< ھاگاي 2 >

يەتتىنچى ئاينىڭ يىگىرمە بىرىنچى كۈنى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ھاگاي پەيغەمبەر ئارقىلىق كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: 1
ــ «شېئالتىئەلنىڭ ئوغلى، يەھۇدانىڭ ۋالىيىسى زەرۇببابەلگە، يەھوزاداكنىڭ ئوغلى، باش كاھىن يەشۇئاغا ھەمدە خەلقنىڭ قالدىسىغا سۆز قىلىپ ئۇلاردىن: ــ 2
«ئاراڭلاردىن ئەينى چاغدىكى شان-شەرەپتە بولغان بۇ ئۆينى كۆرگەنلەردىن كىم بار؟ سىلەر ھازىر ئۇنىڭغا قانداق قارايسىلەر؟ نەزىرىڭلاردا ئۇ ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ، شۇنداقمۇ؟» ــ دەپ سورىغىن. 3
ــ بىراق ھازىر، ئى زەرۇببابەل، جاسارەتلىك بول، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ يەھوزاداكنىڭ ئوغلى، باش كاھىن يەشۇئا، جاسارەتلىك بول؛ زېمىندىكى بارلىق خەلق، جاسارەتلىك بولۇپ ئىشلەڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. ــ چۈنكى مەن سىلەر بىلەن بىللىدۇرمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. 4
ــ مىسىردىن چىققان ۋاقتىڭلاردا سىلەرگە ئەھدە قىلغان سۆزۈم ۋە مېنىڭ روھىم ئاراڭلاردا تۇرۇپ كەلدى؛ ھەرگىز قورقماڭلار. 5
چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ــ يەنە پەقەت ئازغىنا ۋاقىتتىن كېيىن مەن ئاسمانلار، يەر يۈزى، دېڭىز ھەم قۇرۇقلۇقنى تەۋرىتىمەن؛ 6
مەن بارلىق ئەللەرنى تەۋرىتىمەن؛ نەتىجىدە ئەللەرنىڭ سەرخىل ئەتىۋار نەرسىلىرى ئېلىپ كېلىنىدۇ. مەن مۇشۇ ئۆينى شان-شەرەپكە تولدۇرىمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. 7
ــ كۈمۈش مېنىڭكى، ئالتۇن مېنىڭكى، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. 8
ــ بۇ ئۆينىڭ كېيىنكى شان-شەرىپى ئەسلىدىكىدىن زور بولىدۇ، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ ۋە مەن مۇشۇ يەردە ئاراملىك-خاتىرجەملىكنى ئاتا قىلىمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار». 9
دارىئۇس پادىشاھنىڭ ئىككىنچى يىلى، توققۇزىنچى ئاينىڭ يىگىرمە تۆتىنچى كۈنى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ھاگاي پەيغەمبەر ئارقىلىق كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 10
«ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ كاھىنلارغا سۆز قىلىپ ئۇلاردىن تەۋرات-قانۇنى توغرۇلۇق: ــ 11
«بىرسى تونىنىڭ ئېتىكىدە «[خۇداغا] ئاتالغان گۆش»نى كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقىنىدا، ئۇنىڭ ئېتىكى نانغا، ئۇماچقا، شارابقا، زەيتۇن مايغا ياكى ھەرقانداق ئاش-ئوزۇققا مۇنداقلا تېگىپ كەتسە، ئۇنداقتا ئۇ نەرسىلەر «[خۇداغا] ئاتالغان» بولامدۇ؟» ــ دەپ سورىغىن». كاھىنلار جاۋابەن: «ياق» ــ دېدى. 12
