< يەشايا 14 >

چۈنكى پەرۋەردىگار ياقۇپقا رەھىمدىللىك كۆرسىتىدۇ، يەنە ئىسرائىلنى تاللايدۇ؛ ئۇ ئۇلارنى ئۆز يۇرت-زېمىنىدا ماكانلاشتۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يات ئادەملەر ئۇلار بىلەن بىرلىشىپ، ياقۇپ جەمەتىگە قوشۇلىدۇ. 1
ھەرقايسى ئەل-مىللەتلەر ئۇلارنى ئېلىپ ئۆز يۇرتىغا ئاپىرىدۇ؛ ئىسرائىل جەمەتى بولسا پەرۋەردىگارنىڭ زېمىنىدا ئۇلارغا قۇل ۋە دېدەك سۈپىتىدە ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ؛ ئۇلار ئۆزلىرىنى تۇتقۇن قىلغانلارنى تۇتىدۇ؛ ئۆزلىرىنى ئەزگەنلەرنىڭ ئۈستىدىن ئىدارە قىلىدۇ. 2
ۋە شۇنداق بولىدۇكى، پەرۋەردىگار سىلەرگە ئازابتىن، ساراسىمىدىن ۋە ئەسىر بولۇپ مەجبۇرلانغان مۇشەققەتلىك قۇللۇقتىن ئاراملىق بەرگەن كۈنىدە، 3
سىلەر بابىل پادىشاھى توغرىسىدا مۇنداق ماقال-تەمسىلنى ئېيتىسىلەر: ــ «قارا، بۇ جازانىخور قانداق ھالاك بولدى، تالان-تاراج قىلىپ ئالتۇن توپلىغۇچى قانداق يوقالدى! 4
پەرۋەردىگار رەزىللەرنىڭ ھاسىسىنى، ھاكىملارنىڭ زاكون تايىقىنى، 5
يەنى خەلق-مىللەتلەرنى ئاچچىقى بىلەن ئۈزلۈكسىز ئۇرغاننى، ئەللەرگە غەزەپ قىلىپ تىزگىنسىز زىيانكەشلىك قىلغاننى سۇندۇرۇۋەتتى. 6
پۈتكۈل يەر يۈزى ئارام تېپىپ تىنچلىنىدۇ؛ ئۇلار ناخشا ئېيتىپ تەنتەنە قىلىدۇ. 7
قارىغايلار بولسا ھالىڭدىن شادلىنىدۇ، لىۋاندىكى كېدىرلارمۇ: ــ «سەن گۆرۈڭدە ياتقۇزۇلغاندىن كېيىن، ھېچبىر كەسكۈچى بىزنى قورقاتمايدۇ!» ــ دەيدۇ. 8
سەن چۈشۈشۈڭ بىلەن تەھتىسارادىكىلەر سېنى قارشى ئېلىشقا ساراسىمە بولۇپ كېتىدۇ؛ سەن ئۈچۈن ئۆلۈكلەرنىڭ روھلىرى، جاھاندىكى جىمىكى «ئۆچكە جىنلار» قوزغىلىدۇ؛ ئەللەرنىڭ ھەممە پادىشاھلىرى تەختلىرىدىن تۇرغۇزۇلىدۇ؛ (Sheol h7585) 9
ئۇلارنىڭ ھەممىسى ساڭا قاراپ مۇنداق دەيدۇ: ــ «سېنىڭ ھالىڭمۇ بىزلەرنىڭكىدەك بوشاپ كەتتىمۇ؟ بىزگە ئوخشاش بولۇپ قالدىڭمۇسەن؟!» 10
سېنىڭ شانۇ-ھەيۋىتىڭ چىلتارىلىرىڭنىڭ ئاۋازلىرى بىلەن بىللە تەھتىساراغا چۈشۈرۈلۈپ تۈگىدى؛ ئاستىڭدا چىۋىن قۇرتى مىژىلداپ كېتىدۇ، ئۈستۈڭنى سازاڭلار قاپلاپ كېتىدۇ. (Sheol h7585) 11
ئى چولپان، سەھەر بالىسى، سەن قانداق قىلىپ ئاسماندىن يىقىلىپ چۈشكەنسەن! ئى تېخى ئۆتكەندىلا ئەللەرنى يەرگە يىقىتقۇچى، سەن يەر يۈزىگە تاشلىۋېتىلدىڭ! 12
سەن ئەسلىدە كۆڭلۈڭدە: ــ «مەن ئاسمانلارغا چىقىمەن، تەختىمنى خۇدانىڭ يۇلتۇزلىرىدىن ئۈستۈن قىلىمەن؛ مەن جامائەتنىڭ تېغىدا، يەنى شىمال تەرەپلەردىمۇ ئولتۇرىمەن؛ 13
مەن بۇلۇتلارنىڭ ئېگىز جايلىرىدىن يۇقىرىغا ئۆرلەيمەن؛ ھەممىدىن ئالىي بىلەن تەڭ بولىمەن!» ــ دېدىڭ. 14
ھالبۇكى سەن تەھتىساراغا، چوڭقۇر ھاڭنىڭ تېگىلىرىگە چۈشۈرۈلدۇڭ». (Sheol h7585) 15
سېنى كۆرگەنلەر ساڭا يېقىندىن سىنچىلاپ قاراپ: ــ «جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن، پادىشاھلىقلارنى تىترەتكەن ئادەم مۇشۇمىدۇ؟ 16
يەر يۈزىنى چۆل-باياۋان قىلىپ، ئۇنىڭدىكى شەھەرلەرنى غۇلاتقان، تۇتقان ئەسىرلەرنى ئۆز يۇرتىغا ھېچ قويۇپ بەرمىگەن مۇشۇمىدۇ؟» ــ دېيىشىدۇ. 17
مانا ئەللەرنىڭ شاھلىرى بىرىمۇ قالماي «شان-شەرەپ»تە، [قاراڭغۇلۇقتىكى] ئۆز ئۆيىدە يېتىشىدۇ، 18
