< ھوشىيا 4 >

پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار، ئى ئىسرائىل بالىلىرى؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ زېمىندا تۇرۇۋاتقانلار بىلەن قىلىدىغان دەۋاسى بار؛ چۈنكى زېمىندا ھېچ ھەقىقەت، ھېچ مېھرىبانلىق، خۇدانى ھېچ بىلىش-تونۇش يوقتۇر؛ 1
قارغاش-تىللاش، يالغانچىلىق، قاتىللىق، ئوغرىلىق، زىناخورلۇق ــ بۇلار زېمىندا يامراپ كەتتى؛ قان ئۈستىگە قان تۆكۈلىدۇ. 2
مانا شۇ سەۋەبتىن زېمىن ماتەم تۇتىدۇ، ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى جۈدەپ كېتىدۇ؛ ئۇلار دالادىكى ھايۋانلار ھەم ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار بىلەن بىللە جۈدەپ كېتىدۇ؛ بەرھەق، دېڭىزدىكى بېلىقلارمۇ يەپ كېتىلىدۇ. 3
ئەمدى ھېچكىم دەۋا قىلىشمىسۇن، ھېچكىم ئەيىبلەشمىسۇن؛ چۈنكى مېنىڭ دەۋايىم دەل سەن بىلەن، ئى كاھىن! 4
سەن كۈندۈزدە پۇتلىشىپ يىقىلىسەن؛ پەيغەمبەرمۇ سەن بىلەن كېچىدە تەڭ پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ؛ ۋە مەن ئاناڭنى ھالاك قىلىمەن. 5
مېنىڭ خەلقىم بىلىمسىزلىكتىن ھالاك قىلىندى؛ ۋە سەنمۇ بىلىمنى چەتكە قاققانىكەنسەن، مەنمۇ سېنى چەتكە قاقىمەنكى، سەن ماڭا يەنە ھېچ كاھىن بولمايسەن؛ خۇدايىڭنىڭ قانۇن-كۆرسەتمىسىنى ئۇنتۇغانلىقىڭ تۈپەيلىدىن، مەنمۇ سېنىڭ بالىلىرىڭنى ئۇنتۇيمەن. 6
ئۇلار كۆپەيگەنسېرى، ماڭا قارشى كۆپ گۇناھ سادىر قىلدى؛ مەن ئۇلارنىڭ شان-شەرىپىنى شەرمەندىچىلىككە ئايلاندۇرۇۋېتىمەن. 7
ئۇلار خەلقىمنىڭ گۇناھىنى يەيدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ جېنى [خەلقىمنىڭ] قەبىھلىكىگە ئىنتىزار بولىدۇ. 8
ۋە خەلقىم قانداق بولسا، كاھىنلارمۇ شۇنداق بولىدۇ؛ مەن [كاھىنلارنىڭ] تۇتقان يوللىرىنى ئۆز ئۈستىگە چۈشۈرىمەن، ئۆز قىلمىشلىرىنى بېشىغا قايتۇرىمەن. 9
ئۇلار يەيدۇ، بىراق تويمايدۇ، ئۇلار پاھىشىلىك قىلىدۇ، بىراق ھېچ كۆپەيمەيدۇ؛ چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارنى تىڭشاشنى تاشلاپ كەتتى، 10
ئۆزلىرىنى پاھىشىلىك، شاراب ۋە يېڭى شارابقا بېغىشلىدى؛ بۇ ئىشلار ئادەمنىڭ ئەقىل-زېھنىنى بۇلاپ كېتىدۇ. 11
خەلقىم ئۆز تايىقىدىن يوليورۇق سورايدۇ، ئۇلارنىڭ ھاسىسى ئۇلارغا يول كۆرسىتەرمىش! چۈنكى پاھىشىلىكنىڭ روھى ئۇلارنى ئازدۇرىدۇ، ئۇلار خۇداسىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدىن پاھىشىلىككە چىقىپ، 12
تاغ چوققىلىرىدا قۇربانلىق قىلىدۇ، دۆڭ-ئېگىزلىكلەردە، شۇنداقلا سايىسى ياخشى بولغاچقا دۇب ۋە تېرەك ۋە قارىياغاچلار ئاستىدىمۇ ئىسرىق سالىدۇ؛ شۇڭا قىزلىرىڭلار پاھىشىلىك، كېلىنلىرىڭلارمۇ زىناخورلۇق قىلىدۇ. 13
مەن قىزلىرىڭلارنى پاھىشىلىكلىرى ئۈچۈن، ياكى كېلىنلىرىڭلارنى زىناخورلۇقلىرى ئۈچۈن جازالىمايمەن؛ چۈنكى [ئاتىلىرى] ئۆزلىرىمۇ پاھىشىلەر بىلەن سىرتقا چىقىدۇ، «بۇتخانا پاھىشە»لىرى بىلەن بىللە قۇربانلىق قىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن يورۇتۇلمىغان بىر خەلق يىقىتىلىدۇ. 14
سەن، ئى ئىسرائىل، پاھىشىلىك قىلىشىڭ بىلەن، يەھۇدا گۇناھقا چېتىلىپ قالمىسۇن! نە گىلگالغا كەلمەڭلار، نە «بەيت-ئاۋەن»گە چىقماڭلار، نە «پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن!» دەپ قەسەم قىلماڭلار. 15
چۈنكى تەرسا بىر قىسىر ئىنەكتەك، ئىسرائىل تەرسالىق قىلىدۇ؛ پەرۋەردىگار قانداقمۇ پاخلاننى باققاندەك، ئۇلارنى كەڭ بىر يايلاقتا ئوزۇقلاندۇرسۇن؟ 16
ئەفرائىم بۇتلارغا چاپلاشتى؛ ئۇنىڭ بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولمىسۇن! 17
ئۇلارنىڭ شارابى تۈگىشى بىلەنلا، ئۇلار ئۆزلىرىنى پاھىشىلىككە بېغىشلايدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئېسىلزادىلىرى نومۇسسىزلىققا ئەسەبىيلەرچە مەپتۇن بولدى. 18
بىر شامال-روھ ئۇلارنى قاناتلىرى ئىچىگە ئورىۋالدى، ئۇلار قۇربانلىقلىرى تۈپەيلىدىن ئىزا-ئاھانەتكە قالىدۇ. 19

< ھوشىيا 4 >