< ئىبرانىيلارغا 5 >

ھەر قېتىملىق باش كاھىن ئىنسانلار ئارىسىدىن تاللىنىپ، خەلققە ۋاكالىتەن خۇداغا خىزمەت قىلىشقا، يەنى خەلقنىڭ ئاتىغان ھەدىيەلىرىنى ۋە گۇناھلار ئۈچۈن قىلغان قۇربانلىقلىرىنى خۇداغا سۇنۇشقا تەيىنلىنىدۇ. 1
ئۇنىڭ ھەرتەرەپلەپ ئاجىزلىقلىرى بولغاچقا، بىلىمسىزلەر ۋە يولدىن چەتنىگەنلەرگە مۇلايىملىق بىلەن مۇئامىلە قىلالايدۇ. 2
شۇ ئاجىزلىقى ئۈچۈن ئۇ خەلقنىڭ گۇناھلىرى ھېسابىغا قۇربانلىق سۇنغاندەك، ئۆز گۇناھلىرى ئۈچۈنمۇ قۇربانلىق سۇنۇشقا توغرا كېلىدۇ. 3
ھېچبىر كىشى بۇ شەرەپلىك مەرتىۋىنى ئۆزلۈكىدىن ئالمايدۇ، پەقەت ھارۇنغا ئوخشاش، خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغاندىلا ئۇنى ئالىدۇ. 4
خۇددى شۇنىڭدەك مەسىھمۇ باش كاھىن مەرتىۋىسىگە ئۆزىنى ئۇلۇغلاپ ئۆزلۈكىدىن ئېرىشكەن ئەمەس، بەلكى ئۇنى [ئۇلۇغلىغۇچى خۇدا] ئۆزى ئىدى؛ ئۇ ئۇنىڭغا: ــ «سەن مېنىڭ ئوغلۇمدۇرسەن، بۈگۈن مەن سېنى تۇغدۇردۇم» دېگەن. 5
ئۇ [مۇقەددەس يازمىلارنىڭ] يەنە بىر يېرىدە ئۇنىڭغا: ــ «سەن ئەبەدىلئەبەدگىچە مەلكىزەدەكنىڭ تىپىدىكى بىر كاھىندۇرسەن» دېگەن. (aiōn g165) 6
[مەسىھ] يەر يۈزىدىكى كۈنلەردە، ئۆزىنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇۋېلىشقا قادىر بولغۇچىغا قاتتىق نىدالار ۋە كۆز ياشلىرى بىلەن دۇئا-تىلاۋەتلەر ۋە يىلىنىشلارنى كۆتۈردى. ئۇنىڭ ئىخلاسمەنلىكىدىن دۇئالىرى ئىجابەت قىلىندى. 7
گەرچە ئۇ [خۇدانىڭ] ئوغلى بولسىمۇ، ئازاب چېكىشلىرى ئارقىلىق ئىتائەتمەن بولۇشنى ئۆگەندى. 8
ئۇ مانا مۇشۇنداق مۇكەممەل قىلىنغان بولغاچقا، بارلىق ئۆزىگە ئىتائەت قىلغۇچىلارغا مەڭگۈلۈك نىجاتنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى بولۇپ، (aiōnios g166) 9
خۇدا تەرىپىدىن «مەلكىزەدەكنىڭ كاھىنلىق تۈزۈمى تەرتىپىدە باش كاھىن» دەپ جاكارلاندى. 10
بۇ ئىش توغرۇلۇق ئېيتىدىغان نۇرغۇن سۆزلىرىمىز بار، لېكىن قۇلاقلىرىڭلار پاڭ بولۇپ كەتكەچكە، بۇلارنى سىلەرگە ئېنىق چۈشەندۈرۈش تەس. 11
چۈنكى سىلەر ئاللىبۇرۇن تەلىم بەرگۈچى بولۇشقا تېگىشلىك بولغان چاغدىمۇ، ئەمەلىيەتتە سىلەر يەنىلا خۇدانىڭ سۆز-كالامىنىڭ ئاساسىي ھەقىقەتلىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى باشقىلارنىڭ يېڭىۋاشتىن ئۆگىتىشىگە موھتاجسىلەر؛ سىلەرگە يىرىك يېمەكلىك ئەمەس، بەلكى يەنىلا سۈت كېرەكتۇر. 12
چۈنكى پەقەت سۈت بىلەنلا ئوزۇقلىنىدىغانلارنىڭ بوۋاقتىن پەرقى يوقتۇر، ئۇلار ھەققانىيەت كالامىغا پىششىق بولمىغان غورىدۇر، خالاس. 13
بىراق يېمەكلىك بولسا يېتىلگەنلەر، يەنى ئۆز ئاڭ-زېھىنلىرىنى ياخشى-ياماننى پەرق ئېتىشكە يېتىلدۇرگەنلەر ئۈچۈندۇر. 14

< ئىبرانىيلارغا 5 >