< يەشايا 27 >

شۇ كۈنىدە پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ دەھشەتلىك، بۈيۈك ۋە كۈچلۈك شەمشىرى بىلەن ئۇچقۇر يىلان لېۋىئاتاننى، يەنى تولغانغۇچى يىلان لېۋىئاتاننى جازالايدۇ؛ ئۇ يەنە دېڭىزدا تۇرغان ئەجدىھانى ئۆلتۈرىدۇ. 1
شۇ كۈنى ساپ شاراب بېرىدىغان بىر ئۈزۈمزار بولىدۇ! ئۇ توغرۇلۇق ناخشا ئېيتىڭلار! 2
ئۆزۈم پەرۋەردىگار ئۇنى ساقلايمەن؛ مەن ھەر دەقىقە ئۇنى سۇغىرىمەن؛ بىرسى ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزمىسۇن دەپ كېچە-كۈندۈز ساقلايمەن. 3
غەزەپ مەندە قالمىدى؛ ئاھ، ماڭا قارشى جەڭ قىلىدىغان تىكەنلەر ياكى جىغانلار بولسائىدى! ئۇنداق بولسا مەن ئۇلارغا قارشى يۈرۈش قىلاتتىم، ئۇلارنى يىغىشتۇرۇپ كۆيدۈرۈۋېتەتتىم! 4
بولمىسا ئۇ مېنى باشپاناھلىق قىلىپ تۇتسۇن؛ ئۇ مەن بىلەن بىرلىكتە خاتىرجەملىكتە بولسۇن، دەرھەقىقەت، ئۇ مەن بىلەن بىرلىكتە خاتىرجەملىكتە بولسۇن! 5
كەلگۈسى كۈنلەردە، ياقۇپ يىلتىز تارتىدۇ؛ ئىسرائىل بىخلىنىپ، چېچەكلەيدۇ، ئۇلار پۈتكۈل يەر يۈزىنى مېۋە-چېۋە بىلەن قاپلايدۇ. 6
[پەرۋەردىگار ئىسرائىلنى] ئۇرغانلارنى ئۇرغانچىلىك [ئىسرائىلنى] ئۇرۇپ باققانمۇ؟ ئۇ قىرغانلاردەك [ئىسرائىل] قىرىلىپ باققانمۇ؟ 7
سەن ئۇلارنى ئەيىبلىگەندە ئۆلچەمدىن تۆۋەن جازالاپ ئۇلارنى پالىۋەتكەنسەن؛ شەرق شامىلى چىققان كۈنىدە ئۇ ئۇنىڭ زەربلىك شامىلى بىلەن ئۇلارنى قوغلىۋەتكەن. 8
ئەمدى شۇ يول بىلەن ياقۇپنىڭ قەبىھلىكى كەچۈرۈم قىلىنىدۇكى، ــ ئۇنىڭ گۇناھىنىڭ ئېلىپ تاشلانغانلىقىنىڭ پىشقان مېۋىسى شۇ بولىدۇكى: ــ ئۇ قۇربانگاھتىكى ھەممە تاشلارنى كۇكۇم-تالقان قىلىدۇ، «ئاشەراھ»لارنى ۋە «كۈن تۈۋرۈكلىرى»نى زادىلا تۇرغۇزمايدۇ. 9
چۈنكى مۇستەھكەملەنگەن شەھەر غېرىب بولۇپ قالىدۇ، ئادەمزاتسىز ماكان ھەم تاشلىۋېتىلگەن باياۋاندەك بولىدۇ؛ شۇ يەردە موزاي ئوزۇقلىنىدۇ، شۇ يەردە يېتىپ، ئۇنىڭ شاخلىرىنى يەيدۇ. 10
ئۇنىڭ شاخلىرى سولىشىش بىلەن ئۈزۈلىدۇ؛ ئاياللار كېلىپ ئۇلارنى ئوتۇن قىلىپ كۆيدۈرىۋېتىدۇ. چۈنكى بۇ بىر يورۇتۇلمىغان خەلق؛ شۇڭا ئۇلارنى ياراتقۇچى ئۇلارغا رەھىم قىلمايدۇ؛ ئۇلارنى شەكىللەندۈرگۈچى ئۇلارغا شەپقەت كۆرسەتمەيدۇ. 11
ۋە شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، پەرۋەردىگار ئەفرات دەرياسىنىڭ ئېقىملىرىدىن تارتىپ مىسىر ۋادىسىغىچە ھەر يەرنى سىلكىيدۇ، ۋە سىلەر بىر-بىرلەپ تېرىپ يىغىۋېلىنىسىلەر، ئى ئىسرائىل بالىلىرى! 12
ۋە شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، بۈيۈك كاناي چېلىنىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئاسۇرىيە زېمىنىدا تۈگىشەي دەپ قالغانلار، ۋە مىسىر زېمىنىدا مۇساپىر بولغانلار كېلىدۇ؛ ئۇلار يېرۇسالېمدا مۇقەددەس تاغ ئۈستىدە پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىدۇ. 13

< يەشايا 27 >