇ؛ شۇڭا ئۇ سىلەرگە رەھىم قىلىمەن دەپ ئورنىدىن قوزغىلىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ھۆكۈم-ھەقىقەت چىقارغۇچى خۇدادۇر؛ ئۇنى كۈتكەنلەرنىڭ ھەممىسى بەختلىكتۇر! 18
چۈنكى خالايىق يەنىلا زىئوندا، يەنى يېرۇسالېمدا تۇرىدۇ؛ شۇ چاغدا سىلەر يەنە ھېچ يىغلىمايسىلەر؛ كۆتۈرگەن نالەڭدە ئۇ ئۆزىنى ساڭا ئىنتايىن شەپقەتلىك كۆرسىتىدۇ؛ ئۇ نالەڭنى ئاڭلىسىلا، جاۋاب بېرىدۇ. 19
رەب سىلەرگە نان ئۈچۈن مۈشكۈللۈكنى، سۇ ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەتنى بەرسىمۇ، شۇ چاغدا سېنىڭ ئۇستازىڭ يەنە يوشۇرۇنىۋەرمەيدۇ، بەلكى كۆزۈڭ ئۇستازىڭنى كۆرىدۇ؛ 20
سىلەر ئوڭ تەرەپكە بۇرۇلساڭلار، ياكى سول تەرەپكە بۇرۇلساڭلار، قۇلىقىڭ كەينىڭدىن: ــ «يول مانا مۇشۇ، ئۇنىڭدا مېڭىڭلار!» دېگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلايسەن. 21
شۇ چاغدا سىلەر ئويۇلغان مەبۇدلىرىڭلارغا بېرىلگەن كۈمۈش ھەلگە، قۇيما مەبۇدلىرىڭلارغا بېرىلگەن ئالتۇن ھەلگىمۇ داغ تەگكۈزىسىلەر؛ سىلەر ئۇلارنى ئادەت لاتىسىنى تاشلىغاندەك تاشلىۋېتىپ: ــ «نېرى تۇر» ــ دەيسىلەر. 22
ئۇ سەن تېرىيدىغان ئۇرۇقۇڭ ئۈچۈن يامغۇر ئەۋەتىدۇ؛ يەردىن چىقىدىغان ئاشلىق-مەھسۇلات ھەم كۈچ-قۇۋۋەتلىك ھەم مول بولىدۇ؛ شۇ كۈنى ماللىرىڭ كەڭ-ئازادە يايلاقلاردا يايلايدۇ؛ 23
يەر ھەيدىگەن كالا ۋە ئېشەكلەر بولسا، گۈرجەك ۋە ئارا بىلەن سورۇغان، تۇزلانغان ھەلەپ يەيدۇ. 24
چوڭ قىرغىنچىلىق بولغان كۈنى، يەنى مۇنارلار ئۆرۈلگەن كۈنى، ھەربىر ئۇلۇغ تاغدا ۋە ھەربىر ئېگىز دۆڭدە بولسا، ئەنھارلار ۋە ئېرىقلار بولىدۇ. 25
پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنىڭ جاراھىتىنى تاڭىدىغان، ئۇلارنىڭ قامچا يارىسىنى ساقايتقان شۇ كۈنىدە، ئاي شولىسى قۇياش نۇرىدەك بولىدۇ، قۇياش نۇرى بولسا يەتتە ھەسسە كۈچلۈك بولىدۇ، يەنى يەتتە كۈندىكى نۇرغا باراۋەر بولىدۇ. 26
مانا، پەرۋەردىگارنىڭ نامى يىراقتىن كېلىدۇ، ئۇنىڭ قەھرى يالقۇنلىنىپ، قويۇق ئىس-تۈتەكلىرى كۆتۈرۈلىدۇ؛ لەۋلىرى غەزەپكە تولۇپ، تىلى يۇتۇۋالغۇچى يانغىن ئوتتەك بولىدۇ. 27
ئۇنىڭ نەپەسى خۇددى تېشىپ بويۇنغا يېتىدىغان كەلكۈندەك بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەللەرنى بىمەنىلىكنى يوقاتقۇچى غەلۋىر بىلەن تاسقايدۇ، شۇنداقلا خەلق-مىللەتلەرنىڭ ئاغزىغا ئۇلارنى ئازدۇرىدىغان يۈگەن سالىدۇ. 28
مۇقەددەس بىر ھېيت ئۆتكۈزۈلگەن كېچىدىكىدەك، كۆڭلۈڭلاردىن ناخشا ئۇرغۇپ چىقىدۇ، ئىسرائىلغا ئۇيۇلتاش بولغان پەرۋەردىگارنىڭ تېغىغا نەي ناۋاسى بىلەن چىققان بىرسىنىڭ خۇشاللىقىدەك، كۆڭلۈڭلار خۇشال بولىدۇ. 29
پەرۋەردىگار ھەيۋەتلىك ئاۋازىنى ياڭرىتىدۇ؛ ئۇ قاينىغان قەھرى، يۇتۇۋالغۇچى يالقۇنلۇق ئوت، گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر، بوران-شاۋقۇن، مۆلدۈرلەر بىلەن ئۆز بىلىكىنى سوزۇپ كۆرسىتىدۇ. 30
چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى بىلەن ئاسۇرىيە يانجىلىدۇ، ــ باشقىلارنى ئۇرۇش تايىقى [بولغان ئاسۇرىيە] يانجىلىدۇ! 31
ۋە پەرۋەردىگار تەييارلىغان كالتەك بىلەن ھەر قېتىم ئۇنى ئۇرغاندا، بۇنىڭغا داپلار ھەم چىلتارلار تەڭكەش قىلىنىدۇ؛ ئۇ قولىنى ئوينىتىپ زەرب قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن كۈرەش قىلىدۇ. 32
چۈنكى توفەت قەدىمدىن تارتىپ تەييار تۇرغانىدى؛ بەرھەق، پادىشاھ ئۈچۈن تەييارلانغان، [پەرۋەردىگار] ئۇنى چوڭقۇر ھەم كەڭ قىلغان؛ ئوتۇنلىرى كۆپ يالقۇنلۇق بىر گۈلخان بار، پەرۋەردىگارنىڭ نەپەسى بولسا گۈڭگۈرت ئېقىمىدەك ئۇنى تۇتاشتۇرىدۇ. 33

< يەشايا 30 >