< يەشايا 18 >

ئاھ، ئېفىئوپىيە دەريالىرىنىڭ بويلىرىدىكى قاناتلارنىڭ ۋىژىلدىغان ئاۋازلىرى بىلەن قاپلانغان يەر-زېمىن! ــ سەن قومۇش كېمىلەر ئۈستىدە ئەلچىلەرنى دېڭىزدىن ئۆتكۈزۈپ ئەۋەتىسەن؛ ــ ئى يەل تاپان خەۋەرچىلەر، ئېگىز بويلۇق ھەم سىلىق تېرىلىك بىر ئەلگە، يىراق-يېقىنلارغا قورقۇنچ بولىدىغان بىر مىللەتكە، زېمىنى دەريالار تەرىپىدىن بۆلۈنگەن، كۈچلۈك، تاجاۋۇزچى بىر ئەلگە [قايتىپ] بېرىڭلار! 1
2
جاھاندا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى، جىمىكى يەر يۈزىدىكىلەر! تاغلاردا بىر تۇغ كۆتۈرۈلگەندىلا، كۆرۈڭلار! كاناي چېلىنغاندىلا، ئاڭلاڭلار! 3
چۈنكى پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: ــ مەن تىنچلىقتا تۇرىمەن، نۇر ئۈستىدە يالىلداپ تۇرغان ئىسسىقتەك، ئىسسىق ھوسۇل مەزگىلىدىكى شەبنەملىك بۇلۇتتەك، ئۆز تۇرالغۇمدا كۆزىتىمەن؛ 4
چۈنكى ھوسۇل ئېلىش ئالدىدا، ئۈزۈم چېچەكلىگەندىن كېيىن، چېچەكلەر ئۈزۈم بولغاندا، ئۇ پۇتىغۇچى پىچاقلار بىلەن بىخلارنى كېسىپ، ھەم شاخلىرىنى كېسىپ تاشلايدۇ. 5
ئۇلار يىغىشتۇرۇلۇپ تاغدىكى ئالغۇر قۇشلارغا، يەر يۈزىدىكى ھايۋانلارغا قالدۇرۇلىدۇ. ئالغۇر قۇشلار ئۇلاردىن ئوزۇقلىنىپ يازنى ئۆتكۈزىدۇ، يەر يۈزىدىكى ھايۋانلار ئۇلار بىلەن قىشنى ئۆتكۈزىدۇ. 6
شۇ كۈنىدە ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارغا بىر سوۋغات ئېلىپ كېلىنىدۇ؛ يەنى ئېگىز بويلۇق ھەم سىلىق تېرىلىك بىر مىللەتتىن، يىراق-يېقىنلارغا قورقۇنچ بولىدىغان بىر ئەلدىن، زېمىنى دەريالار تەرىپىدىن بۆلۈنگەن، كۈچلۈك، تاجاۋۇزچى بىر مىللەتتىن بېرىلىدۇ؛ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگارنىڭ نامى بولغان جايغا، يەنى زىئون تېغىغا ئېلىپ كېلىنىدۇ. 7

< يەشايا 18 >