< يەشايا 2 >

بۇلار ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا يېرۇسالېم ۋە يەھۇدا توغرىسىدا كۆرگەن كالامدۇر: ــ 1
ئاخىر زامانلاردا، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى جايلاشقان تاغ تاغلارنىڭ بېشى بولۇپ بېكىتىلىدۇ، ھەممە دۆڭ-ئېگىزلكتىن ئۈستۈن قىلىپ كۆتۈرۈلىدۇ؛ بارلىق ئەللەر ئۇنىڭغا قاراپ ئېقىپ كېلىشىدۇ. 2
نۇرغۇن خەلق-مىللەتلەر چىقىپ بىر-بىرىگە: ــ «كېلىڭلار، بىز پەرۋەردىگارنىڭ تېغىغا، ياقۇپنىڭ خۇداسىنىڭ ئۆيىگە چىققايلى؛ ئۇ ئۆز يوللىرىدىن بىزگە ئۆگىتىدۇ، بىز ئۇنىڭ تەرىقىلىرىدە ماڭىمىز» ــ دېيىشىدۇ. ــ چۈنكى قانۇن-يوليورۇق زىئوندىن، پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامى يېرۇسالېمدىن چىقىدىغان بولىدۇ. 3
ئۇ ئەللەر ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ، نۇرغۇن خەلقلەرنىڭ ھەق-ناھەقلىرىگە كېسىم قىلىدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن ئۇلار قىلىچلىرىنى ساپان چىشلىرى، نەيزىلىرىنى ئورغاق قىلىپ سوقۇشىدۇ؛ بىر ئەل يەنە بىر ئەلگە قىلىچ كۆتۈرمەيدۇ، ئۇلار ھەم يەنە ئۇرۇشنى ئۆگەنمەيدۇ. 4
ــ «ئى ياقۇپ جەمەتىدىكىلەر، كېلىڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ نۇرىدا ماڭايلى!». 5
ــ سەن ئۆز خەلقىڭ بولغان ياقۇپ جەمەتىنى تاشلاپ قويدۇڭ؛ چۈنكى ئۇلار شەرقتىكى خۇراپاتلار بىلەن تولدۇرۇلدى؛ ئۇلار فىلىستىيلەردەك پال سالىدۇ؛ ئۇلار چەتئەللىكلەر بىلەن قول تۇتۇشىدۇ؛ 6
زېمىنى بولسا ئالتۇن-كۈمۈشكە تولۇپ كەتتى؛ بايلىقلىرى تۈگىمەس؛ يەر-زېمىنى ئاتلارغىمۇ تولۇپ كەتتى، جەڭ ھارۋىلىرى ھەم تۈگىمەس؛ 7
زېمىنى بۇتلار بىلەنمۇ لىق بولۇپ كەتتى؛ ئۇلار ئۆز قوللىرى بىلەن ياسىغانلىرىغا، بارماقلىرى بىلەن شەكىللەندۈرگەنلىرىگە سەجدە قىلىشىدۇ. 8
شۇنىڭ بىلەن پۇقرالار ئېگىلدۈرۈلىدۇ، مۆتىۋەرلەرمۇ تۆۋەن قىلىنىدۇ؛ سەن ئۇلارنىڭ قەددىنى رۇسلىمايسەن ھەم ھېچ كەچۈرۈم قىلمايسەن. 9
ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ ۋەھشىتىدىن، ھەيۋىسىنىڭ شان-شەرىپىدىن ئۆزۈڭنى قاچۇر، [خادا] تاشلار ئىچىگە كىرىۋال، توپا-چاڭلار ئىچىگە مۆكۈۋال! 10
چۈنكى ئادەمنىڭ تەكەببۇر كۆزلىرى يەرگە قارىتىلىدۇ، ئىنسانلارنىڭ ھاكاۋۇرلۇقى پەس قىلىنىدۇ؛ شۇ كۈنىدە يالغۇز پەرۋەردىگارلا ئۈستۈن دەپ مەدھىيىلىنىدۇ. 11
چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ شۇنداق بىر كۈنى تەييار تۇرىدۇ: ــ شۇ كۈنى ھەربىر تەكەببۇر ۋە مەمەدانلارنىڭ ئۈستىگە، ئۆزىنى يۇقىرى سانىغانلارنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ (شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەس قىلىنىدۇ!)، 12
شۇنىڭدەك لىۋاننىڭ ئېگىز، پەلەككە يېتىدىغان بارلىق كېدىر دەرەخلىرىنىڭ ئۈستىگە، باشاندىكى بارلىق دۇب دەرەخلىرىنىڭ ئۈستىگە، 13
ئېگىز تاغلارنىڭ ھەممىسىگە، يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بارلىق دۆڭلەرنىڭ ئۈستىگە، 14
ھەربىر ھەيۋەتلىك مۇنارنىڭ ئۈستىگە، ھەربىر مۇستەھكەم سېپىلنىڭ ئۈستىگە، 15
تارشىشتىكى ھەربىر سودا كېمىسىنىڭ ئۈستىگە، شۇنداقلا بارلىق گۈزەل كېمە گەۋدىسىنىڭ ئۈستىگە شۇ كۈنى چۈشۈشكە تەييار تۇرىدۇ. 16
ئادەملەرنىڭ كۆرەڭلىكى تۆۋەن قىلىنىپ چۈشۈرۈلۈپ، ئىنسانلارنىڭ تەكەببۇرلىقى پەس قىلىنىدۇ، شۇ كۈنىدە يالغۇز پەرۋەردىگارلا ئۈستۈن دەپ مەدھىيىلىنىدۇ. 17
بۇتلار بولسا ھەممىسى كۆزدىن يوقىلىدۇ. 18
پەرۋەردىگار يەرنى دەھشەتلىك سىلكىندۈرۈشكە ئورنىدىن تۇرىدىغان چاغدا، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۇنىڭ ۋەھشىتىدىن، ئۇنىڭ ھەيۋىسىنىڭ شان-شەرىپىدىن قاچۇرۇپ، خادا تاش غارلىرىنىڭ ئىچىگە، يەر يۈزىدىكى ئۆڭكۈرلەرگە كىرىۋالىدۇ؛ 19
شۇ كۈنىدە كىشىلەر ئۆزىگە چوقۇنۇشقا ياسىغان كۈمۈش بۇتلىرى ۋە ئالتۇن بۇتلىرىنى قارىغۇ چاشقانلارغا ۋە شەپەرەڭلەرگە تاشلاپ بېرىدۇ؛ 20
پەرۋەردىگار يەرنى دەھشەتلىك سىلكىندۈرۈشكە ئورنىدىن تۇرىدىغان چاغدا، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۇنىڭ ۋەھشىتىدىن، ئۇنىڭ ھەيۋىسىنىڭ شان-شەرىپىدىن قاچۇرۇپ، خادا تاش چاكلىرىنىڭ ئىچىگە، يارلارنىڭ يېرىقلىرىغا كىرىۋالىدۇ؛ 21
ئۈمىدىڭلارنى نەپىسى دىمىغىدىلا تۇرىدىغان ئىنساندىن ئۈزۈڭلار، چۈنكى ئىنسان زادى نېمە ئىدى؟! 22

< يەشايا 2 >