< ھوشىيا 13 >

[بۇرۇن] ئەفرائىم سۆز قىلغاندا، كىشىلەر ھۆرمەتلەپ تىترەپ كېتەتتى؛ ئۇ ئىسرائىل قەبىلىلىرى ئارىسىدا كۆتۈرۈلگەن؛ بىراق ئۇ بائال ئارقىلىق گۇناھ قىلىپ ئۆلدى. 1
ئۇلار ھازىر گۇناھنىڭ ئۈستىگە گۇناھ سادىر قىلماقتا! ئۆزلىرىگە كۈمۈشلىرىدىن قۇيما مەبۇدلارنى، ئۆز ئەقلى ئويلاپ چىققان بۇتلارنى ياسىدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى ھۈنەرۋەننىڭ ئەجرى، خالاس؛ بۇ كىشىلەر توغرۇلۇق: «ھەي، ئىنسان قۇربانلىقىنى قىلغۇچىلار، موزايلارنى سۆيۈپ قويۇڭلار!» دېيىلىدۇ. 2
شۇڭا ئۇلار سەھەردىكى بىر پارچە بۇلۇتتەك، تېزدىن غايىپ بولىدىغان تاڭ سەھەردىكى شەبنەمدەك، خاماندىن قارا قۇيۇندا ئۇچقان پاخالدەك، تۈڭلۈكتىن چىققان ئىس-تۈتەكتەك [تېزدىن] يوقاپ كېتىدۇ. 3
بىراق مىسىر زېمىنىدىن تارتىپ مەن پەرۋەردىگار سېنىڭ خۇدايىڭ بولغانمەن؛ سەن مەندىن باشقا ھېچ ئىلاھنى بىلمەيدىغان بولىسەن؛ مەندىن باشقا قۇتقۇزغۇچى يوقتۇر. 4
مەن چۆل-باياۋاندا، قۇرغاقچىلىقنىڭ زېمىنىدا سەن بىلەن تونۇشتۇم؛ 5
ئۇلار ئوزۇقلاندۇرۇلۇپ، تويۇنغان، تويۇنغاندىن كېيىن كۆڭلىدە تەكەببۇرلىشىپ كەتكەن؛ شۇڭا ئۇلار مېنى ئۇنتۇغان. 6
ئەمدى مەن ئۇلارغا شىردەك بولىمەن؛ يىلپىزدەك ئۇلارنى يول بويىدا پايلاپ كۈتىمەن؛ 7
كۈچۈكلىرىدىن مەھرۇم بولغان ئېيىقتەك مەن ئۇلارغا ئۇچراپ، يۈرەك چاۋىسىنى تىتىۋېتىمەن؛ ئۇلارنى چىشى شىردەك نەق مەيداندا يەۋېتىمەن؛ دالادىكى ھايۋانلار ئۇلارنى يىرتىۋېتىدۇ. 8
سېنىڭ ھالاكىتىڭ، ئى ئىسرائىل، دەل ماڭا قارشى چىققانلىقىڭ، يەنى ياردەمچىڭگە قارشى چىققانلىقىڭدىن ئىبارەتتۇر. 9
ئەمدى بارلىق شەھەرلىرىڭدە ساڭا قۇتقۇزغۇچى بولىدىغان پادىشاھىڭ قېنى؟ سېنىڭ سوراقچى-ھاكىملىرىڭ قېنى؟ سەن بۇلار توغرۇلۇق: «ماڭا پادىشاھ ۋە شاھزادىلارنى تەقدىم قىلغايسەن!» دەپ تىلىگەن ئەمەسمۇ؟ ــ 10
مەن غەزىپىم بىلەن ساڭا پادىشاھنى تەقدىم قىلغانمەن، ئەمدى ئۇنى غەزىپىم بىلەن ئېلىپ تاشلىدىم. 11
ئەفرائىمنىڭ قەبىھلىكى چىڭ ئوراپ-قاچىلانغان؛ ئۇنىڭ گۇناھى جۇغلىنىپ ساقلانغان؛ 12
تولغاق باسقان ئايالنىڭ ئازابلىرى ئۇنىڭغا چۈشىدۇ؛ ئۇ ئەقىلسىز بىر ئوغۇلدۇر؛ چۈنكى بالىياتقۇنىڭ ئاغزى ئېچىلغاندا، ئۇ ھازىر بولمىغان! 13
مەن بەدەل تۆلەپ ئۇلارنى تەھتىسارانىڭ كۈچىدىن قۇتۇلدۇرىمەن؛ ئۇلارغا ھەمجەمەت بولۇپ ئۆلۈمدىن قۇتقۇزىمەن؛ ئەي، ئۆلۈم، سېنىڭ ۋابالىرىڭ قېنى؟! ئەي، تەھتىسارا، سېنىڭ ھالاكەتلىرىڭ قېنى؟! مەن بۇنىڭدىن پۇشايمان قىلمايمەن! (Sheol h7585) 14
[ئەفرائىم] قېرىنداشلىرى ئارىسىدا «مېۋىلىك» بولسىمۇ، شەرقتىن بىر شامال چىقىدۇ، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ چۆل-باياۋاندىن چىققان بىر شامىلى كېلىدۇ؛ [ئەفرائىمنىڭ] بۇلىقى قۇرۇپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ سۇ بېشى قاغجىراپ كېتىدۇ؛ ئۇ [شامال] خەزىنىسىدىكى بارلىق نەپىس قاچا-قۇچىلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىدۇ. 15
سامارىيەنىڭ ئۆز گۇناھى ئۆز زىممىسىگە قويۇلىدۇ؛ چۈنكى ئۇ ئۆز خۇداسىغا بوينىنى قاتتىق قىلغان؛ ئۇلار قىلىچ بىلەن يىقىلىدۇ، بوۋاقلىرى پارە-پارە قىلىپ چېقىۋېتىلىدۇ، ھامىلىدار ئاياللىرى يېرىۋېتىلىدۇ. 16

< ھوشىيا 13 >