< يەشايا 19 >

مىسىر توغرۇلۇق يۈكلەنگەن ۋەھىي: ــ مانا، پەرۋەردىگار تېز ئۇچىدىغان بۇلۇت ئۈستىگە مىنىپ، مىسىرغا يېتىپ كېلىدۇ؛ مىسىردىكى بۇتلار ئۇنىڭ ئالدىدا تەۋرىنىپ كېتىدۇ، مىسىرنىڭ يۈرىكى بولسا ئىچىدىن ئېرىپ كېتىدۇ. 1
ــ «ۋە مەن مىسىرلىقلارنى بىر-بىرىگە قارشى قۇترىتىمەن؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز قېرىنداشلىرىغا قارشى تۇرىشىدۇ، ئۆز قوشنىلىرى بىلەنمۇ سوقىشىدۇ؛ شەھەر بىلەن شەھەر، پادىشاھلىق بىلەن پادىشاھلىق بىر-بىرىگە قارشى ئۇرىشىدۇ؛ 2
ۋە مىسىرنىڭ روھى ئۆز ئىچىدىن يوقاپ كېتىدۇ؛ مەن ئۇلارنى مەسلىھەتسىز قالدۇرىمەن؛ شۇڭا ئۇلار بۇتلارنى ۋە ئەرۋاھلارنى، ئەرۋاھلارنى چاقىرغۇچىلارنى ھەم پالچىلارنى ئىزدەپ مەسلىھەت سورايدۇ؛ 3
مەن مىسىرلىقلارنى رەھىمسىز بىر ھۆكۈمراننىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن؛ ئەشەددىي بىر پادىشاھ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ» ــ دەپ جاكارلايدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار؛ 4
ھەم سۇلار «دېڭىز»دىن يوقايدۇ، دەرياسى قاغجىراپ پۈتۈنلەي قۇرۇپ كېتىدۇ؛ 5
دەريالارنى سېسىقچىلىق قاپلايدۇ، مىسىرنىڭ ئۆستەڭ-قاناللىرى قاغجىراپ تۈگەيدۇ؛ قومۇشلار ھەم يېكەنلەر سولىشىدۇ؛ 6
نىل دەرياسى بويىدىكى يەرلەر، نىل دەرياسىنىڭ قۇيۇلۇش ئاغزىدىكى يەرلەر گىياھسىز قالىدۇ، نىل دەرياسى بويىدىكى زىرائەتلەرنىڭ ھەممىسى قۇرۇپ، توزۇپ، يوقىلىدۇ. 7
بېلىقچىلار بولسا زار قاقشايدۇ؛ نىل دەرياسىغا قارماق تاشلىغۇچىلارنىڭ ھەممىسى نالە كۆتۈرىدۇ؛ سۇلارنىڭ ئۈستىگە تور يايغۇچىلارنىڭ بېشى ساڭگىلاپ كېتىدۇ. 8
زىغىرچىلار ھەم لىباس توقۇغۇچىلار خىجالەتچىلىكتە قالىدۇ، 9
جەمئىيەتنىڭ «تۈۋرۈك»لىرى پارە-پارە بولۇپ، مەدىكارلارنىڭ كۆڭلىمۇ يېرىم بولىدۇ. 10
تولىمۇ ئەخمەق زوئان شەھىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى! پىرەۋننىڭ ئەڭ دانا مەسلىھەتچىلىرىدىن ئەخمىقانە مەسلىھەتلەر چىقىدۇ! سىلەر قانداقمۇ پىرەۋنگە: ــ «مەن بولسام دانالارنىڭ ئەۋلادى، قەدىمكى پادىشاھلارنىڭ نەسلىدۇرمەن!» ــ دەۋاتقانسىلەر تېخى؟ 11
[مىسىر]، سېنىڭ دانىشمەنلىرىڭ ھازىر قېنى؟ ئۇلار دانىشمەن بولسا، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ مىسىر توغرۇلۇق نېمىلەرنى كۆڭلىگە پۈككەنلىكىنى ساڭا ئايان قىلسۇن! 12
زوئان شەھىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى نادانلاشتى، مەمفىس شەھىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى ئالدىنىپ كەتتى؛ مىسىر قەبىلىلىرىنىڭ «بۇرجەك تاش»لىرى بولسا ئۇلارنى ئېزىقتۇرۇپ قويدى. 13
پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بىر قايمۇقتۇرغۇچى روھنى ئارىلاشتۇرىۋەتتى؛ شۇڭا بىرسى مەست بولۇپ ئۆز قۇسۇقىدا تېيىلىپ ئەلەڭ-سەلەڭ بولغاندەك، ئۇلار مىسىردىكىلەرنى ھەربىر ئىشىدا ئەلەڭ-سەلەڭ قىلىۋەتتى. 14
شۇنىڭ بىلەن مىسىرغا، باش، قۇيرۇق، پالما شېخى ياكى قومۇشلار قىلالىغۇدەك ھېچقانداق ئامال قالمايدۇ. 15
شۇ كۈنى مىسىردىكىلەر قىز-ئاياللارغا ئوخشاپ قالىدۇ، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار قولىنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تەڭلىشى بىلەن تىترەپ قورقىدۇ، 16
ھەمدە يەھۇدا زېمىنى بولسا مىسىرغا ۋەھىمە بولۇپ قالىدۇ؛ چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگارنىڭ بېكىتكەن ئىرادىسى تۈپەيلىدىن، يەنى ئۇنىڭ ئۆزلىرىگە قارىتىلغان ئىرادىسى تۈپەيلىدىن، كىمگە يەھۇدانىڭ گېپى قىلىنسىلا شۇ چۆچۈيدۇ. 17
شۇ كۈنى قانائاننىڭ تىلى سۆزلەيدىغان، ۋە ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارغا بېقىنىپ سادىقلىق قەسىمى قىلىدىغان مىسىرنىڭ بەش شەھىرى بولىدۇ؛ ئۇلاردىن بىرى «ھالاك شەھىرى» دەپ ئاتىلىدۇ. 18
شۇ كۈنى مىسىرنىڭ زېمىنى ئوتتۇرىسىدا پەرۋەردىگارغا ئاتالغان بىر قۇربانگاھ، ھەم چېگراسىدا پەرۋەردىگارغا ئاتالغان بىر تۈۋرۈك بولىدۇ. 19
بۇلار بولسا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارغا ھەم بەلگە ھەم شاھىت بولىدۇ؛ چۈنكى ئەزگۈچىلەر تۈپەيلىدىن ئۇلار پەرۋەردىگارغا نالە كۆتۈرگەن بولىدۇ؛ ئۇ ئۇلارنى ئەركىنلىككە چىقىرىدىغان بىر قۇتقۇزغۇچى ھەم قوغدىغۇچىنى ئەۋەتىدۇ. 20
پەرۋەردىگار مىسىرلىقلارغا تونۇتۇلۇپ ئايان قىلىنىدۇ؛ شۇ كۈنى مىسىر پەرۋەردىگارنى تونۇيدۇ؛ ئۇلار ئۇنىڭغا قۇربانلىق ئاشلىق ھەدىيەلىرى بىلەن ئىبادەت قىلىدۇ؛ ئۇلار پەرۋەردىگارغا قەسەم ئىچىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىدۇ. 21
پەرۋەردىگار مىسىرنى ئۇرىدۇ؛ ئۇ ئۇلارنى ئۇرىدۇ ھەم ساقايتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ يېنىغا قايتىدۇ، ئۇ ئۇلارنىڭ دۇئا-تىلاۋىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۇلارنى ساقايتىدۇ. 22
شۇ كۈنى مىسىردىن ئاسۇرىيەگە ماڭىدىغان، ئېگىز كۆتۈرۈلگەن تۈز يول ئېچىلىدۇ؛ ئاسۇرىيەلىكلەر مىسىرغا كىرىدۇ، مىسىرلىقلار ئاسۇرىيەگە كىرىدۇ؛ مىسىر ئاسۇرىيە بىلەن بىللە [خۇدانىڭ] خىزمەت-ئىبادىتىدە بولىدۇ. 23
شۇ كۈنى ئىسرائىل مىسىر ۋە ئاسۇرىيە بىلەن بىر بولۇپ، ئۈچىسى، يەر يۈزىدىكىلەرگە بەخت يەتكۈزگۈچىلەر بولىدۇ. 24
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۇلارغا بەخت ئاتا قىلىپ: ــ «خەلقىم بولغان مىسىرغا، ئۆز قولۇمنىڭ ئىجادى بولغان ئاسۇرىيەگە ۋە ئۆز مىراسىم بولغان ئىسرائىلغا بەخت يار بولسۇن!» ــ دەيدۇ. 25

< يەشايا 19 >