< ھوشىيا 6 >

«كېلىڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ يېنىغا قايتايلى؛ چۈنكى ئۇ تىتما-تىتما قىلىۋەتتى، بىراق ساقايتىدۇ؛ ئۇرۇۋەتتى، بىراق بىزنى تېڭىپ قويىدۇ. 1
ئۇ ئىككى كۈندىن كېيىن بىزنى جانلاندۇرىدۇ؛ ئۈچىنچى كۈنى ئۇ بىزنى تىرىلدۈرىدۇ، بىز ئۇنىڭ يۈزى ئالدىدا ھايات ياشايمىز! 2
ۋە بىز ئۇنى بىلىدىغان بولىمىز! بىز پەرۋەردىگارنى تونۇش ھەم بىلىش ئۈچۈن ئىنتىلىپ قوغلايمىز! ئۇنىڭ بىزنى قۇتقۇزۇشقا چىقىشى تاڭ سەھەرنىڭ بولۇشىدەك مۇقەررەر؛ ئۇ يېنىمىزغا يامغۇردەك، يەر-زېمىننى سۇغىرىدىغان «كېيىنكى يامغۇر»دەك چۈشۈپ كېلىدۇ!». 3
ئى ئەفرائىم، سېنى قانداق قىلسام بولار؟ ئى يەھۇدا، سېنى قانداق قىلسام بولار؟ چۈنكى ياخشىلىقىڭلار سەھەردىكى بىر پارچە بۇلۇتتەك، تېزدىن يوقاپ كېتىدىغان شەبنەمدەكتۇر. 4
شۇڭا مەن پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئۇلارنى چېپىۋەتكەن؛ ئاغزىمدىكى سۆزلەر بىلەن ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنمەن؛ مېنىڭ ھۆكۈمۈم تاڭ نۇرىدەك چىقىدۇ. 5
چۈنكى مەن قۇربانلىقلاردىن ئەمەس، بەلكى مېھىر-مۇھەببەتتىن، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلاردىن كۆرە، خۇدانى تونۇش ھەم بىلىشتىن خۇرسەنلىك تاپىمەن. 6
بىراق ئۇلار ئادەمئاتىدەك ئەھدىگە ئىتائەتسىزلىك قىلغان؛ ئۇلار مانا شۇ يول بىلەن ماڭا ئاسىيلىق قىلغان. 7
گىلېئاد بولسا قەبىھلىك قىلغۇچىلارنىڭ شەھىرى؛ ئۇ قان بىلەن بويالغان. 8
قاراقچىلار ئادەمنى پايلىغاندەك، كاھىنلار توپى شەكەمگە بارىدىغان يولدا قاتىللىق قىلماقتا؛ بەرھەق، ئۇلار ئىپلاسلىق قىلماقتا. 9
ئىسرائىل جەمەتىدە يىرگىنچلىك بىر ئىشنى كۆردۈم؛ ئەفرائىمنىڭ پاھىشىلىكى شۇ يەردە تېپىلىدۇ، ئىسرائىل بۇلغاندى. 10
يەنە ساڭىمۇ، ئى يەھۇدا، تېرىغان [گۇناھلىرىڭنىڭ] ھوسۇلى بېكىتىلگەندۇر! 11

< ھوشىيا 6 >