بىراق سەن كەمسىتىلگەن [چىرىگەن] بىر شاخ كەبى، ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ دۆۋىسى ئاستىدا، قىلىچ بىلەن سانجىلغان، ھاڭنىڭ تەھتىگە چۈشىدىغانلارغا ئوخشاش، ئاياغ ئاستىدا دەسسەپ-چەيلەنگەن ئۆلۈكتەك، ئۆز گۆرۈڭدىن مەھرۇم بولۇپ تاشلىۋېتىلدىڭ. 19
سەن ئاشۇ پادىشاھلار بىلەن بىرگە دەپنە قىلىنمايسەن، چۈنكى ئۆز يۇرتۇڭنى ۋەيران قىلغانسەن، ئۆز خەلقىڭنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنسەن؛ رەزىللىك قىلغۇچىلارنىڭ نەسلى ھەرگىز يەنە تىلغا ئېلىنمايدۇ. 20
ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قەبىھلىكلىرى تۈپەيلىدىن، ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى قەتل قىلىشقا تەييار قىلىڭلار؛ شۇنداق قىلغاندا، ئۇلار ئورنىدىن تۇرۇپ يەر-جاھاننى ئىشغال قىلمايدۇ، يەر يۈزىنى شەھەرگە توشقۇزۇۋېتەلمەيدۇ. 21
چۈنكى مەن ئۇلارغا قارشى چىقىمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ مەن بابىلدىن ئۇنىڭ نامىنى ۋە ئۇنىڭ قالدۇقلىرىنى، نەسىل-پەرزەنتلىرىنى ئۈزۈپ تاشلايمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، 22
ــ ۋە ئۇنى ھۇۋقۇشنىڭ ماكانىغا، سازلىقلارغا ئايلاندۇرىمەن؛ ھالاكەت سۈپۈرگىسى بىلەن ئۇنى سۈپۈرۈپ تاشلايمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. 23
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق قەسەم ئىچكەنكى، ــ مەن قانداق ئويلىسام، شۇنداق بولىدۇ؛ قانداق مەقسەتنى كۆڭلۈمگە پۈكسەم، شۇ تىكلىنىدۇ، 24
مەقسىتىم ئۆز زېمىنىمدا ئاسۇرىيەلىكنى قىيما-چىيما قىلىشتىن ئىبارەت؛ ئۆز تاغلىرىمدا ئۇنى دەسسەپ-چەيلەيمەن؛ ئۇ سالغان بويۇنتۇرۇق خەلقىمنىڭ بوينىدىن، ئۇ ئارتقان يۈك مۈرىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ. 25
مانا بۇ پۈتكۈل يەر يۈزى توغرۇلۇق ئىرادە قىلىنغان مەقسەتتۇر، مانا بۇ بارلىق ئەللەرنىڭ ئۈستىگە ئۇزارتىلغان قولدۇر. 26
پەرۋەردىگار مۇنداق مەقسەتنى پۈككەنىكەن، كىم ئۇنى توسالىسۇن؟ ئۇنىڭ قولى ئۇزارتىلغانىكەن، كىم ئۇنى ياندۇرالىسۇن؟ 27
ئاھاز پادىشاھ ئۆلگەن يىلىدا مۇنداق ۋەھىي يۈكلەندى: ــ 28
ئى فىلىستىيە، ھەممىڭلار، «بىزنى ئۇرغان تاياق سۇندى» دەپ شادلانماڭلار؛ چۈنكى يىلاننىڭ يىلتىزىدىن زەھەرلىك بىر يىلان چىقىدۇ، ئۇنىڭ نەسلى بولسا دەھشەتلىك ئۇچار يىلان بولىدۇ. 29
شۇنىڭ بىلەن يوقسۇللارنىڭ تۇنجى بالىلىرى ئوزۇقلىنىدۇ، مۆمىنلەر بولسا تىنچ-ئامانلىقتا ياتىدۇ؛ بىراق مەن يىلتىزىڭنى ئاچارچىلىق بىلەن يوقىتىمەن قالغان قىسمىڭمۇ ئۇ تەرەپتىن ئۆلتۈرۈلىدۇ. 30
شۇڭا ئى قوۋۇق، نالە كۆتۈرگىن، ئى شەھەر، پەرياد چەككىن! ئى فىلىستىيە، سەن بولساڭ ئېرىپ كەتكەنسەن! چۈنكى شىمال تەرەپتىن ئىس-تۈتەكلىك بىر تۈۋرۈك ئۆرلەيدۇ؛ ئۇنىڭ يىغىلغان قوشۇنلىرىدا ھېچكىم سەپسىز قالمايدۇ. 31
ئەمدى بۇ ئەلنىڭ ئەلچىلىرىگە قانداق جاۋاب بېرىش كېرەك؟ ــ «زىئوننى تىكلىگۈچى پەرۋەردىگاردۇر؛ ئۇنىڭ خەلقى ئىچىدىكى ئېزىلگۈچىلەر ئۇنىڭدىن باشپاناھ تاپىدۇ» ــ دېگىن!» 32

< يەشايا 14 >