< ئىبرانىيلارغا 7 >

چۈنكى بۇ مەلكىزەدەك سالېم شەھىرىنىڭ پادىشاھى، شۇنداقلا ئەڭ ئالىي بولغۇچى خۇدانىڭ كاھىنى بولۇپ، ئىبراھىم پادىشاھلارنى يېڭىپ جەڭدىن قايتقاندا، ئۇنىڭ ئالدىغا چىققان ۋە ئۇنىڭغا بەخت تىلىگەنىدى. 1
Mert ez a Melkisédek Sálem királya, a felséges Isten papja, a ki a királyok leveréséből visszatérő Ábrahámmal találkozván, őt megáldotta,
ئىبراھىم بولسا ئېرىشكەن بارلىق [ئولجىسىنىڭ] ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ئۇنىڭغا ئاتىغانىدى. [مەلكىزەدەك دېگەن ئىسىمنىڭ] بىرىنچى مەنىسى «ھەققانىيەت پادىشاھى» دېگەنلىكتۇر؛ ئۇنىڭ يەنە بىر نامى «سالېمنىڭ پادىشاھى» بولۇپ، بۇنىڭ مەنىسى «ئامانلىق پادىشاھى» دېگەنلىكتۇر؛ 2
A kinek tizedet is adott Ábrahám mindenből: a ki elsőben is magyarázat szerint igazság királya, azután pedig Sálem királya is, azaz békesség királya,
ئۇنىڭ ئاتىسى يوق، ئانىسى يوق، نەسەبنامىسى يوق، كۈنلىرىنىڭ باشلىنىشى ۋە ھاياتىنىڭ ئاخىرلىشىشى يوقتۇر، بەلكى ئۇ خۇدانىڭ ئوغلىغا ئوخشاش قىلىنىپ، مەڭگۈلۈك كاھىن بولۇپ تۇرىدۇ. 3
Apa nélkül, anya nélkül, nemzetség nélkül való; sem napjainak kezdete, sem életének vége nincs, de hasonlóvá tétetvén az Isten Fiához, pap marad örökké.
ئەمدى قاراڭلار، بۇ مەلكىزەدەك نېمىدېگەن ئۇلۇغ ئادەم-ھە! ھەتتا ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ چوڭى ئىبراھىممۇ ئولجىسىنىڭ ئوندىن بىرىنى ئۇنىڭغا ئاتىغان. 4
Nézzétek meg pedig, mily nagy ez, a kinek a zsákmányból tizedet is adott Ábrahám, a pátriárka;
دەرۋەقە لاۋىينىڭ ئەۋلادلىرىدىن كاھىنلىقنى زىممىسىگە ئالغانلار تەۋرات قانۇنى بويىچە خەلقتىن، يەنى ئۆز قېرىنداشلىرىدىن ئىبراھىمنىڭ پۇشتىدىن بولغىنىغا قارىماي تاپقىنىنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى يىغىشى ئەمر قىلىنغان. 5
És bár azoknak, kik a Lévi fiai közül nyerik el a papságot, parancsolatjok van, hogy törvény szerint tizedet szedjenek a néptől, azaz az ő atyafiaiktól, jóllehet ők is az Ábrahám ágyékából származtak;
لېكىن بۇلارنىڭ قەبىلە-ئۇرۇقىدىن بولمىغان مەلكىزەدەك بولسا ئىبراھىمدىن «ئوندىن بىر ئۈلۈشى»نى قوبۇل قىلغان ئاندىن خۇدانىڭ ۋەدىلىرىگە ئىگە بولغۇچى ئىبراھىمغا بەخت تىلىگەن. 6
De az, a kinek nemzetsége nem azok közül való, tizedet vett Ábrahámtól, és az ígéretek birtokosát megáldotta,
شۈبھىسىزكى، بەخت تىلىگۈچى بەختكە ئېرىشكۈچىدىن ئۈستۈندۇر. 7
Pedig minden ellenmondás nélkül való, hogy a nagyobb áldja meg a kisebbet.
