< ھوشىيا 1 >

پەرۋەردىگارنىڭ كالامى ــ ئۇززىيا، يوتام، ئاھاز ۋە ھەزەكىيالار يەھۇداغا، يوئاشنىڭ ئوغلى يەروبوئام ئىسرائىلغا پادىشاھ بولغان ۋاقىتلاردا، كالام بەئەرىنىڭ ئوغلى ھوشىياغا كەلدى؛ 1
پەرۋەردىگارنىڭ ھوشىيا ئارقىلىق كەلگەن سۆزىنىڭ باشلىنىشى ــ پەرۋەردىگار ھوشىياغا: «بارغىن، پاھىشىلىككە بېرىلگەن بىر ئايالنى ئەمرىڭگە ئالغىن، پاھىشىلىكتىن بولغان بالىلارنى ئۆز قولۇڭغا ئالغىن؛ چۈنكى زېمىن پەرۋەردىگاردىن ۋاز كېچىپ پاھىشىلىككە پۈتۈنلەي بېرىلدى» دېدى. 2
شۇنىڭ بىلەن ئۇ بېرىپ دىبلائىمنىڭ قىزى گومەرنى ئەمرىگە ئالدى؛ ئايال ئۇنىڭدىن ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغدى. 3
پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: «ئۇنىڭ ئىسمىنى «يىزرەئەل» دەپ قويغىن؛ چۈنكى يەنە ئازغىنا ۋاقىت ئۆتكەندە، مەن «يىزرەئەل»نىڭ قېنىنىڭ ئىنتىقامىنى يەھۇنىڭ جەمەتى ئۈستىگە قويىمەن ۋە ئىسرائىل جەمەتىنىڭ پادىشاھلىقىغا خاتىمە بېرىمەن. 4
ۋە شۇ كۈنىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، مەن ئىسرائىلنىڭ ئوقياسىنى يىزرەئەل جىلغىسىدا سۇندىرىۋېتىمەن». 5
[گومەر] يەنە ھامىلىدار بولۇپ، قىز تۇغدى. پەرۋەردىگار ھوشىياغا: «ئۇنىڭ ئىسمىنى «لو-رۇھاماھ» دەپ قويغىن؛ چۈنكى مەن ئىسرائىل جەمەتىگە ئىككىنچى رەھىم قىلمايمەن، ئۇلارنى قەتئىي كەچۈرۈم قىلمايمەن؛ 6
بىراق يەھۇدا جەمەتىگە رەھىم قىلىمەن ۋە ئۇلارنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار ئارقىلىق ئۇلارنى قۇتقۇزىمەن؛ ئۇلارنى ئوقياسىز، قىلىچسىز، جەڭسىز، ئاتلارسىز ۋە ئاتلىق ئەسكەرسىز قۇتقۇزىمەن» ــ دېدى. 7
گومەر لو-رۇھاماھنى ئەمچەكتىن ئايرىغاندىن كېيىن يەنە ھامىلىدار بولۇپ ئوغۇل تۇغدى؛ 8
[رەب]: «ئۇنىڭ ئىسمىنى: «لو-ئاممى» دەپ قويغىن؛ چۈنكى سىلەر مېنىڭ خەلقىم ئەمەس ۋە مەن سىلەرگە [پەرۋەردىگار] بولمايمەن» دېدى. 9
ــ بىراق ئىسرائىلنىڭ بالىلىرىنىڭ سانى دېڭىزدىكى قۇمدەك بولۇپ، ئۇنى ئۆلچىگىلى ياكى سانىغىلى بولمايدۇ؛ «سىلەر مېنىڭ خەلقىم ئەمەسسىلەر» دېيىلگەن جايدا شۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، ئۇلارغا: «[سىلەر] تىرىك تەڭرىنىڭ ئوغۇللىرى!» ــ دېيىلىدۇ. 10
ئىسرائىل بالىلىرى ۋە يەھۇدا بالىلىرى بىرگە يىغىلىدۇ، ئۆزلىرىگە بىرلا باشنى تىكلەيدۇ ۋە تۇرغان زېمىندىن چىقىدۇ؛ چۈنكى «يىزرەئەلنىڭ كۈنى» ئۇلۇغدۇر! ئاكا-ئۇكىلىرىڭلارغا «ئاممى! ([مېنىڭ خەلقىم]!)» ۋە سىڭىللىرىڭلارغا «رۇھاماھ! ([رەھىم قىلىنغان]!)» ــ دەڭلار! 11

< ھوشىيا 1 >