< يارىتىلىش 49 >

ئاندىن ياقۇپ ئوغۇللىرىنى چاقىرىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ [ھەممىڭلار] جەم بولۇڭلار، مەن سىلەرگە كېيىنكى كۈنلەردە سىلەر يولۇقىدىغان ئىشلارنى ئېيتىپ بېرەي: ــ 1
يىغىلىپ كېلىپ ئاڭلاڭلار، ئى ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى؛ ئاتاڭلار ئىسرائىلغا قۇلاق سېلىڭلار. 2
ئەي رۇبەن، سەن مېنىڭ تۇنجى ئوغلۇمسەن، كۈچ-قۇدرىتىمسەن، كۈچۈم بار ۋاقتىمنىڭ تۇنجى مېۋىسىدۇرسەن، سالاپەت ۋە قۇدرەتتە ئالدى ئىدىڭ، 3
لېكىن قايناپ تېشىپ چۈشكەن سۇدەك، ئەمدى ئالدى بولالماسسەن؛ سەن ئاتاڭنىڭ كۆرپىسىگە چىقتىڭ، شۇنىڭ بىلەن سەن ئۇنى بۇلغىدىڭ! ئۇ مېنىڭ كۆرپەمنىڭ ئۈستىگە چىقتى! 4
شىمېئون بىلەن لاۋىي قېرىنداشلاردۇر؛ ئۇلارنىڭ قىلىچلىرى زوراۋانلىقنىڭ قوراللىرىدۇر! 5
ئاھ جېنىم، ئۇلارنىڭ مەسلىھىتىگە كىرمىگىن! ئى ئىززىتىم، ئۇلارنىڭ جامائىتى بىلەن چېتىلىپ قالمىغاي! چۈنكى ئۇلار ئاچچىقىدا ئادەملەرنى ئۆلتۈرۈپ، ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ بۇقىلارنىڭ پېيىنى كەستى. 6
ئۇلارنىڭ ئاچچىقى ئەشەددىي بولغاچقا لەنەتكە قالسۇن! غەزىپىمۇ رەھىمسىز بولغاچقا لەنەتكە قالسۇن! مەن ئۇلارنى ياقۇپنىڭ ئىچىدە تارقىتىۋېتىمەن، ئىسرائىلنىڭ ئىچىدە ئۇلارنى چېچىۋېتىمەن. 7
ئەي يەھۇدا! سېنى بولسا قېرىنداشلىرىڭ تەرىپلەر، قولۇڭ دۈشمەنلىرىڭنىڭ گەجگىسىنى باسار. ئاتاڭنىڭ ئوغۇللىرى ساڭا باش ئۇرار، 8
يەھۇدا ياش بىر شىردۇر؛ ئەي ئوغلۇم، سەن ئوۋنى تۇتۇپلا چىقتىڭ؛ ئۇ شىردەك [ئوۋنىڭ يېنىدا] چۆكۈپ سوزۇلۇپ ياتسا، ياكى چىشى شىردەك يېتىۋالسا، كىممۇ ئۇنى قوزغاشقا پېتىنار؟ 9
شاھانە ھاسا يەھۇدادىن كېتىپ قالمايدۇ، يەھۇدانىڭ پۇشتىدىن قانۇن چىقارغۇچى ئۆكسۈمەيدۇ، تاكى شۇ ھوقۇق ئىگىسى كەلگۈچە كۈتىدۇ؛ كەلگەندە، جاھان خەلقلىرى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدۇ. 10
ئۇ تەخىيىنى ئۈزۈم تېلىغا، ئېشەك بالىسىنى سورتلۇق ئۈزۈم تېلىغا باغلاپ قويار. ئۇ لىباسىنى شارابتا يۇيۇپ، تونىنى ئۈزۈم شەربىتىدە يۇيار. 11
ئۇنىڭ كۆزلىرى شارابتىن قىزىرىپ كېتەر، چىشلىرى سۈت ئىچكىنىدىن ئاپئاق تۇرار. 12
زەبۇلۇن دېڭىز بويىنى ماكان قىلار، ماكانى كېمىلەرنىڭ پاناھگاھى بولار، يەر-زېمىنى زىدونغىچە يېتىپ بارار. 13
ئىسساكار بەستلىك بەردەم بىر ئېشەكتۇر، ئۇ ئىككى قوتان ئارىسىدا ياتقاندۇر؛ 14
ئۇ ئارامگاھنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىگە قاراپ، زېمىننىڭ ئېسىللىقىنى كۆرۈپ، يۈك كۆتۈرۈشكە مۈرىسىنى ئېگىپ، ئالۋانغا ئىشلەيدىغان قۇل بولۇپ قالار. 15
دان ئىسرائىل قەبىلىلىرىدىن بىرى بولار، ئۆز خەلقىگە ھۆكۈم چىقىرار. 16
دان يول ئۈستىدىكى يىلان، چىغىر يول ئۈستىدە تۇرغان زەھەرلىك بىر يىلاندۇر. ئۇ ئاتنىڭ تۇيىقىنى چېقىپ، ئات مىنگۈچىنى ئارقىغا موللاق ئاتقۇزار. 17
