< يەشايا 16 >

«ئەمدى [غەللە-پاراق] قوزىسىنى سېلا [رايوندىن] ئېلىپ، چۆل-باياۋاندىن ئۆتۈپ زېمىنلارنىڭ ھۆكۈمرانىغا، يەنى زىئون قىزىنىڭ تېغىغا ئەۋەتكىن!» 1
ئۇۋىسىدىن چۇۋۇلۇپ پاتىپاراق بولۇپ كەتكەن قۇشلاردەك، موئاب قىزلىرى ئارنون دەرياسىنىڭ كېچىكلىرىدە [ئالاقزادە] يۈرىدۇ. 2
«پاراسەت بىلەن ھۆكۈم قىلىڭلار!» 3
«[ئى زىئون قىزى]، سايىڭىزنى چۈشۈرۈپ چۈشتىكى يورۇقلۇقنى تۈن قاراڭغۇسىدەك قىلىڭ، شۇ غېرىبلارنى يوشۇرۇپ قويغايسىز؛ قوغلانغانلارنى ئاشكارىلاپ قويمىغايسىز! مېنىڭ موئابدىكى مۇساپىرلىرىمنى ئۆزىڭىز بىلەن بىللە تۇرغۇزغايسىز، ئۇلار ئۈچۈن ۋەيران قىلغۇچىنىڭ ئالدىدا باشپاناھ بولغايسىز!». 4
«[ئۆتۈنۈشۈڭلار توغرا]، چۈنكى ئەزگۈچى يوقىلىدۇ، ھالاكەت يوق بولىدۇ، ئەزگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى زېمىندىن يوقىلىدۇ. ئۆزگەرمەس مېھىر-شەپقەت بىلەن بىر تەخت تىكلىنىدۇ؛ «داۋۇتنىڭ چېدىرى» ئىچىدىكى شۇ تەخت ئۈستىدە بىرسى ئولتۇرىدۇ. ئۇ بولسا، ھەقىقەتەن ئادالەت يۈرگۈزىدىغان، شۇنداقلا ئادالەتنى ئىزدەيدىغان، ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بولىدۇ. 5
ــ بىز موئابنىڭ ھاكاۋۇرلۇقى توغرىسىدا ئاڭلىدۇق (ئۇ ئىنتايىن ھاكاۋۇر!)، يەنى ئۇنىڭ ھاكاۋۇرلۇقى، تەكەببۇرلۇقى، نوچىلىق قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاڭلىدۇق؛ بىراق ئۇنىڭ چوڭ گەپلىرى بىكار بولىدۇ! 6
شۇڭا موئاب موئاب ئۈچۈن زار يىغلايدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى زار-زار يىغلايدۇ؛ قايغۇ-ھەسرەتكە چۆمۈپ كىر-ھارەسەتنىڭ «كىشمىش پوشكاللىرى» ئۈچۈن زار-زار يىغلاڭلار! 7
ھەشبون رايونىدىكى ئېتىزلار، سىبماھدىكى ئۈزۈم تاللىرىمۇ يىگلەپ كېتىدۇ؛ ئەللەرنىڭ ئەمىرلىرى ئۇنىڭ سەرخىل ئۆسۈملۈكلىرىنى بۇزۇپ چەيلەيدۇ؛ ئۇلار ئەسلىدە يائازەرگىچە يېتىپ، چۆل-دالالارنى كەزگەنىدى؛ پېلەكلىرى سوزۇلۇپ، «[ئۆلۈك] دېڭىز»نىڭ نېرىسىغا يەتتى. 8
شۇڭا مەن يائازەرنىڭ زار-يىغىسى بىلەن بىللە سىبماھنىڭ ئۈزۈم تېلى ئۈچۈن يىغلايمەن؛ ئى ھەشبون، ئېلېئالاھ، ئۆز كۆز ياشلىرىم بىلەن سىلەرنى سۇغىرىمەن! چۈنكى يازلىق مېۋىلىرىڭگە، ھوسۇلۇڭ ئۈستىگە تەنتەنە بىر سادا ياڭرىتىلىدۇ. 9
خۇشاللىق مېۋىلىك باغلاردىن مەھرۇم قىلىنىپ، شادلىقمۇ يوق قىلىنىدۇ؛ ئۈزۈمزارلىقلاردا نە ناخشا ئاۋازلىرى ئاڭلانمايدۇ، نە تەنتەنە قىلىنمايدۇ؛ دەسسىگۈچىلەر ئۈزۈم كۆلچەكلىرىنى چەيلىمەيدۇ. چۈنكى مەن ئۈزۈم كۆلچەكلىرىدىكى خۇشال ۋارقىراشلارنى توختاتتىم. 10
شۇڭا ئىچ-باغرىلىرىم موئاب ئۈچۈن چالغان چىلتاردەك ئاغرىپ مۇڭلۇق ياڭرايدۇ، ئىچىم كىر-ھەرەسدىكىلەر ئۈچۈنمۇ شۇنداق؛ 11
شۇنداق بولىدۇكى، موئاب ئۆزىنى ئۇپرىتىپ دۇئا قىلغىلى ئۆزىنىڭ «يۇقىرى ئورنى»غا چىقىپ كەلگەندە، ياكى دۇئا قىلغىلى «مۇقەددەس ئۆيى»گە كىرگەندە، ئۇ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمەيدۇ. 12
مانا مۇشۇ سۆزلەرنى پەرۋەردىگار موئاب توغرۇلۇق بۇرۇن ئېيتقان. 13
بىراق ھازىر پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: ــ «ئۈچ يىل ئىچىدە مەدىكار ھېسابلىغاندەك، موئابنىڭ كۆپلىگەن قوشۇن-ئاھالىسى بولغىنى بىلەن، ئۇنىڭ پەخىرلەنگەن شۆھرىتى يەكسان بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ قالدۇقلىرى بولسا ئىنتايىن ئاز ۋە ھالسىز بولىدۇ». 14

< يەشايا 16 >