< ھوشىيا 3 >

ۋە پەرۋەردىگار ماڭا: ــ يەنە بارغىن، ئاشنىسى تەرىپىدىن سۆيۈلگەن، زىناخور بىر ئايالنى سۆيگىن؛ گەرچە ئىسرائىللار يات ئىلاھلار تەرىپىگە ئېغىپ كەتكەن، «كىشمىش پوشكال»لارنى سۆيگەن بولسىمۇ، [مەن] پەرۋەردىگار ئۇلارغا كۆرسەتكەن سۆيگۈمدەك سەن ئۇنى سۆيگىن، ــ دېدى 1
(شۇڭا مەن ئون بەش كۈمۈش تەڭگە، بىر خومىر بۇغداي ۋە يېرىم خومىر ئارپىغا ئۆزۈمگە قايتۇرۇۋالدىم؛ 2
مەن ئۇنىڭغا: «سەن مەن ئۈچۈن ئۇزۇن كۈنلەر كۈتىسەن؛ سەن پاھىشىلىك قىلمايسەن، سەن باشقا ئەرنىڭكى بولمايسەن؛ مەنمۇ سەن ئۈچۈن ئوخشاشلا سېنى كۈتىمەن» ــ دېدىم). 3
ــ «چۈنكى ئىسرائىللار ئۇزۇن كۈنلەر پادىشاھسىز، شاھزادىسىز، قۇربانلىقسىز، «تۈۋرۈك»سىز، «ئەفود»سىز ۋە ھېچ ئۆي بۇتلىرىسىز كۈتۈپ تۇرىدۇ. 4
ۋە كېيىنرەك، ئىسرائىل بالىلىرى قايتىپ كېلىدۇ ۋە پەرۋەردىگار بولغان خۇداسىنى ھەم داۋۇت پادىشاھىنى ئىزدەيدۇ؛ كۈنلەرنىڭ ئاخىرىدا ئۇلار تەۋرىنىپ ئەيمىنىپ پەرۋەردىگارنىڭ يېنىغا، شۇنداقلا ئۇنىڭ مېھرىبانلىقىغا قاراپ كېلىدۇ». 5

< ھوشىيا 3 >