< ھاباككۇك 2 >

«ئەمدى مەن ئۆز كۆزىتىمدە تۇرىۋېرىمەن، ئۆزۈمنى مۇنار ئۈستىدە دەس تىكلەيمەن، ئۇنىڭ ماڭا نېمە دەيدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك ئۆزۈم بۇ داد-پەريادىم توغرۇلۇق قانداق تېگىشلىك جاۋاب تېپىشىم كېرەكلىكىنى بىلىشنى كۈتۈپ تۇرىمەن». 1
ھەم پەرۋەردىگار جاۋابەن ماڭا مۇنداق دېدى: ــ «ئوقۇغانلار يۈگۈرسۇن ئۈچۈن، بۇ كۆرۈنگەن ئالامەتنى يېزىۋال؛ ئۇنى تاختايلار ئۈستىگە ئېنىق ئويۇپ چىق؛ 2
چۈنكى بۇ كۆرۈنگەن ئالامەت كەلگۈسىدىكى بېكىتىلگەن بىر ۋاقىت ئۈچۈن، ئۇ ئادەملەرگە ئاخىرەتنى تەلپۈندۈرىدۇ، ئۇ يالغان گەپ قىلمايدۇ؛ ئۇزۇنغىچە كەلمەي قالسىمۇ، ئۇنى كۈتكىن؛ چۈنكى ئۇ جەزمەن يېتىپ كېلىدۇ، ھېچ كېچىكمەيدۇ. 3
قارا، تەكەببۇرلىشىپ كەتكۈچىنى! ئۇنىڭ قەلبى ئۆز ئىچىدە تۈز ئەمەس؛ بىراق ھەققانىي ئادەم ئۆز ئېتىقاد-سادىقلىقى بىلەن ھايات ياشايدۇ. 4
بەرھەق، شاراب ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلىدۇ، ــ ــ ئۇ تەكەببۇر ئادەم، ئۆيدە تىنىم تاپمايدۇ، ھەۋىسىنى تەھتىسارادەك يوغان قىلىدۇ؛ ئۇ ئۆلۈمدەك ھېچقاچان قانمايدۇ؛ ئۆزىگە بارلىق ئەللەرنى يىغىدۇ، ھەممە خەلقنى ئۆزىگە قارىتىۋالىدۇ. (Sheol h7585) 5
بۇلارنىڭ ھەممىسى كېيىن ئۇ توغرۇلۇق تەمسىلنى سۆزلەپ، كىنايىلىك بىر تېپىشماقنى تىلغا ئالىدۇ: ــ «ئۆزىنىڭ ئەمەسنى مېنىڭ دەپ قوشۇۋالغۇچىغا ۋاي! ([بۇنداق ئىشلار] قاچانغىچە بولىدۇ؟!) گۆرۈگە قويغان نەرسىلەر بىلەن ئۆزىنى چىڭدىغۇچىغا ۋاي!» 6
سەندىن جازانە-قەرز ئالغۇچىلار بىراقلا قوزغالمامدۇ؟ سېنى تىترەتكۈچىلەر بىراقلا ئويغانمامدۇ؟ ئاندىن سەن ئۇلارغا ئولجا بولمامسەن؟ 7
سەن نۇرغۇن ئەللەرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغانلىقىڭ تۈپەيلىدىن، ھەم كىشىلەرنىڭ قانلىرى، زېمىن، شەھەر ھەم ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقان ھەممەيلەنگە قىلغان زۇلۇم-زوراۋانلىقىڭ تۈپەيلىدىن، ساقلىنىپ قالغان ئەللەر سېنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىدۇ؛ 8
ھالاكەت چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئۇۋامنى يۇقىرىغا سالاي دەپ، نەپسى يوغىناپ ئۆز جەمەتىگە ھارام مەنپەئەت يىغقۇچىغا ۋاي! 9
نۇرغۇن خەلقلەرنى ۋەيران قىلىپ، ئۆز جەمەتىڭگە ئاھانەت كەلتۈردۈڭ، ئۆز جېنىڭغا قارشى گۇناھ سادىر قىلدىڭ. 10
چۈنكى تامدىن تاش نىدا قىلىدۇ، ياغاچلاردىن لىم جاۋاب بېرىدۇ: ــ 11
يۇرتنى قان بىلەن، شەھەرنى قەبىھلىك بىلەن قۇرغۇچىغا ۋاي!» 12
مانا، خەلقلەرنىڭ جان تىكىپ تاپقان مېھنىتىنىڭ پەقەت ئوتقا يېقىلغۇ قىلىنغانلىقى، ئەل-يۇرتلارنىڭ ئۆزلىرىنى بىھۇدە ھالسىراتقانلىقى، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگاردىن ئەمەسمۇ؟ 13
چۈنكى خۇددى سۇلار دېڭىزنى قاپلىغاندەك، پۈتۈن يەر يۈزى پەرۋەردىگارنى بىلىپ-تونۇش بىلەن قاپلىنىدۇ. 14
ئۆز يېقىنىڭغا ھاراقنى ئىچكۈزگۈچىگە ــ ــ ئۇنىڭ ئۇيات يېرىگە قارىشىڭ ئۈچۈن، تۇلۇمۇڭدىن قۇيۇپ، ئۇنى مەست قىلغۇچى ساڭا ۋاي! 15
شان-شەرەپنىڭ ئورنىدا شەرمەندىچىلىككە تولىسەن؛ ئۆزۈڭمۇ ئىچ، خەتنىلىكىڭ ئايان بولسۇن! پەرۋەردىگارنىڭ ئوڭ قولىدىكى قەدەھ سەن تەرەپكە بۇرۇلىدۇ، شان-شەرىپىڭنىڭ ئۈستىنى رەسۋايىپەسلىك باسىدۇ. 16
لىۋانغا قىلغان زۇلۇم-زوراۋانلىق، شۇنداقلا ھايۋانلارنى قورقىتىپ ئۇلارغا يەتكۈزگەن ۋەيرانچىلىقمۇ، كىشىلەرنىڭ قانلىرى، زېمىن، شەھەر ھەم ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقان ھەممەيلەنگە قىلغان زۇلۇم-زوراۋانلىق تۈپەيلىدىن، بۇلار سېنىڭ مىجىقىڭنى چىقىرىدۇ. 17
ئويما مەبۇدنىڭ نېمە پايدىسى، ئۇنى ئۇنىڭ ياسىغۇچىسى ئويۇپ چىققان تۇرسا؟ قۇيما مەبۇدنىڭمۇ ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ساختا تەلىم بەرگۈچىنىڭ نېمە پايدىسى ــ ــ چۈنكى ئۇنى ياسىغۇچى ئۆز ياسىغىنىغا تايىنىدۇ، دېمەك، زۇۋانسىز «يوق بولغان نەرسىلەر»نى ياسايدۇ؟ 18
ياغاچقا «ئويغان!» دېگەن ئادەمگە، زۇۋانسىز تاشقا «تۇرە!» دېگەنگە ۋاي! ئۇ ۋەز ئېيتامدۇ؟ مانا، ئۇ ئالتۇن-كۈمۈش بىلەن ھەللەندى، ئۇنىڭ ئىچىدە ھېچ نەپەس يوقتۇر. 19
بىراق پەرۋەردىگار ئۆز مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدىدۇر! پۈتكۈل يەر يۈزى ئۇنىڭ ئالدىدا سۈكۈت قىلسۇن! 20

< ھاباككۇك 2 >