ئى پەرۋەردىگار، نىجاتىڭغا تەلمۈرۈپ كۈتۈپ كەلدىم! 18
گادقا بولسا، قاراقچىلار قوشۇنى ھۇجۇم قىلار؛ لېكىن ئۇ تاپىنىنى بېسىپ زەربە بېرەر. 19
ئاشىرنىڭ تامىقىدا زەيتۇن مېيى مول بولار، ئۇ شاھلار ئۈچۈن نازۇ-نېمەتلەرنى تەمىنلەر. 20
نافتالىدىن چىرايلىق گەپلەر چىقار، ئۇ ئەركىن قويۇۋېتىلگەن مارالدۇر. 21
يۈسۈپ مېۋىلىك دەرەخنىڭ شېخىدۇر، بۇلاقنىڭ يېنىدىكى كۆپ مېۋىلىك شاختەكتۇر؛ ئۇنىڭ شاخچىلىرى تامدىن ھالقىپ كەتكەندۇر. 22
يا ئاتقۇچىلار ئۇنىڭغا ئازار قىلىپ، ئۇنىڭغا ئوق ئاتتى، ئۇنىڭغا نەپرەتلەندى. 23
ھالبۇكى، ئۇنىڭ ئوقيايى مەزمۇت تۇرار، قول-بىلەكلىرى ئەپلىك تۇرغۇزۇلار، شۇ [كۈچ] ياقۇپتىكى قۇدرەت ئىگىسىنىڭ قوللىرىدىندۇر ــ (ئىسرائىلنىڭ قورام تېشى، يەنى ئۇنىڭ پادىچىسى ئۇنىڭدىن چىقار!) 24
[ئاشۇ كۈچ] ئاتاڭنىڭ تەڭرىسىدىندۇر ــ (ئۇ ساڭا مەدەت بېرەر!) [يەنى] ھەممىگە قادىردىندۇر ــ ئۇ سېنى بەرىكەتلەر! يۇقىرىدا ئاسماننىڭ بەرىكەتلىرى بىلەن، تۆۋەندە ياتقان چوڭقۇر سۇلارنىڭ بەرىكەتلىرى بىلەن، ئەمچەك بىلەن بالىياتقۇنىڭ بەرىكىتى بىلەن سېنى بەرىكەتلەر! 25
سېنىڭ ئاتاڭنىڭ تىلىگەن بەرىكەتلىرى ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ تىلىگەن بەرىكەتلىرىدىن زىيادە بولدى، ئۇلار مەڭگۈلۈك تاغ-ئېدىرلارنىڭ چەتلىرىگىچە يېتەر، ئۇلار يۈسۈپنىڭ بېشىغا چۈشەر، يەنى ئۆز قېرىنداشلىرىدىن ئايرىم تۇرغۇچىنىڭ چوققىسىغا تېگەر. 26
بىنيامىن يىرتقۇچ بۆرىدەكتۇر؛ ئەتىگەندە ئۇ ئوۋنى يەر، كەچقۇرۇن ئۇ ئولجىسىنى تەقسىم قىلار» ــ دېدى. 27
بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسرائىلنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسى بولۇپ، مەزكۇر سۆزلەر بولسا ئاتىسىنىڭ ئۇلارغا تىلىگەن بەخت-بەرىكەت سۆزلىرىدۇر. ئۇ شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە ماس كېلىدىغان بىر بەرىكەت بىلەن ئۇلارغا بەخت-بەرىكەت تىلىدى. 28
ئاندىن ياقۇپ ئۇلارغا مۇنداق تاپىلىدى: ــ «مەن ئەمدى ئۆز قوۋمىمنىڭ قېشىغا قوشۇلىمەن. سىلەر مېنى ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ يېنىدا، ھىتتىيلاردىن بولغان ئەفروننىڭ ئېتىزلىقىدىكى غارغا دەپنە قىلىڭلار؛ 29
ئۇ غار بولسا قانائان زېمىنىدا مامرەنىڭ ئۇدۇلىدا، ماكپېلاھنىڭ ئېتىزلىقىدا. غارنى ئىبراھىم گۆرىستان بولسۇن دەپ شۇ ئېتىزلىق بىلەن قوشۇپ ھىتتىي ئەفروندىن سېتىۋالغانىدى. 30
شۇ يەردە ئىبراھىم ئايالى ساراھ بىلەن دەپنە قىلىنغان؛ شۇ يەردە ئىسھاق ئايالى رىۋكاھ بىلەنمۇ دەپنە قىلىنغان؛ شۇ يەردە مەنمۇ لېياھنى دەپنە قىلدىم. 31
بۇ ئېتىزلىق ھەم ئىچىدىكى غار ھەتنىڭ ئەۋلادلىرىدىن سېتىۋېلىنغانىدى». 32
ياقۇپ ئوغۇللىرىغا بۇ ۋەسىيەتنى تاپىلاپ بولۇپ، پۇتلىرىنى كارىۋاتتا تۈزلەپ، نەپەس توختاپ ئۆز قوۋمىغا قوشۇلدى. 33

< يارىتىلىش 49 >