بۇ يەردىكى «ئوندىن بىر ئۈلۈش»نى قوبۇل قىلغۇچىلار ئۆلىدىغان ئادەملەردىندۇر؛ ئۇ يەردىكى «ئوندىن بىر ئۈلۈش»نى قوبۇل قىلغۇچى توغرىسىدا [مۇقەددەس يازمىلاردا] «ئۇ ھايات ياشىغۇچى» دەپ گۇۋاھلىق بېرىلگەندۇر. 8
És itt halandó emberek szednek tizedet, ott ellenben az, a ki bizonyság szerint él:
ھەتتا مۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئوندىن بىر ئۈلۈشنى ئالىدىغان لاۋىيمۇ [ئەجدادى] ئىبراھىم ئارقىلىق [مەلكىزەدەككە] ئوندىن بىر ئۈلۈشنى بەرگەن. 9
És hogy úgy szóljak, Ábrahámnál fogva tized vétetett Lévitől is, a tizedszedőtől,
چۈنكى مەلكىزەدەك ئىبراھىمنى قارشى ئالغاندا، لاۋىينى [كەلگۈسىدىكى پۇشتى بولۇش سۈپىتىدە] يەنىلا ئىبراھىمنىڭ تېنىدە ئىدى، دەپ ھېسابلاشقا بولىدۇ. 10
Mert ő még az atyja ágyékában vala, a mikor annak elébe ment Melkisédek.
ئەمدى لاۋىي قەبىلىسىنىڭ كاھىنلىق تۈزۈمى ئارقىلىق مۇكەممەل ھەققانىيلىق كېلەلەيدىغان بولسا (چۈنكى شۇ تۈزۈمگە ئاساسلىنىپ تەۋرات قانۇنى ئىسرائىل خەلقىگە چۈشۈرۈلگەنىدى)، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ھارۇننىڭ كاھىنلىق تۈزۈمى بويىچە ئەمەس، بەلكى مەلكىزەدەكنىڭ كاھىنلىق تۈزۈمى بويىچە باشقا بىر كاھىننىڭ چىقىشىنىڭ نېمە ھاجىتى بولاتتى؟ 11
Ha tehát a lévitai papság által volna a tökéletesség (mert a nép ez alatt nyerte a törvényt): mi szükség tovább is mondogatni, hogy más pap támadjon a Melkisédek rendje szerint és ne az Áron rendje szerint?
ئەمدى كاھىنلىق تۈزۈمى ئۆزگەرتىلگەن بولسا، ئۇنىڭغا [مۇناسىۋەتلىك] قانۇن-تۈزۈممۇ ئۆزگەرتىلىشكە توغرا كېلىدۇ. 12
Mert a papság megváltozásával szükségképen megváltozik a törvény is.
چۈنكى بۇ ئېيتىلىۋاتقان سۆزلەر قارىتىلغان زات بولسا باشقا بىر قەبىلىدىن بولۇپ، بۇ قەبىلىدىن ھېچكىم قۇربانگاھتا خىزمەتتە بولۇپ باقمىغان. 13
Mert a kiről ezek mondatnak, az más nemzetségből származott, a melyből senki sem szolgált az oltár körül;
چۈنكى رەببىمىزنىڭ يەھۇدا قەبىلىسىدىن چىققانلىقى ئېنىق؛ مۇسا بۇ قەبىلە توغرىسىدا كاھىنلىققا مۇناسىۋەتلىك ھېچبىر نەرسە دېمىگەنىدى. 14
Mert nyilvánvaló, hogy a mi Urunk Júdából támadott, a mely nemzetségre nézve semmit sem szólott Mózes a papságról.
ئەمدى مەلكىزەدەكتەك باشقا بىر كاھىن چىققان بولۇپ، بۇ ئۆزگىرىش مۇنۇلاردىن تېخىمۇ روشەن بولىدۇ؛ 15
És még inkább nyilvánvaló az, ha a Melkisédek hasonlatossága szerint áll elő más pap,
ئۇنىڭ [كاھىنلىققا] تەيىنلىنىشى ئەت ئىگىلىرىگە باغلىق ئەمر بىلەن ئەمەس، بەلكى پۈتمەس-تۈگىمەس ھاياتنىڭ قۇدرىتىدىن بولغاندۇر. 16
A ki nem testi parancsolatnak törvénye szerint, hanem enyészhetetlen életnek ereje szerint lett.
چۈنكى بۇ ھەقتە [مۇقەددەس يازمىلاردا]: «سەن ئەبەدىلئەبەدگىچە مەلكىزەدەكنىڭ تىپىدىكى بىر كاھىندۇرسەن» دەپ گۇۋاھلىق بېرىلگەن. (aiōn g165) 17
Mert ez a bizonyságtétel: Te pap vagy örökké, Melkisédek rendje szerint. (aiōn g165)
چۈنكى ئالدىنقى ئەمر-تۈزۈم ئاجىزلىقى ۋە ئۈنۈمسىزلىكى تۈپەيلىدىن كۈچىدىن قالدۇرۇلغان 18
Mert az előbbi parancsolat eltöröltetik, mivelhogy erőtelen és haszontalan,
(ــ چۈنكى تەۋرات قانۇنى ھېچ ئىشنى كامالەتكە يەتكۈزەلمىدى). ئۇنىڭ ئورنىغا بىزنى خۇداغا يېقىنلاشتۇرىدىغان، ئۇنىڭدىن ئەۋزەل ئۈمىد ئېلىپ كېلىندى. 19
Minthogy a törvény semmiben sem szerzett tökéletességet; de beáll a jobb reménység, a mely által közeledünk az Istenhez.
