< يەشايا 17 >

دەمەشق توغرۇلۇق يۈكلەنگەن ۋەھىي: ــ مانا، دەمەشق شەھەر بولۇپ تۇرۇۋەرمەي، ناھايىتى بىر دۆۋە خارابىلىققا ئايلاندۇرۇلىدۇ. 1
ئاروئەردىكى شەھەرلەر ئادەمزاتسىز بولۇپ، قوي پادىلىرىغا قالدۇرۇلىدۇ، ئۇلار تىنچ-ئامان ياتىدۇ، ئۇلارنى قورقۇتقۇدەك ھېچبىر ئادەممۇ كۆرۈنمەيدۇ. 2
ئەفرائىمدا بولسا، قورغانلىق شەھەرلەر يوقىلىدۇ، دەمەشقنىڭ شاھانە ھوقۇقى، سۇرىيەنىڭ قالدۇقلىرى يوقىلىدۇ؛ ئۇلار «ئىسرائىلنىڭ شۆھرىتى»دەك يوق بولىدۇ. ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. 3
شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، ياقۇپنىڭ شۆھرىتى سۇسلىشىپ، تېنىدىكى سېمىز ئەتلەر سىزىپ كېتىدۇ. 4
ئۇلارنىڭ ھالى بولسا ئورمىچى بۇغداي ئورغاندىن كېيىن، يەنى بىلىكى بىلەن يىغىپ ئورغاندىن كېيىن، ھەتتا رەفايىم جىلغىسىدا ئادەملەر باشاقلارنى تەرگەندىن كېيىنكى ھالەتكە ئوخشاش، [قالغىنى يوق دېيەرلىك بولىدۇ]؛ 5
ھالبۇكى، يەنە ئازراق تەرگۈدەك باشاق، زەيتۇن دەرىخى سىلكىنگەندىن كېيىن، ئەڭ ئۇچىدا ئىككى-ئۈچ تال مېۋە، كۆپ مېۋىلىگەن شاخلىرىدا تۆت-بەش تال مېۋە قالدۇرۇلىدۇ، ــ دەيدۇ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار. 6
ــ شۇ كۈنى ئىنسان بولسا ياراتقۇچىسىغا نەزىرىنى تىكىدۇ، كۆزى ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىدا بولىدۇ. 7
ئۇلار ئۆز قۇربانگاھلىرىغا، يەنى ئۆز قولى بىلەن ياسىغانلىرىغا، ياكى بارماقلىرى بىلەن شەكىللەندۈرگەنلىرىگە ھېچ قارىمايدۇ، نە «ئاشەراھ»لارغا نە «كۈن تۈۋرۈكلىرى»گە ھېچ ئۈمىد باغلىمايدۇ. 8
شۇ كۈنىدە ئۇنىڭ قورغانلىق شەھەرلىرى، ئەسلىدىكى ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا چاتقاللىققا ۋە تاقىر تاغلارغا ئايلاندۇرۇلغان خارابە شەھەرلەردەك، ھەممىسى ۋەيران بولۇپ كېتىدۇ. 9
چۈنكى نىجاتىڭ بولغان خۇدانى ئۇنتۇپ قالدىڭ، كۈچۈڭ بولغان «قورام تاش بولغۇچى»نى ئەسلىمىدىڭ؛ شۇڭا سەن «سەرخىل» ئۆسۈملۈكلەرنى تىكىپ قويغىنىڭ بىلەن، ۋە ياقا يۇرتتىكى ئۈزۈم تاللىرىنى تىككىنىڭ بىلەن، 10
ئۇلارنى تىككەن كۈنىلا ياشارتقىنىڭ بىلەن، تىككەن ئەتىسىلا ئۇلارنى چېچەكلەتكىنىڭ بىلەن، ھوسۇلىغا ئېرىشكەن كۈنىدە، ئۇ پەقەت بىر پاتمان داۋالىغۇسىز قايغۇ-ھەسرەت بولىدۇ، خالاس! 11
ھەي! كۆپ خەلقلەرنىڭ چۇقان-سۈرەنلىرى! ئۇلار دېڭىز-ئوكيانلارنى ئۇرغۇتۇپ دولقۇنلاردەك شاۋقۇنلارنى كۆتۈرىدۇ، ئاھ، ئەللەرنىڭ قاينام-تاشقىنلىرى! دولقۇنلانغان كۈچلۈك سۇلاردەك ئۇلار قاينام-تاشقىنلارنى كۆتۈرىدۇ. 12
ئەللەر ئۇلۇغ سۇلارنىڭ قاينام-تاشقىنلىرىدەك دولقۇنلىنىپ كېتىدۇ؛ بىراق ئۇ ئۇلارنىڭ دەككىسىنى بېرىشى بىلەنلا، ئۇلار يىراققا بەدەر قېچىپ كېتىدۇ. ئۇلار تاغدىكى ئوت-چۆپلەرنىڭ توپا-توپانلىرى شامالدا يىراقلارغا ئۇچۇرۇۋېتىلگەندەك، قارا قۇيۇن ئالدىدا چاڭ-توزاڭلار قۇيۇن بولغاندەك ھەيدىۋېتىلىدۇ! 13
كەچتە ــ ۋەھىمە! تاڭ سەھەردە ــ يوق بىراق! مانا بىزنى بۇلاپ كەتكەنلەرنىڭ نېسىۋىسى، بىزدىن ئولجا-غەنىيمەت ئېلىۋالغانلارنىڭ ئاقىۋىتىدۇر! 14

< يەشايا 17 >