< يەشايا 15 >

موئاب توغرىسىدا يۈكلەنگەن ۋەھىي؛ ھالاكەتلىك بىر كەچتىلا، موئابتىكى ئار شەھىرى ۋەيران قىلىنىدۇ؛ ھالاكەتلىك بىر كەچتىلا، موئابتىكى كىر شەھىرى يوق قىلىنىدۇ؛ 1
يىغا-زارلار كۆتۈرۈش ئۈچۈن، مانا ئۇ بۇتخانىسىغا، دىبونغا، شۇنداقلا [بارلىق] ئېگىزلىكلىرىگە چىقتى؛ موئاب نېبو ۋە مەدەبا شەھەرلىرى ئۈچۈن پەرياد كۆتۈرىدۇ؛ ھەممە باشلار تاقىر كۆرۈنىدۇ، جىمىكى ساقاللار كېسىلىپ چۈشۈرۈلدى. 2
كوچىلاردا ئۇلار بۆز كىيىدۇ؛ ئۆگزىلىرىدە، مەيدانلىرىدا، ھەربىر ئادەم كۆز ياشلىرىنى ياغدۇرۇپ پەرياد كۆتۈرىدۇ. 3
ھەشبونغا، ئېلېئالاھ شەھەرلىرىگە يىغا ئولىشىدۇ، ئاۋازلىرى ياھاز شەھىرىگىمۇ يېتىپ بارىدۇ. شۇڭا موئابنىڭ ئەسكەرلىرىمۇ نىدا قىلىدۇ؛ ئۇنىڭ ۋۇجۇد-باغرىنى تىترەك باسىدۇ. 4
مېنىڭ قەلبىممۇ موئاب ئۈچۈن يىغا-زار كۆتۈرىدۇ؛ ئۇلارنىڭ قاچقۇنلىرى زوئارغا ھەم ئەگلات-شېلى-شىجاغا بەدەر قاچىدۇ؛ مانا ئۇلار توپلىشىپ، يىغلىغان پېتى لۇھىتقا چىقىدىغان داۋان يولى بىلەن يۇقىرىغا ماڭىدۇ، ھورونائىمغا چۈشىدىغان يولدا تۇرۇپ ھالاكەتتىن نالە-زار كۆتۈرىدۇ. 5
چۈنكى نىمرىمدىكى سۇلار قۇرۇپ كېتىدۇ، ئوت-چۆپلەر سولىشىپ، گۈل-گىياھ تۈگەپ كېتىدۇ؛ ھېچ ياپ-يېشىللىق قالمايدۇ. 6
شۇڭا ئۇلار بايلىقلىرى، تاپقان-تەرگىنىنى يىغىپ «تەرەك ۋادىسى»دىن ئۆتمەكچى بولىدۇ؛ 7
ئۇلارنىڭ كۆتۈرگەن يىغىسى موئابنىڭ چېگراسىغا، ئاھۇ-زارلىرى ئەگلائىمغا، پىغانلىرى بەئەر-ئېلىمغا يېتىدۇ. 8
دىموننىڭ سۇلىرى قانغا تولۇپ كېتىدۇ، چۈنكى دىموننىڭ ئۈستىگە تېخىمۇ كۆپ بالايىئاپەتنى توپلايمەن؛ چۈنكى موئابنىڭ قاچقۇنلىرى ھەم زېمىنىدا قالغانلىرىنىڭمۇ ئۈستىگە بىر شىرنى ئەۋەتىمەن. 9

< يەشايا 15 >