ۋە ھاگاي: «بىرسى جەسەتكە تېگىپ «ناپاك» بولغان بولسا، ئۇ بۇ ئاش-ئوزۇقنىڭ قايسىبىرىگە تەگسە، ئۇنداقتا ئاش-ئوزۇق ناپاك بولامدۇ؟» ــ دەپ سورىدى. كاھىنلار جاۋابەن: «ئۇ ناپاك بولىدۇ» ــ دېدى. 13
ئاندىن ھاگاي جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ«پەرۋەردىگار: «ئەمدى بۇ خەلق، بۇ «يات ئەل» مېنىڭ ئالدىمدىمۇ شۇنداقتۇر، ئۇلارنىڭ قوللىرىدا ئىشلەنگەنلىرىنىڭ ھەممىسىمۇ شۇنداقتۇر، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ شۇ يەردە ماڭا ھەربىر سۇنغانلىرىمۇ ناپاكتۇر» ــ دەيدۇ. 14
ــ ئەمدى ھازىر كۆڭۈل قويۇپ ئويلىنىڭلار ــ بۈگۈندىن باشلاپ، مۇشۇ ۋاقىتتىن تارتىپ كۆرۈڭلار ــ تاكى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى تاش ئۈستىگە يەنە بىر تال تاش قويۇلغۇچە، 15
شۇنىڭدىن ئىلگىرىكى كۈنلەردە، بىرسى «يىگىرمە كۈرە»لىك بىر دۆۋە ئاشلىقنى ئالغىلى كەلگەندە، مانا پەقەت ئون كۈرىلا چىقتى؛ بىرسى شاراب كۈپىدىن ئەللىك كومزەك ئالغىلى كەلسە، مانا پەقەت يىگىرمە كومزەك چىقتى. 16
مەن قوللىرىڭلار بىلەن ئىشلىگەن بارلىق ئىشلىرىڭلاردا سىلەرنى جۇدۇن، ھال ۋە مۆلدۈر ئاپەتلىرى بىلەن ئۇرۇپ كەلدىم؛ بىراق سىلەر يېنىمغا قايتمىدىڭلار. 17
ئەمدى ئۆتۈنىمەنكى، كۆڭۈل قويۇپ ئويلىنىڭلار ــ بۇ كۈن، يەنى توققۇزىنچى ئاينىڭ يىگىرمە تۆتىنچى كۈنىدىن باشلاپ، مۇشۇ ۋاقىتتىن تارتىپ، ــ يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىنى باشلىغان كۈنىدىن كېيىنكى ئىشلارغا كۆڭۈل قويۇپ ئويلىنىڭلار؛ 18
دانلار ئامبارغا يىغىلدىمۇ؟ ئۈزۈم تاللىرى، ئەنجۈر، ئانار ھەم زەيتۇن دەرەخلىرى ھېچ مېۋە بەرمىدى. بىراق مەن بۇ كۈندىن باشلاپ سىلەرنى بەرىكەتلەيمەن». 19
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى شۇ ئاينىڭ يىگىرمە تۆتىنچى كۈنى ھاگايغا ئىككىنچى قېتىم كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 20
ــ يەھۇداغا ۋالىي بولغان زەرۇببابەلگە سۆز قىلىپ مۇنداق دېگىن: ــ ــ «مەن ئاسمانلارنى، زېمىننى تەۋرىتىشكە تەمشىلىۋاتىمەن؛ 21
پادىشاھلىقلارنىڭ تەختىنى ئۆرۈۋېتىمەن، ئەللەرنىڭ پادىشاھلىقلىرىنىڭ كۈچىنى يوقىتىمەن؛ جەڭ ھارۋىلىرى ھەم ئۇنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغانلارنى ئۆرۈۋېتىمەن؛ ئاتلار ۋە ئاتلىق ئەسكەرلەر، ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز قېرىندىشىنىڭ قىلىچى بىلەن موللاق ئاتقۇزۇلىدۇ. 22
شۇ كۈنىدە ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ مەن سېنى، يەنى شېئالتىئەلنىڭ ئوغلى زەرۇببابەلنى ئالىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار ــ ئاندىن سېنى خۇددى مۆھۈرلۈك ئۈزۈكۈمدەك قىلىمەن؛ چۈنكى مەن سېنى تاللىۋالدىم، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار». 23

< ھاگاي 2 >