< يەشايا 25 >

پەرۋەردىگار، سەن مېنىڭ خۇدايىم؛ مەن سېنى ئۈستۈن دەپ مەدھىيىلەيمەن، مەن سېنىڭ نامىڭنى مۇبارەكلەيمەن، چۈنكى سەن كارامەت ئىشلارنى، سادىقلىق ۋە ھەقىقەت ئىچىدە قەدىمدىن بۇيان قەلبىڭگە پۈككەنلىرىڭنى بەجا كەلتۈرگەنسەن. 1
چۈنكى سەن شەھەرنى خارابىلىك، قەلئە-قورغانلىق يۇرتنى خاراب، ياتلارنىڭ ئوردىسىنى شەھەر بولالماس قىلغانسەن، ئۇ ئىككىنچى ھەرگىز قۇرۇلمايدۇ. 2
شۇڭا ھېلىقى كۈچلۈك خەلق سېنى ئۇلۇغلايدۇ، ئەشەددىي ئەللەرنىڭ ھېلىقى شەھىرى سەندىن قورقىدۇ؛ 3
چۈنكى سەن مىسكىنلەرگە قورغان، يوقسۇللارنىڭ دەردى-ھاجىتىگە قورغان، بورانغا دالدا، ئىسسىققا سايە بولغانسەن؛ چۈنكى ئەشەددىيلەرنىڭ زەربە دولقۇنى تامغا ئۇرۇلغان بوراندەك، قاغجىراق يەرنى باسقان ئىسسىق ھاۋادەك بولدى. بىراق ئىسسىق ھاۋا بۇلۇت سايىسى بىلەن توسۇلغاندەك، سەن ياتلارنىڭ چۇقان-سۈرەنلىرىنى پەسەيتىسەن؛ ئەشەددىيلەرنىڭ غەلىبە ناخشىسى پەس قىلىنىدۇ. 4
5
ۋە مۇشۇ تاغدا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار بارلىق قوۋملار ئۈچۈن زىياپەت قىلىدۇ ــ مايلىق يېمەكلىكلەر، سۈزدۈرۈلگەن كونا شارابلار، يىلىكى توق مايلىق يېمەكلىكلەر، سۈزدۈرۈلگەن، ياخشى ساقلانغان كونا شارابلاردىن بولغان زىياپەت بولىدۇ؛ 6
ۋە ئۇ مۇشۇ تاغدا ھەممە قوۋملارنى ياپىدىغان چۈمپەردىنى، بارلىق ئەللەرنى ياپىدىغان ياپقۇچنى يوقىتىدۇ؛ 7
ئۇ ئۆلۈمنى مەڭگۈگە يۇتۇپ يوقىتىدۇ! رەب پەرۋەردىگار ھەربىر يۈزدىكى ياشلارنى سۈرتىۋېتىدۇ؛ پۈتكۈل يەر-زېمىن ئالدىدا ئۆز خەلقىنىڭ شەرمەندىلىكىنى ئېلىپ تاشلايدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار شۇنداق ئېيتقان. 8
ۋە شۇ كۈنىدە دېيىلىدۇكى: ــ «مانا، خۇدايىمىز مۇشۇ، بىز ئۇنىڭغا تەلمۈرۈپ كەلگەن، ئۇ بىزنى قۇتقۇزىدۇ؛ مانا، مۇشۇ پەرۋەردىگاردۇر، بىز ئۇنىڭغا تەلمۈرۈپ كەلگەن، بىز شادلىنىپ ئۇنىڭ نىجات-قۇتۇلدۇرۇشىدىن خۇرسەن بولىمىز. 9
چۈنكى مۇشۇ تاغقا پەرۋەردىگارنىڭ قولى قونۇپ تۇرىدۇ؛ ۋە سامان ئازگالدا تېزەك بىلەن چەيلەنگەندەك، موئاب ئۇنىڭ پۇتلىرى ئاستىدا چەيلىنىدۇ؛ 10
[موئاب] ئاشۇ [تېزەكلىك] ئازگالدىن ئۈزۈپ چىقىش ئۈچۈن قولىنى كېرىدۇ، بىراق ئۇنىڭ قولى چېۋەر بولغىنى بىلەن، [رەب] ئۇنىڭ تەكەببۇرلۇقىنى پەس قىلىدۇ. 11
ئۇ سېپىللىرىڭنىڭ ئېگىز مۇداپىئەلىك قورغانلىرىنى غۇلىتىپ، يەر بىلەن يەكسان قىلىپ، توپا-چاڭغا ئايلاندۇرىدۇ. 12

< يەشايا 25 >