< ھاباككۇك 3 >

ھاباككۇك پەيغەمبەرنىڭ دۇئاسى، «شىگگائون» ئاھاڭىدا: ــ 1
«پەرۋەردىگار، مەن خەۋىرىڭنى ئاڭلىدىم، ئەيمىنىپ قورقتۇم. ئى پەرۋەردىگار، يىللار ئارىسىدا ئىشىڭنى قايتىدىن جانلاندۇرغايسەن، يىللار ئارىسىدا ئىشىڭنى تونۇتقايسەن؛ دەرغەزەپتە بولغىنىڭدا رەھىمدىللىقنى ئېسىڭگە كەلتۈرگەيسەن! 2
تەڭرى تېماندىن، پاك-مۇقەددەس بولغۇچى پاران تېغىدىن كەلدى؛ سېلاھ! ئۇنىڭ شان-شەرىپى ئاسمانلارنى قاپلىدى، يەر يۈزى ئۇنىڭ مەدھىيىلىرى بىلەن تولدى؛ 3
ئۇنىڭ پارقىراقلىقى تاڭ نۇرىدەك بولدى، قولىدىن چاقماق چاققاندەك ئىككى نۇر چىقتى؛ شۇ يەردە ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتى يوشۇرۇنۇپ تۇرىدۇ. 4
ئۇنىڭ ئالدىدىن ۋابا، پۇتلىرىدىن چوغدەك يالقۇن چىقماقتا ئىدى؛ 5
ئۇ تۇرۇپ يەر يۈزىنى مۆلچەرلىدى؛ ئۇ قارىۋىدى، ئەللەرنى دەككە-دۈككىگە سالدى؛ «مەڭگۈ تاغلار» پارە-پارە قىلىندى، «ئەبەدىي دۆڭ-ئېگىزلىكلەر» ئېگىلدۈرۈلدى، ئۇنىڭ يوللىرى بولسا ئەبەدىيدۇر. 6
مەن كۇشان قەبىلىسىنىڭ چېدىرلىرىنىڭ پاراكەندىچىلىكتە بولغانلىقىنى، مىدىيان زېمىنىدىكى پەردىلەرنى تىترەك باسقانلىقىنى كۆردۇم. 7
پەرۋەردىگار دەريالارغا ئاچچىقلاندىمىكىن؟ سېنىڭ غەزىپىڭ دەريالارغا قارىتىلدىمىكىن؟ قەھرىڭ دېڭىزغا قارىتىلدىمىكىن؟ ئاتلىرىڭغا، نىجات-قۇتقۇزۇشنى ئېپكېلىدىغان جەڭ ھارۋىلىرىڭغا مىنىپ كەلگەنغۇسەن! 8
سېنىڭ ئوقيايىڭ ئايان قىلىندى، سۆزۈڭ بويىچە، [ئىسرائىل] قەبىلىلىرىگە ئىچكەن قەسەملىرىڭ ئۈچۈن ئايان قىلىندى! سېلاھ! سەن يەر يۈزىنى دەريا-كەلكۈنلەر بىلەن ئايرىۋەتتىڭ. 9
تاغلار سېنى كۆرۈپ، ئازابلىنىپ تولغىنىپ كەتتى؛ دولقۇنلاپ ئاققان سۇلار كەلكۈندەك ئۆتۈپ كەتتى؛ چوڭقۇر دېڭىز ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ، قوللىرىنى يۇقىرىغا ئۆرلەتتى. 10
ئېتىلغان ئوقلىرىڭنىڭ پارقىراق نۇرىنى كۆرۈپ، پالىلدىغان نەيزەڭنىڭ يورۇقلۇقىنى كۆرۈپ، قۇياش ھەم ئاي ئۆز تۇرالغۇسىدا جىم تۇردى. 11
سەن ئاچچىقىڭدا يەر يۈزىدىن ئۆتۈپ يۈرۈش قىلدىڭ؛ ئەللەرنى غەزىپىڭدە زىرائەتنى سوققاندەك سوقتۇڭ؛ 12
ئۆز خەلقىڭنىڭ نىجات-قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن، سەن ئۆز مەسىھىڭ بىلەن بىللە نىجات-قۇتقۇزۇش ئۈچۈن چىقتىڭ؛ ئۇلىنى بوينىغىچە ئېچىپ تاشلاپ، رەزىلنىڭ جەمەتىنىڭ بېشىنى ئۇرۇپ-يانجىپ، ئۇنىڭدىن ئايرىۋەتتىڭ؛ سېلاھ! 13
سەن ئۇنىڭ نەيزىلىرى بىلەن سەردارلىرىنىڭ بېشىغا سانجىدىڭ؛ ئۇلار دەھشەتلىك قارا قۇيۇندەك مېنى تارقىتىۋېتىشكە چىقتى، ئۇلارنىڭ خۇشاللىقى ئاجىز مۆمىنلەرنى يوشۇرۇن جايدا يالماپ يۇتۇشتىن ئىبارەتتۇر! 14
سەن ئاتلىرىڭ بىلەن دېڭىزدىن، يەنى دۆۋە-دۆۋە قىلىنغان ئۇلۇغ سۇلاردىن ئۆتۈپ ماڭدىڭ! 15
مەن بۇلارنى ئاڭلىدىم، ئىچى-باغرىمنى تىترەك باستى؛ ئاۋازنى ئاڭلاپ كالپۇكلىرىم دىر-دىر قىلدى، ئۇستىخانلىرىم چىرىپ كەتكەندەك بولدى، پۇتلىرىمنى تىترەك باستى؛ چۈنكى مەن كۈلپەتلىك كۈنىدە، يەنى ئۆز خەلقىمگە تاجاۋۇز قىلغۇچى بېسىپ كىرگەن كۈنىدىمۇ، سەۋر-خاتىرجەملىكتە تۇرۇشۇم كېرەك. 16
چۈنكى ئەنجۈر دەرىخى چېچەكلىمىسىمۇ، ئۈزۈم تاللىرىدا مېۋە بولمىسىمۇ، زەيتۇن دەرىخىگە قىلغان ئەجىر يوققا چىققان بولسىمۇ، ئېتىزلار ھېچ ھوسۇل بەرمىگەن بولسىمۇ، قوتاندىن قوي پادىسى ئۈزۈلگەن بولسىمۇ، ئېغىلدا كالا پادىسى يوق بولسىمۇ، 17
مەن ھامان پەرۋەردىگاردىن شادلىنىمەن، ماڭا نىجاتىمنى بەرگۈچى خۇدايىمدىن شادلىققا چۆمۈلىمەن، 18
پەرۋەردىگار، رەب، مېنىڭ كۈچ-قۇدرىتىمدۇر؛ ئۇ مېنىڭ پۇتلىرىمنى كېيىكنىڭكىدەك قىلىدۇ؛ مېنى يۇقىرى جايلىرىمدا ماڭغۇزىدۇ! (بۇ كۈي نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار بىلەن ئوقۇلسۇن). 19

< ھاباككۇك 3 >