< يەشايا 21 >

«دېڭىزنىڭ چۆل-باياۋىنى» توغرىسىدا يۈكلەنگەن بىر ۋەھىي: ــ «جەنۇب تەرەپتە قويۇنتازلار ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندەك، دەھشەتلىك زېمىندىن بىر نېمىلەر كېلىۋاتىدۇ!». 1
ــ ئازابلىق بىر ۋەھىي-كۆرۈنۈش ماڭا ئايان قىلىندى؛ خائىن خائىنلىق قىلىۋاتىدۇ، بۇلاڭچى بۇلاڭچىلىق قىلىۋاتىدۇ. «ئى ئېلام، ئورنۇڭدىن تۇر، چىق! مېدىئا، مۇھاسىرە قىلىپ قورشىۋال!» ئۇنىڭ سەۋەبىدىن كۆتۈرۈلگەن ھەممە نالە-پەريادلارنى تۈگىتىۋەتتىم. 2
ــ شۇڭا ئىچ-باغرىم ئاغرىق-ئازاب بىلەن تولدى، تولغىقى تۇتقان ئايالنىڭ ئازابلىرىدەك، كۆرگەنلىرىمدىن تولغىنىپ كەتتىم، ئاڭلىغىنىمدىن پاراكەندە بولدۇم. 3
شۇڭا كۆڭلۈم پاراكەندە بولۇپ ھاسىراپ كەتتىم، مېنى دەھشەت قورقۇنچ باستى؛ ئۇ مەن زوق ئالىدىغان كېچىنى ساراسىمە بولىدىغان كېچىگە ئايلاندۇردى. 4
ئۇلار داستىخان ۋە گىلەم-كۆرپىلەرنىمۇ سالىدۇ؛ ئۇلار يېيىشىدۇ، ئىچىشىدۇ؛ «ھەي ئېسىلزادىلەر، ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ قالقاننى مايلاڭلار!» 5
چۈنكى رەب ماڭا: ــ «بارغىن، كۆرگەنلىرىنى ئەينى بويىچە ئېيتىدىغان بىر كۆزەتچىنى تەخلەپ قويغىن» ــ دېگەنىدى. 6
ــ «ئۇ جەڭ ھارۋىلىرىنى، جۈپ-جۈپ ئاتلىق ئەسكەرلەرنى، جەڭ ھارۋىلىرىنى ئېشەكلەر بىلەن، جەڭ ھارۋىلىرىنى تۆگىلەر بىلەن كۆرگەندە، ئۇ دىققەت بىلەن، ناھايىتى دىققەت بىلەن كۆزەتسۇن!» 7
ئۇ جاۋابەن شىردەك توۋلىدى: ــ «رەب، مەن كۆزەت مۇنارىدا ئۈزلۈكسىز كۈن بويى تۇرىمەن، ھەر كېچىدە كۆزەتتە تۇرىمەن؛ 8
ــ ۋە مانا، ئۇ جەڭ ھارۋىلىرى جۈپ-جۈپ ئاتلىق ئەسكەرلەر بىلەن كېلىۋاتىدۇ!» ۋە يەنە جاۋاب بېرىپ شۇنداق دېگەن: ــ بابىل بولسا يىقىلدى، يىقىلىپ چۈشتى، ۋە ئۇ ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ ھەربىر ئويما مەبۇدلىرىنى يەرگە تاشلاپ پارە-پارە قىلىۋەتتى!». 9
ــ ئى مېنىڭ تېپىلگەن دانلىرىم، مېنىڭ خامىنىمدىكى بۇغدايلىرىم، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگاردىن ئاڭلىغاننى سىلەرگە ئېيتىپ بەردىم! 10
«دۇماھ» توغرۇلۇق يۈكلەنگەن ۋەھىي؛ بىرسى سېئىردىن كېلىپ مەندىن: ــ «ئى كۆزەتچى، كېچىنىڭ قانچىلىكى ئۆتتى؟ ئى كۆزەتچى، كېچىنىڭ قانچىلىكى ئۆتتى؟» ــ دەپ سورايدۇ. 11
كۆزەتچى جاۋابەن مۇنداق دەيدۇ: ــ «سەھەر كېلىدۇ، كېچىمۇ كېلىدۇ؛ يەنە سورىغىڭ بولسا، يەنە كېلىپ سورا؛ يولۇڭدىن قايتىپ ماڭا يېقىن كەل!» 12
ئەرەبىيەنىڭ كېچىسى توغرۇلۇق يۈكلەنگەن ۋەھىي: ــ «ئى دېدانلىقلارنىڭ كارۋانلىرى، سىلەر ئەرەبىيەدىكى جاڭگالدا قونۇپ قالىسىلەر؛ 13
ئۇسساپ كەتكەنلەرگە سۇ ئاپىرىپ بېرىڭلار! ئى تېمادىكىلەر، نانلىرىڭلارنى ئېلىپ قاچقانلارنى كۈتۈۋېلىڭلار! 14
چۈنكى ئۇلار قىلىچلاردىن، غىلاپتىن ئېلىنغان قىلىچتىن، كېرىلگەن ئوقيادىن، ئۇرۇشنىڭ ئازابىدىن قاچىدۇ. 15
چۈنكى رەب ماڭا شۇنداق دېگەن: ــ بىر يىل ئىچىدە مەدىكار ھېسابلىغاندەك، ئاندىن كېدارنىڭ بار شەرىپى يوقىلىدۇ، 16
ئوقياچىلارنىڭ قالدۇقلىرى، يەنى كېدارنىڭ پالۋان-باتۇر بولغان ئوغۇللىرى ئاز قالىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى شۇنداق سۆز قىلغان». 17

< يەشايا 21 >