< يەشايا 3 >

چۈنكى، قارا! ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار، يېرۇسالېم ۋە يەھۇداغا قۇۋۋەت ۋە يۆلەنچۈك بولغان [بارلىق نەرسىلەرنى يوق قىلىدۇ]، ــ يەنى قۇۋۋەت بولغان پۈتكۈل ئاش-نان، يۆلەنچۈك بولغان ھەممە سۇ، 1
پالۋان ۋە لەشكەر، سوتچى ۋە پەيغەمبەر، پالچى ۋە ئاقساقال، 2
ئەللىك بېشى، مۆتىۋەر ۋە مەسلىھەتچى، ھۈنەرۋەن ئۇستىلار ۋە جادۇ قىلغۇچىلارنى يوق قىلىدۇ. 3
ــ «[ئۇلارنىڭ ئورنىغا] ياشلارنى ئەمەلدار قىلىمەن، بەتخۇي بالىلار ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ئىدارە قىلىدۇ. 4
پۇقرالار بىر-بىرىنى ئېزىدۇ، ھەربىرى قوشنىسى تەرىپىدىن ئېزىلىدۇ؛ بالىلار قېرىلارغا، مۇتتەھەملەر مۆتىۋەرلەرگە ئەدەپسىزلىك قىلىدۇ؛ 5
شۇ كۈنى بىرسى ئاتا جەمەتىدىكى قېرىندىشىنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنىڭغا: ــ «سىزنىڭ كىيىم-كېچىكىڭىز بار؛ بىزگە يېتەكچى بولۇڭ، بۇ خارابىلەر قولىڭىز ئاستىدا بولسۇن»، ــ دەيدۇ؛ ئۇ جاۋابەن قولىنى كۆتۈرۈپ [قەسەم ئىچىپ]: «دەردىڭلارغا دەرمان بولالمايمەن؛ ئۆيۈمدىمۇ يا ئاش-نان يا كىيىم-كېچەك يوق؛ مېنى خەلققە يېتەكچى قىلماڭلار!» ــ دەيدۇ. 6
7
چۈنكى يېرۇسالېم پۇتلىشىدۇ-چۈشكۈنلىشىدۇ، يەھۇدا بولسا يىقىلىدۇ؛ سەۋەبى، ئۇلارنىڭ تىلى ۋە ئىللەتلىرى پەرۋەردىگارغا قارشى چىقىپ، شەرەپ ئىگىسىنىڭ كۆزلىرى ئالدىدا ئىسيانكارلىق قىلدى. 8
ئۇلارنىڭ چىرايى ئۆزلىرىگە قارشى گۇۋاھلىق بېرىدۇ؛ ئۇلار سودوم شەھىرىدەك گۇناھىنى ھېچ يوشۇرماي، ئوچۇق-ئاشكارا جاكارلايدۇ. ئۇلارنىڭ جېنىغا ۋاي! ئۇلار يامانلىقنى ئۆز بېشىغا چۈشۈرگەن! 9
ھەققانىيلارغا ئېيتقىنكى، ئۇلار ئامان-ئېسەنلىكتە تۇرىدۇ، ئۇلار ئۆز ئەمللىرىنىڭ مېۋىسىنى يەيدۇ؛ 10
رەزىللەرگە ۋاي! بېشىغا يامانلىق چۈشىدۇ، چۈنكى ئۆز قولى بىلەن قىلغانلىرى ئۆزىگە يانىدۇ. 11
مېنىڭ خەلقىمدە بولسا، بالىلار ئۇلارنى خار قىلىدۇ، ئاياللار ئۇلارنى ئىدارە قىلىدۇ؛ ئى خەلقىم! سىلەرنى يېتەكلەۋاتقانلار سىلەرنى ئازدۇرىدۇ، ئۇلار ماڭىدىغان يوللىرىڭلارنى يوق قىلىدۇ. 12
پەرۋەردىگار ئۆز دەۋاسىنى سوراشقا ئورۇن ئالىدۇ، خەلق-مىللەتلەر ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىشقا ئۆرە تۇرىدۇ؛ 13
پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنىڭ ئاقساقاللىرى ۋە ئەمىرلىرى بىلەن دەۋالىشىپ، ئۇلارغا: ــ ئۈزۈمزارنى يەپ تۈگەتكەنلەر سىلەر ئۆزۈڭلار، ئاجىز مۆمىنلەردىن ئالغان ئولجا ئۆيۈڭلاردا ياتىدۇ، دەيدۇ. 14
ــ سىلەرنىڭ خەلقىمنى ئاشۇنداق ئېزىپ، ئاجىز مۆمىنلەرنىڭ يۈزلىرىگە دەسسەپ زادى نېمە قىلغىنىڭلار؟ ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار. 15
پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دېدى: ــ «زىئون قىز-ئاياللىرى تەكەببۇرلۇق قىلىپ، قاش-كىرپىكلىرىنى سۈزۈپ، كۆزلىرىنى ئوينىتىپ، ناز قىلىپ تايتاڭلىشىپ، پۇتلىرىنى جىلدىرلىتىپ مېڭىپ يۈرىشىدۇ؛ 16
شۇڭا رەب زىئون قىز-ئاياللىرىنىڭ باش چوققىلىرىنى تاز قىلىدۇ، پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئۇيات يەرلىرىنى ئېچىۋېتىدۇ». 17
ئاشۇ كۈنى رەب ئۇلارنى گۈزەللىكىدىن مەھرۇم قىلىدۇ؛ ــ ئۇلارنىڭ ئوشۇق جىلدىراقلىرىنى، باش جىيەكلىرىنى، ئاي شەكىللىك مارجانلىرىنى، 18
ھالقىلىرىنى، بىلەزۈكلىرىنى، چۈمپەردە-چاچۋانلىرىنى، 19
روماللىرىنى، ئوشۇق زەنجىرلىرىنى، پوتىلىرىنى، ئەتىردانلىرىنى، تىلتۇمارلىرىنى، 20
ئۈزۈكلىرىنى، بۇرۇن ھالقىلىرىنى، 21
ھېيتلىق تونلىرىنى، يوپۇقلىرىنى، پۈركەنجىلىرىنى، ھەميانلىرىنى، 22
ئەينەكلىرىنى، ئاپئاق ئىچ كۆينەكلىرىنى، سەللىلىرىنى ۋە تور پەردىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ تاشلايدۇ. 23
ئەمدى شۇنداق بولىدۇكى، ئەتىر پۇرىقىنىڭ ئورنىغا بەتبۇيلۇق؛ پوتىنىڭ ئورنىدا ئارغامچا، چىرايلىق ياسىغان چاچلىرىنىڭ ئورنىدا تاز بېشى، كېلىشكەن توننىڭ ئورنىدا بۆز رەختلەر، گۈزەللىكىنىڭ ئورنىدا داغمال تامغىسى بولىدۇ. 24
سېنىڭ يىگىتلىرىڭ قىلىچلىنىپ، باتۇرلىرىڭ جەڭدە يىقىلىدۇ. 25
[زىئوننىڭ] قوۋۇقلىرى زار كۆتۈرۈپ ماتەم تۇتىدۇ؛ ئۇ يالىڭاچلانغان ھالدا يەرگە ئولتۇرۇپ قالىدۇ. 26

< يەشايا 3 >