< يەشايا 23 >

تۇر توغرۇلۇق يۈكلەنگەن ۋەھىي: ــ ــ ئى تارشىشتىكى كېمىلەر، ئاھ-زار كۆتۈرۈڭلار! چۈنكى ئۇ خاراب قىلىندى، شۇ يەردە ئۆي يوق، پورتمۇ يوق. سېپرۇس ئارىلىدىن بۇ خەۋەر [كېمىدىكىلەر]گە ئايان قىلىنىدۇ. 1
زىدوندىكى سودىگەرلەر دېڭىزدىن ئۆتۈپ سىلەرنى تەمىنلەپ كەلدى، ئى ئارالدىكىلەر، ئەمدى شۈك بولۇڭلار! 2
شىھوردىكى بىپايان سۇلار ئۈستىدىن يۆتكىگەن دانلار، يەنى نىل دەرياسىنىڭ ھوسۇلى تۇرنىڭ دارامىتى بولغانىدى؛ ئۇ ئەللەرنىڭ بازىرى بولغانىدى! 3
ئى زىدون، خىجالەت بول، چۈنكى دېڭىز ــ يەنى تۇرغا قورغان بولغان دېڭىز دەيدۇكى: ــ «مەندە ھېچ تولغاق بولمىدى، ھېچ تۇغمىدىم، يىگىتلەرنى ياكى قىزلارنى ھېچ باقمىغاندەكمەن!» 4
مۇشۇ خەۋەر مىسىرغا يەتكەندە، ئۇلارمۇ بۇ خەۋەر خۇددى تۇرغا كەلگەندەك قاتتىق ئازابلىنىدۇ. 5
ــ سىلەر دېڭىزدىن ئۆتۈپ تارشىشقا كېتىڭلار! ئى دېڭىز بويىدىكىلەر، ئاھ-زار كۆتۈرۈڭلار! 6
سىلەرنىڭ قەدىم ئەييامدىن بار بولغان، شاد-خۇراملىققا تولغان شەھىرىڭلار مۇشۇمۇ؟! مانا ئۇلارنىڭ پۇتلىرى ئۆزلىرىنى مۇساپىر قىلىشقا يىراقلارغا كۆتۈرۈپ بارىدۇ! 7
تاجلارنى ئىلتىپات قىلغۇچى بولغان، سودىگەرلىرى ئەمىرلەر بولغان، دەللاللىرى جاھاندا ئابرۇيلۇقلار ھېسابلانغان تۇرنىڭ بۇ تەغدىرىنى كىم بېكىتكەن؟ 8
ــ بۇلارنى بېكىتكۈچى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگاردۇر! مەقسىتى بولسا شان-شۆھرەتتىن كېلىپ چىققان جىمى تەكەببۇرلۇقنى رەسۋا قىلىش، جاھاندىكى جىمىكى يۈز-ئابرۇيلۇقلارنى پەسلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت! 9
تارشىشنىڭ قىزى، نىل دەرياسىدەك ئۆز زېمىنىڭدا ئەركىن-ئازادە يايرا! چۈنكى [تۇردىن] كەلگەن تىزگىن ھازىر يوق. 10
چۈنكى پەرۋەردىگار قولىنى دېڭىز ئۈستىگە ئۇزىتىپ، دۆلەتلەرنى تەۋرىتىدۇ. ئۇ قانائان توغرۇلۇق ئەمر قىلغان، ئۇنىڭدىكى قەلئە-قورغانلارنى يوقۇتۇلسۇن دەپ پەرمان چۈشۈرگەن. 11
ۋە: ــ «ئى باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان زىدون قىزى، سەن ئىككىنچى ھېچ تەنتەنە قىلمايسەن، ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، سېپرۇس ئارىلىغا ئۆتۈپ كەتكىن، ھەتتا شۇ يەردە سەن ھېچ ئارام تاپمايسەن» ــ دېدى. 12
قاراڭلار، بابىل-كالدىيلەرنىڭ زېمىنىنى! بۇ يەرنىڭ خەلقى بولۇپ باقمىغاندەك قىلىدۇ؛ ئاسۇرىيە ئۇنى چۆل-باياۋان جانىۋارلىرى ئۈچۈن ماكان قىلغان؛ پوتەيلەرنى ياساپ، ئۇلارنىڭ ساراي-ئوردىلىرىنى ۋەيران قىلىپ، خارابىلىككە ئايلاندۇرۇۋەتكەن. 13
ئى تارشىشتىكى كېمىلەر، ئاھ-زار كۆتۈرۈڭلار! چۈنكى قورغىنىڭلار خاراب قىلىندى. 14
ۋە شۇ كۈنى بولىدۇكى، پادىشاھنىڭ كۈنلەرنى ھېسابلىغىنىدەك، تۇر يەتمىش يىل ئۇنتۇلىدۇ. يەتمىش يىل ئۆتكەندىن كېيىن، تۇرنىڭ ئەھۋالى پاھىشە ئايالنىڭ ناخشىسىدەك بولىدۇ؛ 15
چىلتارنى ئېلىپ، شەھەرنى ئايلىنىپ يۈر، ئى ئۇنتۇلغان پاھىشە ئايال! ئۆزۈڭگە يەنە خەقنىڭ دىققىتىنى تارتاي دېسەڭ، يېقىملىق بىر پەدە چېلىپ، كۆپرەك ناخشىلارنى ئېيت! 16
ئەمدى شۇنداق بولىدۇكى، يەتمىش يىلنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، پەرۋەردىگار تۇرنى يوقلايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەنە ئۆزىنى ئىجارىگە بېرىپ، يەر يۈزىدىكى ھەممە پادىشاھلىقلار بىلەن يەنە بۇزۇقچىلىق قىلىدۇ؛ 17
شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ماللىرى ۋە ئۆزىنى سېتىپ، تاپقان پۇلى بولسا پەرۋەردىگارغا ئاتىلىپ مۇقەددەس بولىدۇ؛ ئۇ خەزىنىگە سېلىنمايدۇ ياكى توپلانمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ مۇشۇ سودىسى بولسا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرغانلار ئۈچۈن ئايرىم قىلىنىدۇ؛ ئۇ ئۇلارغا قانغۇچە يەپ-ئىچىشكە، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئېسىل كىيىم-كېچەكلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. 18

< يەشايا 23 >