< يەشايا 26 >

شۇ كۈنىدە يەھۇدانىڭ زېمىنىدا مۇنۇ ناخشا ئېيتىلىدۇ: ــ «مۇستەھكەم بىر شەھىرىمىز بار؛ ئۇ نىجاتلىقنى ئۇنىڭغا سېپىل ۋە تىرەكلەر قىلىپ بېكىتىپ قويىدۇ. 1
ۋاپادارلىقتا چىڭ تۇرغان ھەققانىي ئەلنىڭ كىرىشى ئۈچۈن، دەرۋازىلارنى ئېچىپ بېرىڭلار! 2
كىم ئۆزىنىڭ ئەقىدە، ئوي-خىيالى ساڭا باغلىغان بولسا، سەن ئۇنى مۇتلەق خاتىرجەملىكتە ساقلايسەن؛ چۈنكى ئۇ ساڭا ئىشەنچ-ئېتىقاد باغلىغاندۇر. 3
مەڭگۈگە پەرۋەردىگارغا تايىنىڭلار؛ چۈنكى ياھ پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن ئەبەدىلئەبەدلىك بىر قورام تاشتۇر. 4
چۈنكى ئۇ يۇقىرىدا تۇرغانلارنى پەسكە چۈشۈرىدۇ؛ ئاشۇ ئالىي شەھەرنى، ئۇ پەس قىلىدۇ؛ ئۇنى يەرگە چۈشۈرۈپ، توپا-چاڭغا ئايلاندۇرىدۇ. 5
ئۇ پۇت بىلەن چەيلىنىدۇ؛ ئۇ مۆمىنلەرنىڭ پۇتلىرى، مىسكىنلەرنىڭ قەدەملىرى بىلەن چەيلىنىدۇ! 6
ھەققانىينىڭ يولى بولسا تۈزدۇر؛ ئى ئەڭ تۈز يوللۇق بولغۇچى، سەن ھەققانىي ئادەم ئۈچۈن ئۇنىڭ يولىنى ئوڭ قىلىسەن. 7
ئى پەرۋەردىگار، بىز دەرھەقىقەت سېنىڭ ھۆكۈملىرىڭنىڭ يولىدا مېڭىپ، سېنى كۈتۈپ كەلدۇق؛ جېنىمىزنىڭ تەشنالىقى شۇدۇركى، نامىڭ ۋە شۆھرىتىڭ ئاشسۇن! 8
ۋۇجۇدۇم بىلەن كېچىلەردە ساڭا تەشنا بولدۇممەن؛ بەرھەق، تاڭ سەھەرلەردىمۇ روھىم بىلەن ئىچ-ئىچىمدىن سېنى ئىزدىدىم؛ چۈنكى ھۆكۈملىرىڭ يەر يۈزىدە كۆرۈنگەن بولسا، يەر يۈزىدىكىلەر ھەققانىيلىقنى ئۆگىنىدۇ. 9
رەزىل ئادەمگە رەھىم كۆرسىتىلسىمۇ، ئۇ يەنىلا ھەققانىيلىقنى ئۆگەنمەيدۇ؛ ھەتتا دۇرۇسلۇق تۇرغان زېمىندىمۇ ئۇ يەنىلا ئادىلسىزلىق قىلىۋېرىدۇ، پەرۋەردىگارنىڭ شانۇ-شەۋكىتىنى كۆرمەيدۇ. 10
ئى پەرۋەردىگار، قولۇڭ كۆتۈرۈلدى، بىراق ئۇلار كۆرمەيدۇ. ھالبۇكى، ئۆز خەلقىڭگە بولغان ئوتلۇق مۇھەببىتىڭنى ئۇلار كۆرىدۇ ھەم خىجىل بولىدۇ؛ كۈشەندىلىرىڭ ئۈچۈن [تەييارلانغان] ئوت ئۇلارنى بەرھەق يۇتۇۋېتىدۇ. 11
ئى پەرۋەردىگار، سەن بىزگە خاتىرجەملىك نېسىپ قىلىسەن؛ چۈنكى بىزنىڭ ئەمەللىرىمىزنىڭ ھەممىسىنى ئۆزۈڭ ۋۇجۇقا چىقارغانسەن. 12
دەرۋەقە، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز، ئىلگىرى سەندىن باشقا «رەبلەر» ئۈستىمىزدىن ھۆكۈمرانلىق قىلغان؛ ئەمدىلىكتە پەقەت ساڭا تايىنىپلا نامىڭنى ئەسلەپ تىلغا ئالىمىز. 13
ئۇلار بولسا ئۆلدى، قايتىدىن ياشىمايدۇ؛ ئەرۋاھ بولۇپ كەتتى، قايتا تىرىلمەيدۇ؛ چۈنكى سەن ئۇلارنى جازالاپ يوقاتتىڭ، ئۇلارنى ئادەملەرنىڭ ئېسىدىمۇ قىلچە قالدۇرمىدىڭ. 14
سەن ئەلنى ئۇلغايتقانسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ ئەلنى ئۇلغايتقانسەن، ئۆزۈڭگە شان-شەرەپ كەلتۈرگەنسەن؛ زېمىننىڭ چېگرالىرىنى ھەرتەرەپكە ئۇزارتقانسەن. 15
ئى پەرۋەردىگار، ئۇلار دەرد-ئەلەم ئىچىدە قالغاندا، سېنى ئىزدىدى؛ تەربىيىلىك جازالىشىڭ ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشكەندە، ئۇلار ئاھ ئۇرۇپ، پىچىرلاپ بىر دۇئانى قىلدى: ــ 16
«بوشىنىش ئالدىدا تۇرغان، تولغىقى تۇتۇپ، ئاغرىقتىن ۋارقىرىغان بىر ھامىلىدار ئايالدەك، بىز سېنىڭ ئالدىڭدا شۇنداق بولدۇق، ئى پەرۋەردىگار. 17
بىز ئىككى قات بولۇپ، تولغاققا چۈشتۇق، بىراق پەقەت يەللا چىقاردۇق؛ يەر يۈزىدىكىلەر ئۈچۈن ھېچ نىجات-قۇتقۇزۇشنى يەتكۈزمىدۇق؛ دۇنيادىكى ئادەملەر ھېچ تۇغۇلمىدى». 18
«ساڭا تەۋە ئۆلگەن ئادەملەر ياشايدۇ؛ مېنىڭ جەسىتىمنىڭ [تىرىلىشى بىلەن تەڭ] ئۇلارمۇ تىرىلىدۇ. ئى توپا-چاڭدا ياتقانلار، ئويغىنىپ ناخشا ياڭرىتىڭلار! شەبنىمىڭ تاڭ سەھەرنىڭ شەبنىمىدەكتۇر؛ يەر-زېمىن ئۆزىدە ئۆلگەنلەرنى تۇغۇپ بېرىدۇ. 19
ئى خەلقىم، كېلىڭلار، ئۆيۈڭلارغا كىرىپ، كەينىڭلاردىن ئىشىكلەرنى ئېتىپ قويۇڭلار؛ مېنىڭ دەرغەزىپىم ئۆتكۈچە، ئۆزۈڭنى بىر دەملىك يوشۇرۇۋال. 20
چۈنكى قارا، پەرۋەردىگار ئۆز جايىدىن چىقىپ، يەر يۈزىدىكىلەرنىڭ گۇناھىنى ئۆزلىرىگە قايتۇرماقچى؛ يەر بولسا ئۈستىگە تۆكۈلگەن قانلارنى ئاشكارىلايدۇ، ئۆزىدە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى ھامان يېپىۋەرمەيدۇ. 21

< يەشايا 26 >