< ئىبرانىيلارغا 1 >

خۇدا بۇرۇنقى زامانلاردا ئاتا-بوۋىلارغا پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق تۈركۈم-تۈركۈم بويىچە ۋە نۇرغۇن يوللار بىلەن سۆز قىلغان بولۇپ، 1
مۇشۇ ئاخىرقى كۈنلەردە بولسا بىزگە ئوغلى ئارقىلىق سۆزلىدى. ئۇ ئوغلىنى پۈتكۈل مەۋجۇداتنىڭ مىراسخورى قىلىپ بېكەتكەن، ئۇنىڭ ئارقىلىق كائىناتلارنى ياراتقان. (aiōn g165) 2
ئۇ خۇدانىڭ شان-شەرىپىدىن پارلىغان نۇر، ئۇنىڭ ئەينىيىتىنىڭ ئىپادىسىدۇر، ئۇ قۇدرەتلىك سۆز-كالامى بىلەن پۈتكۈل كائىناتتىكى مەۋجۇداتنى ئۆز ئورنىدا تۇرغۇزۇۋاتقان بولۇپ، ئۇ گۇناھلارنى تازىلاش خىزمىتىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، ئەرشتىكى شانۇ-شەۋكەت ئىگىسىنىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇردى. 3
شۇنىڭدەك، ئۇ پەرىشتىلەردىن كۆپ ئۈستۈن نام-مەرتىۋىگە مىراس بولۇپ، ئۇلاردىن شۇنچە يۈكسەك تۇردى. 4
چۈنكى خۇدا [مۇقەددەس يازمىلاردا] پەرىشتىلەرنىڭ قايسىسىغا: «سەن مېنىڭ ئوغلۇمدۇرسەن، بۈگۈن مەن سېنى تۇغدۇردۇم»، ۋە يەنە: «مەن ئۇنىڭغا ئاتا بولىمەن، ئۇمۇ ماڭا ئوغۇل بولىدۇ» دېگەنىدى؟ 5
ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ ئۆزىنىڭ تۇنجىسىنى يەر يۈزىگە ئەۋەتكەندە، «بارلىق پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا سەجدە قىلسۇن» دېگەن. 6
ئۇ پەرىشتىلەر توغرۇلۇق: ــ «ئۇ پەرىشتىلىرىنى شاماللار، خىزمەتكارلىرىنى ئوت يالقۇنى قىلىدۇ»، دېگەنىدى؛ 7
لېكىن ئوغلى ھەققىدە بولسا ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن: ــ «سېنىڭ تەختىڭ، ئى خۇدا، ئەبەدىلئەبەدلىكتۇر؛ سېنىڭ پادىشاھلىقىڭدىكى شاھانە ھاساڭ ئادالەتنىڭ ھاسىسىدۇر. (aiōn g165) 8
سەن ھەققانىيەتنى سۆيۈپ، رەزىللىككە نەپرەتلىنىپ كەلگەنسەن؛ شۇڭا خۇدا، يەنى سېنىڭ خۇدايىڭ سېنى ھەمراھلىرىڭدىن ئۈستۈن قىلىپ شادلىق مېيى بىلەن مەسىھ قىلدى». 9
خۇدا ئوغلىغا يەنە مۇنداق دېگەن: ــ «سەن، ئى رەب، ھەممىدىن بۇرۇن زېمىننىڭ ئۇلىنى سالدىڭ، ئاسمانلارنى بولسا قوللىرىڭ ياسىغاندۇر؛ 10
ئۇلار يوق بولۇپ كېتىدۇ، لېكىن سەن مەڭگۈ تۇرىسەن؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى كىيىمدەك كونىراپ كېتىدۇ؛ 11
سەن ئۇلارنى تون كەبى يۆگەپ قويىسەن، شۇندا ئۇلار كىيىم-كېچەك يەڭگۈشلەنگەندەك يەڭگۈشلىنىدۇ. بىراق سەن مەڭگۈ ئۆزگەرمىگۈچىدۇرسەن، يىللىرىڭنىڭ تامامى يوقتۇر». 12
يەنە، ئۇ قايسىبىر پەرىشتىگە: ــ «مەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى تەختىپەرىڭ قىلمىغۇچە، مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا ئولتۇرىسەن» ــ دېگەنىدى؟ 13
شۇنداق ئىكەن، پەرىشتىلەرنىڭ ھەممىسى پەقەت نىجاتقا مىراسلىق قىلىدىغانلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا [خۇدا تەرىپىدىن] ئەۋەتىلگەن خىزمەتچى روھلار ئەمەسمۇ؟ 14

< ئىبرانىيلارغا 1 >