< يەشايا 22 >

ئالامەت كۆرۈنۈش بېرىلگەن جىلغا توغرىسىدا يۈكلەنگەن ۋەھىي: ــ سىلەر ھەممىڭلار ئۆگزىلەرنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالغىنىڭلار زادى نېمە قىلغىنىڭلار؟ 1
The burden of the valley of vision. What ails you now, that you have all gone up to the housetops?
سىلەر خۇشاللىق دەبدەبىسىنى كۆتۈرىدىغان، ۋاراڭ-چۇرۇڭغا تولغان يۇرت، شادلىنىدىغان شەھەر؛ سىلەردىن ئۆلتۈرۈلگەنلەر قىلىچ بىلەن چېپىلغان ئەمەس، ياكى جەڭلەردە ئۆلگەن ئەمەس؛ 2
You that are full of shouting, a tumultuous city, a joyous town, your slain are not slain with the sword, neither are they dead in battle.
ئەمىرلىرىڭلارنىڭ ھەممىسى بىراقلا قېچىشتى؛ ئۇلار ئوقياسىز ئەسىر بولدى؛ يىراققا قاچقان بولسىمۇ، سىلەردىن تېپىۋېلىنغانلارنىڭ ھەممىسى بىرلىكتە ئەسىر بولدى. 3
All your rulers fled away together. They were bound by the archers. All who were found by you were bound together. They fled far away.
شۇڭا مەن: ــ «نەزىرىڭلارنى مېنىڭدىن ئېلىڭلار؛ مېنى قاتتىق يىغلاشقا قويۇڭلار؛ خەلقىمنىڭ بۇلىنىپ كېتىشى توغرۇلۇق ماڭا تەسەللى بېرىشكە ئالدىراپ ئۆزۈڭلارنى ئۇپراتماڭلار» ــ دېدىم. 4
Therefore I said, “Look away from me. I will weep bitterly. Don’t labor to comfort me for the destruction of the daughter of my people.
چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگاردىن «ئالامەت كۆرۈنۈش بېرىلگەن جىلغا»نىڭ بېشىغا بىر كۈن چۈشىدۇ، ئۇ بولسا ئاۋارىچىلىك بولىدىغان، ئاياغ ئاستى قىلىنىپ پېتىقدىلىدىغان، ئادەملەر قايمۇقتۇرۇلىدىغان، سېپىل سوقۇلۇپ چېقىلىدىغان، تاغلارغا قاراپ يالۋۇرۇپ چىرقىرايدىغان بىر كۈنى بولىدۇ. 5
For it is a day of confusion, and of treading down, and of perplexity from the Lord, GOD of Hosts, in the valley of vision, a breaking down of the walls, and a crying to the mountains.”
ئېلام جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئادەملىرى بىلەن، ئاتلىق ئەسكەرلىرى بىلەن ئوقداننى كۆتۈرۈپ كېلىدۇ، كىر بولسا قالقاننى ئېچىپ تەييار قىلىدۇ. 6
Elam carried his quiver, with chariots of men and horsemen; and Kir uncovered the shield.
ۋە شۇنداق بولىدۇكى، ئەڭ گۈزەل جىلغىلىرىڭ جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن تولۇپ كېتىدۇ، ئاتلىق ئەسكەرلەر دەرۋازاڭ ئالدىدا سەپ تارتىپ تۇرىدۇ. 7
Your choicest valleys were full of chariots, and the horsemen set themselves in array at the gate.
ئۇلار يەھۇدانىڭ ئۈستىدىكى قالقاننى ئېلىپ تاشلايدۇ؛ بىراق سەن [زىئون] شۇ كۈنىدە «ئورمان سارايى»دىكى قوراللارغا ئۈمىد باغلىغانسەن؛ 8
He took away the covering of Judah; and you looked in that day to the armor in the house of the forest.
سىلەر داۋۇتنىڭ شەھىرىنىڭ بۆسۈلگەن جايلىرىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، پەستىكى كۆلچەك سۇلىرىنى بىر يەرگە يىغىپ سۇ ئامبىرى قىلدىڭلار؛ 9
You saw the breaches of David’s city, that they were many; and you gathered together the waters of the lower pool.
يېرۇسالېمدىكى ئۆيلەرنى ساناپ، ئۇلاردىن بەزىلىرىنى بۇزۇپ سېپىلنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئىشلەتتىڭلار، 10
You counted the houses of Jerusalem, and you broke down the houses to fortify the wall.
شۇنداقلا كونا كۆلچەكتىكى سۇلارنى ئىككى سېپىل ئوتتۇرىسىغا يىغىپ ئامبار قىلدىڭلار؛ بىراق مۇشۇلارنى ياراتقۇچىغا ھېچ قارىمىدىڭلار، بۇرۇندىن بۇرۇن بۇلارنى شەكىللەندۈرۈپ بېكىتكۈچىگە ھېچ ئۈمىد باغلىمىدىڭلار! 11
You also made a reservoir between the two walls for the water of the old pool. But you didn’t look to him who had done this, neither did you have respect for him who planned it long ago.
شۇ كۈنى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار سىلەرنى يىغلاپ ماتەم تۇتۇشقا، چاچنى چۈشۈرۈپ پاينەكباش بولۇشقا، بۆز كىيىم كىيىشكە مۇراجىئەت قىلدى. 12
In that day, the Lord, GOD of Hosts, called to weeping, to mourning, to baldness, and to dressing in sackcloth;
بىراق بۇلارنىڭ ئورنىدا، مانا خۇشاللىق ۋە شادلىق، كالىلارنى سويۇش، قويلارنى بوغۇزلاش، گۆشلەرنى يېيىش، شارابلارنى ئىچىش، «يەيلى، ئىچەيلى، چۈنكى ئەتە دۇنيادىن كېتىمىز» ــ دېيىشلەر بولدى! 13
and behold, there is joy and gladness, killing cattle and killing sheep, eating meat and drinking wine: “Let’s eat and drink, for tomorrow we will die.”
