< يارىتىلىش 47 >

يۈسۈپ پىرەۋننىڭ قېشىغا كېلىپ: ــ ئاتام بىلەن قېرىنداشلىرىم قوي-كالىلىرى، شۇنداقلا ھەممە مال-مۈلۈكلىرىنى بىللە ئېلىپ قانائان زېمىنىدىن كەلدى. مانا، ئۇلار ھازىر گوشەن يۇرتىغا چۈشتى، دەپ خەۋەر بېرىپ، 1
قېرىنداشلىرىنىڭ ئىچىدىن بەشەيلەننى ئېلىپ، پىرەۋننىڭ ئالدىغا ھازىر قىلدى. 2
پىرەۋن ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن: ــ نېمە ئوقىتىڭلار بار، دەپ سورىۋىدى، ئۇلار پىرەۋنگە جاۋاب بېرىپ: ــ كەمىنىلىرى ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا ئوخشاش مال باققۇچىلارمىز، ــ دېدى. 3
ئاندىن ئۇلار پىرەۋنگە ئىلتىماس قىلىپ: ــ قانائان زېمىنىدا قاتتىق قەھەتچىلىك بولغاچقا، كەمىنىلىرىنىڭ قويلىرىمىزنى باقىدىغانغا يايلاقمۇ يوق؛ شۇڭا بۇ زېمىندا مۇساپىر بولۇپ تۇرۇشقا كەلدۇق؛ جانابلىرىدىن تەلەپ قىلىمىزكى، كەمىنىلىرىنىڭ گوشەن يۇرتىدا تۇرۇشىغا ئىجازەت بەرگەيلا، ــ دېدى. 4
پىرەۋن يۈسۈپكە: ــ ئاتاڭ ۋە قېرىنداشلىرىڭ قېشىڭغا كەلدى؛ 5
مانا مىسىر زېمىنى سېنىڭ ئالدىڭدا تۇرۇپتۇ؛ ئاتاڭ ۋە قېرىنداشلىرىڭنى زېمىننىڭ ئەڭ ئېسىل يېرىدە ئولتۇرغۇزغىن؛ ئۇلار گوشەن يۇرتىدا ماكان قىلسۇن. شۇنىڭدەك، ئەگەر سەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى قابىل كىشىلەرنى بىلسەڭ، بۇلارنى مېنىڭ چارپايلىرىمغا نازارەتچى قىلغىن، ــ دېدى. 6
كېيىن، يۈسۈپ ئاتىسى ياقۇپنى ئېلىپ، پىرەۋننىڭ ئالدىغا ھازىر قىلدى؛ ياقۇپ پىرەۋنگە بەخت-بەرىكەت تىلىدى. 7
ئاندىن پىرەۋن ياقۇپتىن: ــ ئۆمرۈڭنىڭ يىل-كۈنلىرى نەچچىگە يەتتى؟ ــ دەپ سورىدى. 8
ياقۇپ پىرەۋنگە جاۋاب بېرىپ: ــ مۇساپىرلىق سەپىرىمنىڭ كۈنلىرى بىر يۈز ئوتتۇز يىلغا يەتتى؛ ئۆمرۈمنىڭ كۈنلىرى ئاز ھەم جاپا-مۇشەققەتلىك بولۇپ، ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ مۇساپىرلىق ئۆمۈر سەپىرىنىڭ كۈنلىرىگە تېخى يەتمىدى، ــ دېدى. 9
شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ پىرەۋنگە بەخت-بەرىكەت تىلەپ، ئالدىدىن چىقىپ كەتتى. 10
شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ ئاتىسى بىلەن قېرىنداشلىرىنى مىسىر زېمىنىدا ئولتۇراقلاشتۇرۇپ قويدى؛ پىرەۋننىڭ بۇيرۇغىنىدەك ئۇلارغا زېمىننىڭ ئەڭ ئېسىل يېرىدىن، يەنى رامسەس دېگەن يۇرتتىن تەۋەلىك بەردى. 11
