< يارىتىلىش 9 >

خۇدا نۇھ بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ «سىلەر جۈپلىشىپ كۆپىيىپ، يەر يۈزىنى تولدۇرۇڭلار. 1
يەر يۈزىدىكى بارلىق جانىۋارلار، ئاسماندىكى بارلىق قۇشلار، بارلىق يەر يۈزىدە مىدىرلاپ يۈرگۈچىلەر ۋە دېڭىزدىكى بارلىق بېلىقلارنىڭ ھەممىسى سىلەردىن قورقۇپ ۋەھىمىدە بولسۇن؛ بۇلار قولۇڭلارغا تاپشۇرۇلغاندۇر. 2
مىدىرلاپ يۈرىدىغان ھەرقانداق جانىۋارلار سىلەرگە ئوزۇق بولىدۇ؛ مەن سىلەرگە كۆك ئوتياشلارنى بەرگەندەك، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەمدى سىلەرگە بەردىم. 3
لېكىن سىلەر گۆشنى ئىچىدىكى جېنى، يەنى قېنى بىلەن قوشۇپ يېمەسلىكىڭلار كېرەك. 4
قېنىڭلار، يەنى جېنىڭلاردىكى قان تۆكۈلسە، مەن بەرھەق ئۇنىڭ ھېسابىنى ئالىمەن؛ ھەرقانداق ھايۋاننىڭ ئىلكىدە قېنىڭلار بار بولسا مەن ئۇنىڭغا تۆلەتكۈزىمەن؛ ئىنساننىڭ قولىدا بار بولسا، يەنى بىرسىنىڭ قولىدا ئۆز قېرىندىشىنىڭ قېنى بار بولسا، مەن ئۇنىڭغا شۇ قاننى تۆلەتكۈزىمەن. 5
كىمكى ئىنساننىڭ قېنىنى تۆكسە، ئۇنىڭ قېنىمۇ ئىنسان تەرىپىدىن تۆكۈلىدۇ؛ چۈنكى خۇدا ئىنساننى ئۆز سۈرەت-ئوبرازىدا ياراتقاندۇر. 6
ئەمدى سىلەر، جۈپلىشىپ كۆپىيىپ، يەر يۈزىدە تارىلىپ-تارقىلىپ كۆپىيىڭلار». 7
ئاندىن خۇدا نۇھ بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ «مانا ئۆزۈم سىلەر بىلەن ۋە سىلەردىن كېيىن كېلىدىغان ئەۋلادلىرىڭلار بىلەن، شۇنداقلا سىلەر بىلەن بىللە تۇرغان ھەربىر جان ئىگىسى، ئۇچارقاناتلار، مال-چارۋىلار، سىلەر بىلەن بىللە تۇرغان يەر يۈزىدىكى ھەربىر ياۋايى ھايۋانلار، كېمىدىن چىققانلارنىڭ ھەممىسى بىلەن ــ يەر يۈزىدىكى ھېچبىر ھايۋاننى قالدۇرماي، ئۇلار بىلەن ئۆز ئەھدەمنى تۈزىمەن 8
9
10
مەن سىلەر بىلەن شۇنداق ئەھدە تۈزىمەنكى، نە بارلىق ئەت ئىگىلىرى توپان بىلەن يوقىتىلماس، نە يەرنى ۋەيران قىلىدىغان ھېچبىر توپان يەنە كەلمەس». 11
خۇدا يەنە: ــ «مەن ئۆزۈم سىلەر بىلەن ۋە قېشىڭلاردىكى ھەممە جان ئىگىلىرى بىلەن مەڭگۈلۈك، يەنى پۈتكۈل ئەۋلادلىرىڭلارغىچە بېكىتكەن مۇشۇ ئەھدەمنىڭ بەلگىسى شۇكى: ــ مانا، مەن ئۆزۈم بىلەن يەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولغان ئەھدىنىڭ بەلگىسى بولسۇن دەپ ھەسەن-ھۈسىنىمنى بۇلۇتلار ئىچىگە قويىمەن؛ 12
