< ئىبرانىيلارغا 6 >

1
‏ شۇنىڭ ئۈچۈن، مەسىھ توغرىسىدىكى دەسلەپكى ئاساسىي تەلىمدە توختاپ قالماي، ــ يەنى قايتىدىن «ئۆلۈك ئىشلار»دىن توۋا قىلىش ۋە خۇداغا ئېتىقاد باغلاش، چۆمۈلدۈرۈلۈشلەر، «قول تەگكۈزۈش»، ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشى ۋە مەڭگۈلۈك ھۆكۈم-سوراق توغرىسىدىكى تەلىملەردىن ئۇل سالايلى دەپ ئولتۇرماي، مۇكەممەللىككە قاراپ ماڭايلى. (aiōnios g166) 2
خۇدا خالىغانىكەن، بىز شۇنداق قىلىمىز. 3
4
‏ چۈنكى ئەسلىدە يورۇتۇلۇپ، ئەرشتىكى ئىلتىپاتتىن تېتىغان، مۇقەددەس روھتىن نېسىپ بولغان، خۇدانىڭ سۆز-كالامىنىڭ ياخشىلىقىنى ھەم كەلگۈسى زاماندا ئايان قىلىنىدىغان قۇدرەتلەرنى ھېس قىلىپ باققانلار ئەگەر يولدىن چەتنىگەن بولسا، ئۇلارنى قايتىدىن توۋا قىلدۇرۇش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ئۇلار ئۆز-ئۆزىگە قىلىپ خۇدانىڭ ئوغلىنى قايتىدىن كرېستلەپ رەسۋا قىلماقتا. (aiōn g165) 5
6
چۈنكى كۆپ قېتىملاپ ئۆز ئۈستىگە ياغقان يامغۇر سۈيىنى ئىچكەن، ئۆزىدە تېرىغۇچىلارغا مەنپەئەتلىك زىرائەتلەرنى ئۆستۈرۈپ بەرگەن يەر بولسا خۇدادىن بەرىكەت ئالماقتا. 7
بىراق تىكەن ۋە قامغاق ئۆستۈرگەن بولسا، ئۇ ئەرزىمەس بولۇپ، لەنەتكە يېقىن بولۇپ، ئاقىۋىتى كۆيدۈرۈلۈشتىن ئىبارەت بولىدۇ. 8
لېكىن ئەي سۆيۈملۈكلىرىم، گەرچە يۇقىرىقى ئىشلارنى تىلغا ئالغان بولساقمۇ، سىلەردە بۇنىڭدىنمۇ ئەۋزەل ئىشلار، شۇنداقلا نىجاتلىقنىڭ ئېلىپ بارىدىغان ئىشلىرى بار دەپ قايىل بولدۇق. 9
چۈنكى خۇدا قىلغان ئەمەللىرىڭلارنى ۋە ئۇنىڭ مۇقەددەس بەندىلىرىگە قىلغان ۋە ھازىرمۇ قىلىۋاتقان خىزمىتىڭلار ئارقىلىق ئۇنىڭ نامى ئۈچۈن كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىڭلارنى ئۇنتۇپ قالىدىغان ئادالەتسىزلەردىن ئەمەس. 10
ئەمما سىلەرنىڭ ئۈمىدىڭلارنىڭ تولۇق جەزم-خاتىرجەملىك بىلەن بولۇشى ئۈچۈن، ھەربىرىڭلارنىڭ ئاخىرغىچە شۇنداق غەيرەت قىلىشىڭلارغا ئىنتىزارمىز؛ 11
شۇنداقلا سۆرەلمىلەردىن بولماي، بەلكى ئېتىقاد ۋە سەۋرچانلىق ئارقىلىق خۇدانىڭ ۋەدىلىرىگە ۋارىسلىق قىلغانلارنى ئۈلگە قىلىدىغانلاردىن بولغايسىلەر. 12
چۈنكى خۇدا ئىبراھىمغا ۋەدە قىلغاندا، ئۆزىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ھېچكىم بولمىغاچقا، ئۆزى بىلەن قەسەم قىلىپ: 13
«ساڭا چوقۇم بەخت ئاتا قىلىمەن، سېنى چوقۇم كۆپەيتىپ بېرىمەن» ــ دېدى. 14
شۇنىڭ بىلەن، [ئىبراھىم] ئۇزۇن ۋاقىت سەۋر-تاقەت بىلەن كۈتۈپ، خۇدانىڭ ۋەدىسىگە ئېرىشتى. 15
چۈنكى ئىنسانلار ئۆزلىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان بىرىنى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قەسەم ئىسپات-تەستىق ھېسابلىنىپ، ھەر خىل تالاش-تارتىشلارغا خاتىمە بېرىدۇ. 16
شۇنىڭدەك خۇدا، ئۆز ۋەدىسىگە ۋارىسلىق قىلغانلارغا ئۆز نىشان-مەقسىتىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى تېخىمۇ ئوچۇقراق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، قەسەم قىلىپ ۋەدە بەردى. 17
شۇنىڭ بىلەن قەتئىي ئۆزگەرمەس ئىككى ئىش ئارقىلىق، كۆز ئالدىمىزدا قويۇلغان ئۈمىدنى چىڭ تۇتۇش ئۈچۈن [ھالاكەتتىن] ئۆزىمىزنى قاچۇرۇپ ئۇنى باشپاناھ قىلغان بىزلەر كۈچلۈك رىغبەت-ئىلھامغا ئېرىشەلەيمىز (بۇ ئىككى ئىشتا خۇدانىڭ يالغان ئېيتىشى قەتئىي مۇمكىن ئەمەس، ئەلۋەتتە). 18
بۇ ئۈمىد جېنىمىزغا چىڭ باغلانغان كېمە لەڭگىرىدەك شۈبھىسىز ھەم مۇستەھكەم بولۇپ، [ئەرشتىكى] ئىبادەتخانىنىڭ [ئىچكى] پەردىسىدىن ئۆتۈپ بىزنى شۇ يەرگە تۇتاشتۇرىدۇ. 19
ئۇ يەرگە بىز ئۈچۈن يول ئېچىپ ماڭغۇچى ئەيسا بىزدىن ئاۋۋال كىرگەن بولۇپ، مەلكىزەدەكنىڭ كاھىنلىق تۈزۈمى تەرتىپىدە مەڭگۈلۈك تەيىنلەنگەن باش كاھىن بولدى. (aiōn g165) 20

< ئىبرانىيلارغا 6 >