20
És a mennyiben nem esküvés nélkül való, mert amazok esküvés nélkül lettek papokká,
‏ ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ ئىش [خۇدانىڭ] قەسىمى بىلەن كاپالەتكە ئىگە بولماي قالمىدى (ئىلگىرى ئۆتكەن كاھىنلار [خۇدانىڭ] قەسىمىسىز كاھىن بولغانىدى؛ لېكىن، ئەيسا بولسا ئۆزىگە: ــ «پەرۋەردىگار شۇنداق قەسەم ئىچتى، ھەم ھەرگىز بۇنىڭدىن يانمايدۇ: ــ «سەن ئەبەدىلئەبەدگىچە كاھىندۇرسەن»» دېگۈچىنىڭ قەسىمى بىلەن كاھىن بولدى). (aiōn g165) 21
De ez esküvéssel, az által, a ki azt mondá néki: Megesküdött az Úr, és nem bánja meg, te pap vagy örökké, Melkisédek rendje szerint: (aiōn g165)
ئەمدى ئەيسا شۇنداق ئۇلۇغ ئىش بىلەن ئەۋزەل بىر ئەھدىنىڭ كېپىلى قىلىندى. 22
Annyiban jobb szövetségnek lett kezesévé Jézus.
يەنە كېلىپ، ئىلگىرى ئۆتكەن كاھىنلار كۆپ بولۇشى كېرەك ئىدى؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ [ھەربىرى] ئۆلۈم تۈپەيلىدىن ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرالماي قالغان. 23
És amazok jóllehet többen lettek papokká, mert a halál miatt meg nem maradhattak:
لېكىن [ئەيسا] مەڭگۈگە تۇرغاچقا، ئۇنىڭ كاھىنلىقى ھەرگىز ئۆزگەرتىلمەستۇر. (aiōn g165) 24
De ennek, minthogy örökké megmarad, változhatatlan a papsága. (aiōn g165)
شۇ سەۋەبتىن، ئۇ ئۆزى ئارقىلىق خۇدانىڭ ئالدىغا كەلگەنلەرنى ئۈزۈل-كېسىل قۇتقۇزۇشقا قادىر؛ چۈنكى ئۇ ئۇلار ئۈچۈن خۇداغا مۇراجىئەت قىلىشقا مەڭگۈ ھاياتتۇر. 25
Ennekokáért ő mindenképen idvezítheti is azokat, a kik ő általa járulnak Istenhez, mert mindenha él, hogy esedezzék érettök.
مۇشۇنداق بىر باش كاھىن دەل بىزنىڭ ھاجىتىمىزدىن چىقىدىغان ــ مۇقەددەس، ئەيىبسىز، غۇبارسىز، گۇناھكارلاردىن نېرى قىلىنغان، ئەرشلەردىن يۇقىرى ئېلىپ كۆتۈرۈلگەن كاھىندۇر. 26
Mert ilyen főpap illet vala minket, szent, ártatlan, szeplőtelen, a bűnösöktől elválasztott, és a ki az egeknél magasságosabb lőn,
ئۇ ئاشۇ باش كاھىنلاردەك ھەر كۈنى ئالدى بىلەن ئۆز گۇناھلىرى ئۈچۈن، ئاندىن خەلقنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن قۇربانلىق سۇنۇشقا موھتاج ئەمەس. چۈنكى ئۇ ئۆزىنى قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنغاندا، ھەممەيلەن ئۈچۈن بۇنى بىر يولىلا ئادا قىلدى. 27
A kinek nincs szüksége, mint a főpapoknak, hogy napról-napra előbb a saját bűneiért vigyen áldozatot, azután a népéiért, mert ezt egyszer megcselekedte, maga-magát megáldozván.
چۈنكى تەۋرات قانۇنى ئاجىز بەندە بولغان ئىنسانلارنى باش كاھىن قىلىپ تەيىنلەيدۇ، لېكىن تەۋرات قانۇنىدىن كېيىن كەلگەن خۇدانىڭ قەسەم-كالامى مەڭگۈگە كامالەتكە يەتكۈزۈلگەن ئوغۇلنى باش كاھىن قىلىپ تەيىنلىدى. (aiōn g165) 28
Mert a törvény gyarló embereket rendel főpapokká, de a törvény után való esküvés beszéde örök tökéletes Fiút. (aiōn g165)

< ئىبرانىيلارغا 7 >