13
ۋە شۇنداق بولىدۇكى، مەن يەرنىڭ ئۈستىگە بۇلۇتلارنى چىقارغىنىمدا، شۇنداقلا ھەسەن-ھۈسەن بۇلۇتلار ئىچىدە ئايان بولغىنىدا، مەن سىلەر بىلەن ئەت ئىگىلىرى بولغان بارلىق جانىۋارلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى ياد ئېتىمەن؛ بۇنىڭدىن كېيىن سۇلار ھەرگىز ھەممە جاندارلارنى ھالاك قىلغۇچى توپان بولماس. 14
15
ھەسەن-ھۈسەن بۇلۇتلار ئارىسىدا پەيدا بولىدۇ؛ مەن ئۇنىڭغا قارايمەن ۋە شۇنىڭ بىلەن مەنكى خۇدا يەر يۈزىدىكى ئەت ئىگىلىرى بولغان بارلىق جانىۋارلار بىلەن ئوتتۇرىمىزدا بېكىتكەن ئەھدەمنى ياد ئېتىمەن»، ــ دېدى. 16
خۇدا نۇھقا يەنە: ــ «مانا بۇ مەن ئۆزۈم بىلەن يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەت ئىگىلىرى ئوتتۇرىسىدا بېكىتكەن ئەھدەمنىڭ نىشان-بەلگىسىدۇر»، ــ دېدى. 17
نۇھنىڭ كېمىدىن چىققان ئوغۇللىرى شەم، ھام ۋە يافەت ئىدى. ھام قانائاننىڭ ئاتىسى بولدى. 18
بۇ ئۈچى نۇھنىڭ ئوغۇللىرى بولۇپ، پۈتكۈل يەر يۈزىگە تارالغان ئاھالە شۇلارنىڭ نەسىل-ئەۋلادلىرىدۇر. 19
نۇھ تېرىقچىلىق قىلىشقا باشلاپ، بىر ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلدى. 20
ئۇ ئۇنىڭ شارابىدىن ئىچىپ، مەست بولۇپ قېلىپ، ئۆز چېدىرى ئىچىدە كىيىم-كېچەكلىرىنى سېلىۋېتىپ، يالىڭاچ يېتىپ قالدى. 21
قانائاننىڭ ئاتىسى ھام كېلىپ، ئاتىسىنىڭ ئەۋرىتىنى كۆرۈپ، سىرتقا چىقىپ ئىككى قېرىندىشىغا ئېيتتى. 22
شەم بىلەن يافەت قوپۇپ يېپىنجىنى ئېلىپ، مۈرىسىگە ئارتىپ، كەينىچە مېڭىپ كىرىپ، ئاتىسىنىڭ يالىڭاچ بەدىنىنى يېپىپ قويدى. ئۇلار يۈزىنى ئالدى تەرەپكە قىلىپ، ئاتىسىنىڭ يالىڭاچ تېنىگە قارىمىدى. 23
نۇھ شارابنىڭ كەيپىدىن ئويغىنىپ، كەنجى ئوغلىنىڭ ئۆزىگە نېمە قىلغىنىنى بىلىپ: ــ 24
قانائانغا لەنەت بولغاي! ئۇ قېرىنداشلىرىنىڭ قۇلىنىڭ قۇلى بولسۇن، ــ دەپ قارغىدى. 25
ئۇ يەنە: ــ شەمنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە كەلتۈرۈلگەي! قانائان شەمنىڭ قۇلى بولسۇن. 26
خۇدا يافەتنى ئاۋۇتقاي! ئۇ شەمنىڭ چېدىرلىرىدا تۇرغاي، قانائان بولسا ئۇنىڭ قۇلى بولغاي! ــ دېدى. 27
نۇھ توپاندىن كېيىن ئۈچ يۈز ئەللىك يىل ئۆمۈر كۆردى. 28
بۇ تەرىقىدە نۇھ جەمئىي توققۇز يۈز ئەللىك يىل كۈن كۆرۈپ، ئالەمدىن ئۆتتى. 29

< يارىتىلىش 9 >