< يەشايا 28 >

ئەفرائىمدىكى مەيخورلارنىڭ بېشىدىكى تەكەببۇرلۇق بىلەن تاقىۋالغان گۈللۈك تاجىغا ۋاي! مۇنبەت جىلغىنىڭ بېشىغا تاقىۋالغان، يەنى ئۇلارنىڭ سولىشىپ قالغان «پەخرى» بولغان گۈلىگە ۋاي! ئى شارابنىڭ ئەسىرى بولغانلار! 1
مانا، رەب بىر كۈچ ۋە قۇدرەت ئىگىسىنى ھازىرلىدى؛ ئۇ بولسا، مۆلدۈرلۈك جۇدۇن ھەم ۋەيران قىلغۇچى بوراندەك، دەھشەت بىلەن تاشقان كەلكۈن سۇلىرىدەك، ئەشەددىيلەرچە [تاجنى] يەرگە ئۇرىدۇ. 2
ئەفرائىمدىكى مەيخورلارنىڭ بېشىدىكى تەكەببۇرلۇق بىلەن تاقىۋالغان گۈللۈك تاجى ئاياغ ئاستىدا چەيلىنىدۇ؛ 3
ۋە مۇنبەت جىلغىنىڭ بېشىدا تاقىۋالغان، ئۇلارنىڭ «پەخرى» بولغان سولىشىپ قالغان گۈلى بولسا، بالدۇر پىشقان ئەنجۈردەك بولىدۇ؛ ئۇنى كۆرگەن كىشى كۆرۈپلا، قولىغا ئېلىپ كاپ ئېتىپ يۇتۇۋالىدۇ. 4
شۇ كۈنىدە، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنىڭ قالدىسى ئۈچۈن شەرەپلىك بىر تاج، شۇنداقلا كۆركەم بىر چەمبىرەك بولىدۇ. 5
ئۇ يەنە ھۆكۈم چىقىرىشقا ئولتۇرغانلارغا توغرا ھۆكۈم چىقارغۇچى روھ، ۋە دەرۋازىدا جەڭنى چېكىندۈرگۈچىگە كۈچ بولىدۇ. 6
بىراق بۇلارمۇ شاراب ئارقىلىق خاتالاشتى، ھاراق بىلەن ئېزىقىپ كەتتى: ــ ھەم كاھىن ھەم پەيغەمبەر ھاراق ئارقىلىق ئېزىقىپ كەتتى؛ ئۇلار شاراب تەرىپىدىن يۇتۇۋېلىنغان؛ ئۇلار ھاراق تۈپەيلىدىن ئەلەڭ-سەلەڭ بولۇپ ئېزىقىپ كەتتى؛ ئۇلار ئالدىن كۆرۈشتىن ئاداشتى، ھۆكۈم قىلىشتا ئېزىقىشتى؛ 7
چۈنكى ھەممە داستىخان بوش ئورۇن قالماي قۇسۇق ۋە نىجاسەت بىلەن تولدى. 8
«ئۇ كىمگە بىلىم ئۆگەتمەكچىدۇ؟ ئۇ زادى كىمنى مۇشۇ خەۋەرنى چۈشىنىدىغان قىلماقچىدۇ؟» 9
ئېزىزلاندۇرۇلغانلارغا ئەمەسمۇ؟! ئەمچەكتىن ئايرىلغان بوۋاقلارغا ئەمەسمۇ؟! چۈنكى خەۋەر بولسا ۋەزمۇۋەز، ۋەزمۇۋەزدۇر، قۇرمۇقۇر، قۇرمۇقۇردۇر، بۇ يەردە ئازراق، شۇ يەردە ئازراق بولىدۇ... 10
چۈنكى دۇدۇقلايدىغان لەۋلەر ۋە يات بىر تىل بىلەن ئۇ مۇشۇ خەلققە سۆز قىلىدۇ. 11
ئۇ ئۇلارغا: ــ «مانا، ئارام مۇشۇ يەردە، ھالى يوقلارنى ئارام ئالدۇرۇڭلار؛ يېڭىلىنىش مۇشۇدۇر» ــ دېگەن، بىراق ئۇلار ھېچنېمىنى ئاڭلاشنى خالىمىغان. 12
شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئۇلارغا: ــ «ۋەزمۇۋەز، ۋەزمۇۋەزدۇر، قۇرمۇقۇر، قۇرمۇقۇردۇر. مۇشۇ يەرگە ئازراق، شۇ يەرگە ئازراق بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئالدىغا كېتىۋېتىپ، پۇتلىشىپ، ئوڭدا چۈشىدۇ، سۇندۇرۇلۇپ، تۇزاققا چۈشۈپ تۇتۇلۇپ قالىدۇ. 13
ــ شۇڭا ھەي سىلەر مازاق قىلغۇچىلار، يېرۇسالېمدا تۇرغان مۇشۇ خەلقنى ئىدارە قىلغۇچىلار، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ قويۇڭلار! 14
چۈنكى سىلەر: ــ «بىز ئۆلۈم بىلەن ئەھدە تۈزدۇق، تەھتىسارا بىلەن بىللە بىر كېلىشىم بېكىتتۇق؛ قامچا تاشقىندەك ئۆتۈپ كەتكەندە، ئۇ بىزگە تەگمەيدۇ؛ چۈنكى يالغانچىلىقنى باشپاناھىمىز قىلدۇق، يالغان سۆزلەر ئاستىدا مۆكۈنۈۋالدۇق» ــ دېدىڭلار، (Sheol h7585) 15
شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، زىئوندا ئۇل بولۇش ئۈچۈن بىر تاش، سىناقتىن ئۆتكۈزۈلگەن بىر تاش، قىممەتلىك بىر بۇرجەك تېشى، ئىشەنچلىك ھەم مۇقىم ئۇل تېشىنى سالغۇچى مەن بولىمەن. ئۇنىڭغا ئىشىنىپ تايانغان كىشى ھېچ ھودۇقمايدۇ، ئالدىرىمايدۇ. 16
ۋە مەن ئادالەتنى ئۆلچەم تانىسى قىلىمەن، ھەققانىيلىقنى بولسا تىك ئۆلچىگۈچ يىپ قىلىمەن؛ مۆلدۈر باشپاناھى بولغان يالغانچىلىقنى سۈپۈرۈپ تاشلايدۇ، ۋە كەلكۈن مۆكۈۋالغان جايىنى تېشىپ ئەپكېتىدۇ. 17
شۇنىڭ بىلەن ئۆلۈم بىلەن تۈزگەن ئەھدەڭلار بىكار قىلىۋېتىلىدۇ؛ سىلەرنىڭ تەھتىسارا بىلەن بېكىتكەن كېلىشىمىڭلار ئاقمايدۇ؛ قامچا تاشقىندەك ئۆتۈپ كەتكەندە، سىلەر ئۇنىڭ بىلەن چەيلىۋېتىلىسىلەر. (Sheol h7585) 18
ئۇ ئۆتۈپ كېتىشى بىلەنلا سىلەرنى تۇتىدۇ؛ ھەم سەھەر-سەھەرلەردە، ھەم كېچە-كۈندۈزلەردىمۇ ئۇ ئۆتۈپ تۇرىدۇ، بۇ خەۋەرنى پەقەت ئاڭلاپ چۈشىنىشنىڭ ئۆزىلا ۋەھىمىگە چۈشۈش بولىدۇ. 19
چۈنكى كارىۋات سوزۇلۇپ يېتىشقا قىسقىلىق قىلىدۇ، يوتقان بولسا ئادەم تۈگۈلۈپ ياتسىمۇ تارلىق قىلىدۇ. 20
چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز ئىشىنى، يەنى ئۆزىنىڭ غەيرىي ئەمىلىنى يۈرگۈزۈش ئۈچۈن، ئۆزىگە يات بولغان ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن، پەرازىم تېغىدا تۇرغىنىدەك ئورنىدىن تۇرىدۇ، ئۇ گىبېئون جىلغىسىدا غەزەپلەنگىنىدەك غەزەپلىنىدۇ؛ 21
شۇڭا مازاق قىلغۇچىلار بولماڭلار؛ بولمىسا، كىشەنلىرىڭلار چىڭ بولىدۇ؛ چۈنكى مەن ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگاردىن بىر ھالاكەت توغرىسىدا، يەنى پۈتكۈل يەر يۈزىگە قەتئىيلىك بىلەن بېكىتكەن بىر ھالاكەت توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغانمەن. 22
ــ قۇلاق سېلىڭلار، ئاۋازىمنى ئاڭلاڭلار؛ تىڭشاڭلار، سۆزلىرىمنى ئاڭلاڭلار. 23
يەر ھەيدىگۈچى دېھقان تېرىش ئۈچۈن يەرنى كۈن بويى ھەيدەمدۇ؟ ئۇ پۈتۈن كۈن يەرنى ئاغدۇرۇپ، چالمىلارنى ئېزەمدۇ؟ 24
ئۇ يەرنىڭ يۈزىنى تەكشىلىگەندىن كېيىن، قاراكۆز بەدىياننى تاشلاپ، زىرىنى چېچىپ، بۇغداينى تاپلاردا سېلىپ، ئارپىنى تېرىشقا بېكىتىلگەن جايغا، قارا بۇغداينى ئېتىز قىرلىرىغا تېرىمامدۇ؟ 25
چۈنكى ئۇنىڭ خۇداسى ئۇنى توغرا ھۆكۈم قىلىشقا نەسىھەت قىلىدۇ، ئۇ ئۇنىڭغا ئۆگىتىدۇ. 26
بەرھەق، قاراكۆز بەدىيان چىشلىق تىرنا بىلەن تېپىلمەيدۇ؛ تۇلۇق زىرە ئۈستىدە ھەيدەلمەيدۇ؛ بەلكى قاراكۆز بەدىيان بولسا قامچا بىلەن سوقۇلىدۇ، زىرە بولسا تۆمۈر-تاياق بىلەن ئۇرۇلۇپ دان ئاجرىتىلىدۇ. 27
ئۇن تارتىشقا داننى ئېزىش كېرەك، ئەمما [دېھقان] ئۇنى مەڭگۈگە تېپېۋەرمەيدۇ؛ ئۇ ھارۋا چاقلىرى ياكى ئات تۇياقلىرى بىلەن ئۇنى مەڭگۈگە تېپېۋەرمەيدۇ؛ 28
مۇشۇ ئىشمۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگاردىن كېلىدۇ؛ ئۇ نەسىھەت بېرىشتە كارامەت، دانالىقتا ئۇلۇغدۇر. 29

< يەشايا 28 >