يۈسۈپ ئاتىسى، قېرىنداشلىرى، شۇنداقلا ئاتىسىنىڭ ھەممە ئۆيدىكىلىرىنى بالا-چاقىلىرىنىڭ سانلىرىغا قاراپ ئاشلىق بىلەن تەمىنلەپ باقتى. 12
ئەمما ئاچارچىلىق قاتتىق ئېغىر بولغاچقا، زېمىننىڭ ھېچ يېرىدە ئوزۇق-تۈلۈك تېپىلمىدى؛ مىسىر زېمىنى بىلەن قانائان زېمىنى ئاچارچىلىقتىن خاراپلىشىپ كەتتى. 13
يۈسۈپ ئاشلىق سېتىپ مىسىر زېمىنى بىلەن قانائان زېمىنىدىكى بارلىق پۇلنى يىغىۋالدى. ئاندىن يۈسۈپ بۇ پۇلنى پىرەۋننىڭ ئوردىسىغا يەتكۈزۈپ بەردى. 14
ئەمما مىسىر زېمىنى بىلەن قانائان زېمىنىدىكى پۇل تۈگەپ كەتكەندە مىسىرلىقلارنىڭ ھەممىسى يۈسۈپنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ــ بىزگە نان بەرگەيلا! پۇل تۈگەپ كەتكىنى ئۈچۈن سىلىنىڭ ئالدىلىرىدا ئۆلىمىزمۇ؟ ــ دېدى. 15
يۈسۈپ جاۋابەن: ــ پۇلۇڭلار قالمىغان بولسا، چارپايلىرىڭلارنى ئېلىپ كېلىپ بەرسەڭلار، مەن ماللىرىڭلارىغا ئوزۇق-تۈلۈك تېگىشىپ بېرىمەن، ــ دېدى. 16
بۇنىڭ بىلەن ئۇلار چارپايلىرىنى يۈسۈپنىڭ قېشىغا ئېلىپ كەلگىلى تۇردى؛ يۈسۈپ ئۇلارنىڭ ئاتلىرى، قوي پادىلىرى، كالا پادىلىرى ۋە ئېشەكلىرىنىڭ ئورنىغا ئوزۇق-تۈلۈك بەردى؛ شۇ يىلى ماللىرىنىڭ ئورنىغا ئۇلارغا ئوزۇق-تۈلۈك بېرىپ باقتى. 17
ئۇ يىل ئاياغلىشىپ، ئۇلار ئىككىنچى يىلى ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ بىز خوجىمىزدىن ھېچنېمىنى يوشۇرمايمىز؛ پۇلىمىز تۈگىدى، چارپاي مال پادىلىرىمىز بولسا خوجىمىزنىڭ ئىلكىدە، خوجىمىزنىڭ ئالدىدا تەنلىرىمىز بىلەن يېرىمىزدىن باشقا ھېچنەرسە قالمىدى. 18
نېمىشقا كۆز ئالدىلىرىدا بىز ھەم يېرىمىزمۇ ئۆلۈپ كەتسۇن؟ ئەمدى سىلى ئۆزىمىز ۋە يېرىمىزنى ئوزۇق-تۈلۈككە تېگىشىپ ئېلىۋالغايلا؛ ئۆزىمىز ۋە يېرىمىز پىرەۋننىڭ بولۇپ، ئۇنىڭغا قۇل بولايلى. بىز ئۆلۈپ كەتمەي، تىرىك تۇرۇشىمىز، يېرىمىزمۇ ۋەيران بولماسلىقى ئۈچۈن بىزگە ئۇرۇق-تۈلۈك بەرگەيلا، دېدى. 19
بۇ تەرىقىدە يۈسۈپ مىسىرنىڭ پۈتكۈل تېرىلغۇ يېرىنى پىرەۋن ئۈچۈن سېتىۋالدى؛ چۈنكى ئاچارچىلىق قاتتىق بولغاچقا، مىسىرلىقلارنىڭ ھەربىرى ئۆز ئېتىزىنى سېتىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن يەر-زېمىن پىرەۋننىڭ بولۇپ قالدى. 20
