< يەشايا 24 >

مانا، پەرۋەردىگار يەر يۈزىنى بەربات، ۋەيران قىلىپ، ئۇنى ئاستىن-ئۈستىن قىلىۋېتىپ، ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارنى تەرەپ-تەرەپكە تارقىتىدۇ؛ 1
شۇ ۋاقىتتا شۇنداق بولىدۇكى، خەلقلەر قانداق بولسا، كاھىن شۇنداق بولىدۇ؛ قۇل قانداق بولسا، خوجايىنى شۇنداق بولىدۇ؛ دېدەك قانداق بولسا، ئايال خوجايىنى شۇنداق بولىدۇ؛ سېتىۋالغۇچى قانداق بولسا، سېتىۋەتكۈچى شۇنداق بولىدۇ؛ ئۆتنە ئالغۇچى قانداق بولسا، ئۆتنە بەرگۈچى شۇنداق بولىدۇ؛ ئۆسۈم ئالغۇچى قانداق بولسا، ئۆسۈم بەرگۈچى شۇنداق بولىدۇ. 2
يەر يۈزى پۈتۈنلەي بەربات قىلىنىدۇ، پۈتۈنلەي بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار مۇشۇ سۆزنى قىلدى. 3
يەر يۈزى ماتەم تۇتىدۇ، ئۇ زەئىپلىشىدۇ، جاھان ھالسىزلىنىپ زەئىپلىشىدۇ، يەر يۈزىدىكى بەگ-تۆرىلەرمۇ ھالىدىن كېتىدۇ. 4
يەر-زېمىن ئۆزىدە تۇرۇۋاتقانلار تەرىپىدىن بۇلغىنىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار كۆرسەتمە-قانۇندىن چەتلىگەن؛ [تەبىئەتنىڭ] قانۇنىيەت-تەرتىپىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن، مەڭگۈلۈك ئەھدىنىمۇ يوققا چىقىرىۋەتكەن. 5
شۇڭا لەنەت يەر يۈزىنى يۇتۇۋالىدۇ، ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلار «گۇناھى بار» دەپ ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا يەر يۈزىدىكىلەر يۇتۇۋېلىنىدۇ، ئىنسانلار ئاز قالىدۇ. 6
يېڭى شاراب تۈگەي دەپ قالدى، ئۈزۈم تاللىرى بولسا سولىشىپ كېتىدۇ؛ كەيپلىكتىن كۆڭلى خۇش ئادەملەرمۇ ئۇھ تارتىشىدۇ؛ 7
داپلارنىڭ شوخ سادالىرى توختايدۇ، كۆڭۈل ئېچىۋاتقانلارنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرىمۇ تۈگەيدۇ، چىلتارنىڭ شادلىق مۇڭلىرىمۇ توختايدۇ. 8
شاراب ئىچكەنلەرنىڭمۇ ناخشىسى يوقايدۇ؛ ھاراق ئىچكەنلەرگە ھاراق ئاچچىق تۇيۇلىدۇ. 9
تەرتىپسىز، مەنىسىز شەھەر بۇزۇلىدۇ؛ ھېچكىم كىرمىسۇن دەپ ھەممە ئۆيلەر ئېتىلىدۇ؛ 10
كوچىلاردا شاراب ئۈچۈن نالە-پەرياد كۆتۈرۈلىدۇ؛ بار شاد-خۇراملىق تۈتەككە ئايلىنىدۇ؛ يەر-زېمىندىكى شادلىق يوقايدۇ. 11
شەھەردە پەقەت ۋەيرانچىلىقلا قالىدۇ، دەرۋازا بولسا چېقىلغان، ھەممىسى ــ خاراب بولىدۇ! 12
چۈنكى خەلق-مىللەتلەرنىڭ ئارىسىدا، يەر-جاھاننىڭ ئوتتۇرىسىدا شۇنداق بولىدۇكى، زەيتۇن دەرىخىنى قاققاندىن كېيىن قېپ قالغان زەيتۇنلاردەك، ئۈزۈم ھوسۇلىنى يىغىۋالغاندىن كېيىن تەرگۈدەك بىرنەچچىلا ئۈزۈم قالغاندەك، بىر قالدىسى قالدۇرۇلىدۇ. 13
[قالدىلار] بولسا ئاۋازلىرىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ؛ پەرۋەردىگارنىڭ ھەيۋىسىگە قاراپ تەنتەنە قىلىدۇ؛ ئۇلار دېڭىز تەرەپتىن سۈرەن سالىدۇ. 14
شۇڭا پەرۋەردىگارنى شەرقتىمۇ، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى غەربتىكى يىراق ئاراللاردىمۇ ئۇلۇغلاڭلار؛ 15
جاھاننىڭ چەت-چەتلىرىدىن بىز ناخشىلارنى ئاڭلىدۇق: ــ «ھەققانىي بولغۇچىغا شان-شەرەپ بولسۇن!» بىراق مەن شۇنداق دېدىم: ــ «ئاھ، مېنىڭ ياداڭغۇلۇقۇم! مېنىڭ ياداڭغۇلۇقۇم! ھالىمغا ۋاي! چۈنكى خائىنلار خائىنلىق قىلىۋاتىدۇ؛ بەرھەق، خائىنلار نومۇسسىزلارچە خائىنلىق قىلىۋاتىدۇ! 16
ئى يەر يۈزىدە تۇرۇۋاتقان ئىنسانلار! ۋەھىمە، ئورا ۋە تۇزاق بېشىڭغا چۈشىدۇ؛ 17
ۋە شۇنداق بولىدۇكى، ۋەھىمە ساداسىدىن قاچقانلار ئورىغا چۈشىدۇ، ئورىدىن چىققان بولسا تۇزاققا تۇتۇلىدۇ. چۈنكى ئاسماندىكى دېرىزىلەر ئېچىلىدۇ، يەر ئۇللىرى تەۋرەپ كېتىدۇ. 18
يەر مۇتلەق دەزلىنىپ كېتىدۇ، يەر پۈتۈنلەي پارە-پارە بولۇپ كېتىدۇ، يەر دەھشەتلىك تەۋرىنىدۇ. 19
يەر مەست ئادەمدەك ئىلەڭ-سىلەڭ ماڭىدۇ؛ خۇددى لاپاستەك ئىرغاڭشىپ قالىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭدىكى ئاسىيلىق گۇناھى ئۆزىنى قاتتىق باسىدۇ، ئۇ يىقىلىپ، ئىككىنچى تۇرالمايدۇ. 20
شۇ كۈنىدە شۇنداق بولىدۇكى، پەرۋەردىگار يۇقىرىدا تۇرغان قوشۇنلارنى يۇقىرىدا، ۋە يەر يۈزىدىكى پادىشاھلارنى يەر يۈزىدە جازالايدۇ. 21
ئۇلار ئورەككە يىغىلىدىغان بىر توپ ئەسىرلەردەك يىغىۋېلىنىدۇ، گۇندىخانىغا سولاپ قويۇلىدۇ. نۇرغۇن كۈنلەردىن كېيىن ئۇلار جازالىنىدۇ. 22
ئاي ئۇياتلىقتا قالىدۇ؛ كۈنمۇ خىجىل بولۇپ كۆرۈنمەيدۇ؛ چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار زىئون تېغىدا، يەنى يېرۇسالېمدا سەلتەنىتىنى يۈرگۈزىدۇ؛ ئۇنىڭ شان-شەرىپى ئۆز ئاقساقاللىرى ئالدىدا پارلايدۇ! 23

< يەشايا 24 >