< يەشايا 13 >

ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا كۆرگەن، شۇنداقلا ئۇنىڭغا يۈكلەنگەن بابىل توغرىسىدىكى ۋەھىي: ــ 1
[بابىل] ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قوۋۇقلاردىن ئۆتۈپ كىرىشى ئۈچۈن، قاقاس تاغ ئۈستىدە تۇغ كۆتۈرۈڭلار، ئۇلارنى يۇقىرى ئاۋازدا چاقىرىڭلار، قولۇڭلارنى پۇلاڭلىتىپ ئىشارەت قىلىڭلار. 2
مەن بولسام، مەخسۇس تاللىغانلىرىمغا بۇيرۇق چۈشۈرگەنمەن، ئۆز پالۋانلىرىمنى، يەنى تەكەببۇرلۇقتىن يايراپ كەتكەن ئادەملىرىمنى غەزىپىمنى بەجا كەلتۈرۈشكە چاقىردىم. 3
ئاڭلاڭلار، بۈيۈك بىر ئەلنىڭ ئادەملىرىدەك توپ-توپ ئادەملەرنىڭ تاغلاردا ياڭراتقان قىيقاس-سۈرەنلىرىنى، ھەممە ئەل-يۇرتلار ۋە پادىشاھلىقلار [جەڭگە] يىغىلىپ دولقۇنلاتقان قاينام-تاشقىنلىقنى! ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار قوشۇنلارنى جەڭگە يىغىدۇ. 4
ئۇلار، يەنى پەرۋەردىگار ۋە ئۆز غەزىپىنىڭ قوراللىرى، يىراق يۇرتتىن، ھەتتا ئاسمانلارنىڭ قەرىدىنمۇ پۈتكۈل جاھاننى ھالاك قىلىشقا كەلگەن. 5
پەرياد چېكىپ ھۇۋلاڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى يېقىنلاشتى؛ ئۇ ھەممىگە قادىردىن كېلىدىغان ھالاكەتتەك كېلىدۇ. 6
بۇنىڭدىن ھەربىر قول بوشىشىپ كېتىدۇ، ھەممە ئادەمنىڭ يۈرىكى ئېرىپ كېتىدۇ. 7
ئۇلار ۋەھىمىگە چۈشىدۇ؛ ئازاب-ئوقۇبەت ۋە قايغۇ-ھەسرەت ئۇلارنى قاپلايدۇ، تولغىقى تۇتقان ئايالدەك ئۇلار تولغىنىپ كېتىدۇ، ئۇلار بىر-بىرىگە ۋەھىمە ئىچىدە تىكىلىپ قارىشىدۇ؛ يۈزلىرى بولسا يالقۇندەك قىزىرىپ كېتىدۇ. 8
مانا پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى كېلىدۇ، شۇ كۈن جىمى يەر-جاھاننى ۋەيران قىلىشقا، رەھىمسىز بولۇپ، غەزەپ ۋە قەھر بىلەن تولغاندۇر؛ ئۇ گۇناھكارلارنى جاھاندىن يوقىتىدۇ. 9
چۈنكى ئاسماندىكى يۇلتۇزلار ھەم يۇلتۇز تۈركۈملىرى نۇرىنى بەرمەيدۇ؛ قۇياش بولسا چىقىپلا قاراڭغۇلىشىدۇ، ئايمۇ ھېچ يورۇمايدۇ. 10
مەن دۇنيانى رەزىللىكى ئۈچۈن، قەبىھلەرنى گۇناھلىرى ئۈچۈن جازالايمەن؛ ھاكاۋۇرلارنىڭ تەكەببۇرلۇقىنى تۈگەل يوقىتىمەن؛ زوراۋانلارنىڭ كىبىرلىرىنى پەس قىلىمەن. 11
مەن ئىنسانلارنى ساپ ئالتۇندىن ئاز قىلىمەن، ئادەمنى ھەتتا ئوفىردىكى ئالتۇندىن ئاز قىلىمەن. 12
شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىدە، ئۇنىڭ قاينىغان قەھرلىك كۈنىدە، مەن [خۇدا] ئاسمانلارنى تەۋرىتىمەن، يەر بولسا ئۆز ئورنىدىن يۆتكىلىدۇ؛ 13
شۇڭا ئوۋلانغان بىر جەرەندەك، ھېچكىم يىغمايدىغان بىر پادىدەك، ھەربىرسى ئۆز ئەل-جامائىتىنى ئىزدەپ كەتمەكچى بولىدۇ، ھەربىرى ئۆز يۇرت-ماكانىغا قاچماقچى بولىدۇ؛ 14
قېچىپ تۇتۇلغانلارنىڭ ھەممىسى سانجىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ؛ ئەسىرگە چۈشكەنلەرمۇ قىلىچلىنىدۇ. 15
ئۇلارنىڭ بالىلىرىمۇ كۆز ئالدىدا پارە-پارە قىلىنىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىدۇ، ئاياللىرىمۇ ئاياغ ئاستى قىلىنىدۇ. 16
مانا، مەن ئۇلارغا قارشى تۇرۇشقا مېدىئالىقلارنى قوزغايمەن، ئۇلار كۈمۈشلەرگە ھېچ قارىمايدۇ، ئالتۇندىن بولسا ئۇلار زوق ئالمايدۇ. 17
ئۇلارنىڭ ئوقيالىرى يىگىتلەرنى ئۆتمە-تۆشۈك قىلىۋېتىدۇ، ئۇلار بالىياتقۇنىڭ مېۋىسىگە ھېچ رەھىم قىلمايدۇ، كۆزلىرى بالىلارنى ھېچ ئايىمايدۇ. 18
پادىشاھلىقلارنىڭ گۆھىرى، كالدىيلەرنىڭ پەخىرلىنىدىغان گۈزەللىكى بولغان بابىل بولسا، خۇدانىڭ سودوم ۋە گوموررا شەھەرلىرىنى ئۆرۈۋەتكىنىگە ئوخشاش بولىدۇ. 19
ئۇ يەردە ھېچكىم ھەرگىز تۇرمايدۇ، دەۋردىن-دەۋرگىچە ئۇ ئادەمزاتسىز قالىدۇ. ئەرەبلەر بولسا شۇ يەردە چېدىر تىكمەيدۇ، مالچىلار پادىلىرىنى شۇ يەردە ياتقۇزمايدۇ. 20
بىراق چۆل-باياۋاندىكى جانىۋارلار شۇ يەردە قونىدۇ، ئۇلارنىڭ [خاراب] ئۆيلىرىگە ھۇۋلايدىغان مەخلۇقلار تولىدۇ، ھۇۋقۇشلار شۇ يەردە ماكانلىشىدۇ، «ئۆچكە جىن»لار سەكرەپ ئويناقلىشىدۇ. 21
ياۋايى ئىتلار قەلئە-قورغانلاردا، چىلبۆرىلەر ئۇنىڭ ھەشەمەتلىك ئوردىلىرىدا ھۇۋلىشىدۇ، بەرھەق، ئۇنىڭ ۋاقتى توشۇشقا ئاز قالدى، ئۇنىڭ كۈنلىرى ئۇزۇنغا بارمايدۇ. 22

< يەشايا 13 >