يۈسۈپ خەلقنى مىسىرنىڭ بۇ چېتىدىن يەنە بىر چېتىگىچە ھەرقايسى شەھەرلەرگە كۆچۈردى. 21
پەقەت كاھىنلارنىڭ يېرىنى ئۇ ئالمىدى؛ چۈنكى كاھىنلارغا پىرەۋن تەرىپىدىن ئالاھىدە تەمىنات بېرىلگەچكە، ئۇلار پىرەۋن تەرىپىدىن تەمىنلەنگەن ئۈلۈشىنى يەپ، ئۆز يەرلىرىنى ساتمىغانىدى. 22
يۈسۈپ خەلققە: ــ مانا، مەن بۈگۈن ئۆزۈڭلار بىلەن يەرلىرىڭلارنى پىرەۋن ئۈچۈن سېتىۋالدىم. مانا سىلەرگە ئۇرۇق! ئەمدى يەر تېرىڭلار. 23
ئەمدى شۇنداق قىلىسىلەركى، چىققان ھوسۇلدىن بەشتىن بىرىنى پىرەۋنگە بېرىپ، قالغان تۆت قىسمىنى ئۆزۈڭلارغا ئېلىپ قېلىڭلار؛ ئۇ ئۇرۇقلۇق ھەمدە ئۆزۈڭلارغا، جۈملىدىن ئۆيۈڭدىكىلەرگە ۋە كىچىك بالىلىرىڭلارغا ئوزۇق بولسۇن، ــ دېدى. 24
ئۇلار جاۋابەن: ــ سىلى جېنىمىزنى قۇتقۇزدىلا. خوجىمىزنىڭ نەزىرىدە ئىلتىپات تاپقان بولساقلا، پىرەۋننىڭ قۇللىرى بولۇپ تۇرايلى، ــ دېدى. 25
شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ: ــ «ھوسۇلنىڭ بەشتىن بىرى پىرەۋنگە بېرىلسۇن» دەپ بۇ ئىشنى بۈگۈنگە قەدەر مىسىر زېمىنى ئۈچۈن قانۇن-بەلگىلىمە قىلدى. پەقەت كاھىنلارنىڭ يېرىلا بۇنىڭ سىرتىدا بولۇپ، پىرەۋنگە تەۋە بولمىدى. 26
ئىسرائىللار مىسىر زېمىنىدا، گوشەن ئۆلكىسىدە ئولتۇراقلاشتى؛ ئۇلار شۇ جايدا يەر-زېمىنلىك بولۇپ، ئاۋۇپ، تولىمۇ كۆپەيدى. 27
ياقۇپ مىسىر زېمىنىدا ئون يەتتە يىل ئۆمۈر كۆردى؛ بۇنىڭ بىلەن ياقۇپنىڭ ئۆمۈر كۈنلىرى بىر يۈز قىرىق يەتتە يىلغا يەتتى. 28
ئىسرائىلنىڭ كۈنلىرى سەكراتقا يېقىنلاشقاندا، ئوغلى يۈسۈپنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭغا: ــ ئەگەر نەزىرىڭدە ئىلتىپات تاپقان بولسام، قولۇڭنى يوتامنىڭ ئاستىغا قويۇپ، ماڭا شاپائەت ۋە ساداقەتلىكنى كۆرسىتىپ، مېنى مىسىردا دەپنە قىلما؛ 29
بەلكى مەن ئاتا-بوۋىلىرىم بىلەن ياتىدىغان ۋاقتىمدا مېنى مىسىردىن ئېلىپ كېتىپ، ئۇلارنىڭ گۆرىستانىغا دەپنە قىلغىن، دېدى. ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مەن ئېيتقىنىڭدەك قىلاي، ــ دېدى. 30
ياقۇپ ئۇنىڭغا: ــ ماڭا قەسەم قىلىپ بەرگىن، ــ دېدى. ئۇ ئۇنىڭغا قەسەم قىلىپ بەردى؛ ئاندىن ئىسرائىل كارۋاتنىڭ باش تەرىپىدە سەجدە قىلدى. 31

< يارىتىلىش 47 >