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار تەرىپىدىن قۇلىقىمغا ئايان قىلىندىكى، «بەرھەق، مۇشۇ گۇناھ سىلەر ئۆلمىگۈچە كەچۈرۈلمەيدۇ» ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار. 14
The LORD of Hosts revealed himself in my ears, “Surely this iniquity will not be forgiven you until you die,” says the Lord, GOD of Hosts.
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار مانا شۇنداق دەيدۇ: ــ «بارغىن، مۇشۇ غوجىدار، ئوردىنى باشقۇرىدىغان مۇشۇ شەبنانىڭ يېنىغا كىرگىن، ئۇنىڭغا: ــ 15
The Lord, GOD of Hosts says, “Go, get yourself to this treasurer, even to Shebna, who is over the house, and say,
ساڭا مۇشۇ يەردە نېمە بار؟ ياكى مۇشۇ يەردە كىمىڭ بار؟ بىرسى ئېگىزلىككە ئۆزى ئۈچۈن بىر گۆر قازغاندەك، ئۆزى قورام تاشتىن بىر قونالغۇنى يونۇغاندەك، ئۆزۈڭ ئۈچۈن بىر گۆر كولىدىڭمۇ؟ 16
‘What are you doing here? Who has you here, that you have dug out a tomb here?’ Cutting himself out a tomb on high, chiseling a habitation for himself in the rock!”
مانا ھەي پالۋان، پەرۋەردىگار سېنى ئۆز چاڭگىلىغا ئېلىپ، چىڭ سىقىمداپ، 17
Behold, the LORD will overcome you and hurl you away violently. Yes, he will grasp you firmly.
ئاندىن پومداقتەك سېنى بىپايان، يىراق بىر زېمىنغا تاشلىۋېتىدۇ. سەن ئاشۇ يەردە ئۆلىسەن، ھەم ئاشۇ يەردە ھەيۋەتلىك جەڭ ھارۋىلىرىڭمۇ قالىدۇ، ئى غوجاڭنىڭ جەمەتىگە شەرمەندىلىك كەلتۈرگۈچى! 18
He will surely wind you around and around, and throw you like a ball into a large country. There you will die, and there the chariots of your glory will be, you disgrace of your lord’s house.
مەن سېنى مەنسىپىڭدىن ئېلىۋېتىمەن، شۇنىڭ بىلەن سېنى ئورنۇڭدىن چۈشۈرىۋېتىمەن. 19
I will thrust you from your office. You will be pulled down from your station.
شۇ كۈنىمۇ شۇنداق بولىدۇكى، مەن ھىلقىيانىڭ ئوغلى ئۆز قۇلۇم بولغان ئېلىئاكىمنى چاقىرىمەن؛ 20
It will happen in that day that I will call my servant Eliakim the son of Hilkiah,
سېنىڭ تونۇڭنى كىيدۈرىمەن، سېنىڭ پوتاڭ بىلەن ئۇنىڭ بېلىنى چىڭ قىلىمەن؛ ھۆكۈمرانلىقىڭنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ يېرۇسالېمدىكىلەرگە ۋە يەھۇدا جەمەتىگە ئاتا بولىدۇ. 21
and I will clothe him with your robe, and strengthen him with your belt. I will commit your government into his hand; and he will be a father to the inhabitants of Jerusalem, and to the house of Judah.
داۋۇت جەمەتىنىڭ ئاچقۇچىنى مەن ئۇنىڭ مۈرىسىدە قويىمەن؛ ئۇ ئاچسا، ھېچكىم ئېتەلمەيدۇ، ئەتسە، ھېچكىم ئاچالمايدۇ. 22
I will lay the key of David’s house on his shoulder. He will open, and no one will shut. He will shut, and no one will open.
مەن ئۇنى مۇقىم بىر جايغا قوزۇق قىلىپ بېكىتىمەن؛ ئۇ بولسا ئاتىسىنىڭ جەمەتى ئۈچۈن شەرەپلىك ھوقۇق-تەخت بولىدۇ؛ 23
I will fasten him like a nail in a sure place. He will be for a throne of glory to his father’s house.
خەلق ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتىسىنىڭ جەمەتىنىڭ بارلىق شۆھرەتلىرىنى يۈكلەيدۇ؛ يەنى بارلىق ئۇرۇق-نەسىللىرىنى، بارلىق كىچىك قاچا-قۇچىلارنى، پىيالە-جاملاردىن تارتىپ بارلىق كۈپ-ئىدىشلارغىچە ئاسىدۇ. 24
They will hang on him all the glory of his father’s house, the offspring and the issue, every small vessel, from the cups even to all the pitchers.
شۇ كۈنىدە ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار: ــ مۇقىم جايغا بېكىتىلگەن قوزۇق بولسا، ئېگىلىپ كېتىدۇ ۋە كېسىپ تاشلىنىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېسىلغان يۈكلەر ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ»، ــ چۈنكى پەرۋەردىگار شۇنداق دېگەنىدى. 25
“In that day,” says the LORD of Hosts, “the nail that was fastened in a sure place will give way. It will be cut down and fall. The burden that was on it will be cut off, for the LORD has spoken it.”

< يەشايا 22 >