< يارىتىلىش 45 >

يۈسۈپ ئۆز يېنىدا تۇرغانلارنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى تۇتالماي: ــ ھەممە ئادەم ئالدىمدىن چىقىرىۋېتىلسۇن! دەپ ۋارقىرىدى. شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ ئۆزىنى قېرىنداشلىرىغا ئاشكارا قىلغاندا ئۇنىڭ قېشىدا ھېچكىم بولمىدى. ئۇ قاتتىق يىغلاپ كەتتى؛ مىسىرلىقلار ئۇنى ئاڭلىدى، پىرەۋننىڭ ئوردىسىكىلەرمۇ بۇنىڭدىن [تېزلا] خەۋەر تاپتى. 1
2
يۈسۈپ قېرىنداشلىرىغا: ــ مەن يۈسۈپ بولىمەن! ئاتام ھازىر ھاياتمۇ؟! ــ دەپ سورىدى. ئەمما قېرىنداشلىرى ئۇنىڭغا قاراپ ھودۇقۇپ كېتىپ، ھېچ جاۋاب بېرەلمەي قالدى. 3
لېكىن يۈسۈپ ئۇلارنى: ــ قېنى، ماڭا يېقىن كېلىڭلار، دەپ چاقىرىدى. ئۇلار يېقىن كەلدى، ئۇ يەنە: ــ مەن سىلەرنىڭ ئىنىڭلار، يەنى سىلەر مىسىرغا سېتىۋەتكەن يۈسۈپ بولىمەن. 4
ئەمدى مېنى مۇشۇ يەرگە سېتىۋەتكىنىڭلار ئۈچۈن ئازابلانماڭلار، ئۆزۈڭلارنى ئەيىبكە بۇيرۇماڭلار؛ چۈنكى خۇدا ئادەملەرنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مېنى سىلەردىن بۇرۇن بۇ يەرگە ئەۋەتتى. 5
چۈنكى ھازىر زېمىندىكى ئاچارچىلىققا ئىككى يىل بولدى؛ لېكىن تېخى يەنە بەش يىلغىچە ھېچ تېرىلغۇمۇ بولمايدۇ، ئورمىمۇ بولمايدۇ. 6
شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرگە دۇنيادا بىر قالدىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئۇلۇغ بىر نىجاتلىق كۆرسىتىپ، سىلەرنىڭ تىرىك قۇتۇلۇشۇڭلار ئۈچۈن خۇدا مېنى سىلەردىن بۇرۇن بۇ يەرگە ئەۋەتتى. 7
شۇنداق بولغانىكەن، مېنى مۇشۇ يەرگە ئەۋەتكۈچى سىلەر ئەمەس، بەلكى خۇدادۇر. ئۇ مېنى پىرەۋنگە ئاتىنىڭ ئورنىدا قىلىپ، ئۇنىڭ پۈتكۈل ئۆيىگە خوجا قىلىپ تىكلەپ، پۈتكۈل زېمىنغا باش ۋەزىر قىلىپ قويدى. 8
ئەمدى تېزدىن ئاتامنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: ــ سېنىڭ ئوغلۇڭ يۈسۈپ: «خۇدا مېنى پۈتكۈل مىسىرغا خوجا قىلىپ قويدى. سەن ھايال قىلماي، مېنىڭ قېشىمغا كەلگىن؛ 9
سەن گوشەن يۇرتىدا تۇرىسەن؛ شۇنىڭ بىلەن سەن ئۆزۈڭ، ئوغۇللىرىڭ، نەۋرىلىرىڭ، قويلىرىڭ، كالىلىرىڭ ۋە ھەممە تەئەللۇقاتلىرىڭ بىلەن ماڭا يېقىن تۇرىسىلەر. 10
ئۆزۈڭ، ئائىلەڭ ۋە ھەممە تەئەللۇقاتىڭنى نامراتلىق بېسىۋالمىسۇن دەپ مەن سېنى شۇ يەردە باقىمەن؛ چۈنكى يەنە بەش يىل ئاچارچىلىق باردۇر»، دېدى، ــ دەڭلار. 11
ــ مانا سىلەرنىڭ كۆزلىرىڭلار ۋە ئىنىم بىنيامىننىڭ كۆزلىرى سىلەرگە گەپ قىلىۋاتقان مېنىڭ ئۆز ئاغزىم ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋاتىدۇ. 12
ئاتامغا مېنىڭ مىسىردىكى بۇ بارلىق شان-شەرىپىم ھەمدە سىلەرنىڭ بارلىق كۆرگىنىڭلار توغرىسىدا ئېيتىپ، ئاتامنى تېزدىن بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىڭلار، ــ دېدى. 13
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنى بىنيامىنغا ئېتىپ ئۇنىڭ بوينىغا گىرە سېلىپ يىغلاپ كەتتى؛ بىنيامىنمۇ ئۇنىڭ بوينىغا يۆلىنىپ يىغلىدى. 14
ئاندىن يۈسۈپ بارلىق قېرىندشالىرىنى سۆيۈپ، ئۇلارنى بىر-بىرلەپ قۇچاقلاپ يىغلىدى. ئاندىن قېرىندشالىرى ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشتى. 15
يۈسۈپنىڭ قېرىندشالىرى كەلدى، دېگەن خەۋەر پىرەۋننىڭ ئوردىسىغا يەتكۈزۈلدى؛ بۇ پىرەۋن ۋە خىزمەتكارلىرىنىڭ نەزىرىدە قۇتلۇق ئىش بولدى. 16
پىرەۋن يۈسۈپكە: ــ قېرىنداشلىرىڭغا: ــ «سىلەر ئەمدى مۇنداق قىلىڭلار؛ ئۇلاغلىرىڭلارغا يۈك ئارتىپ، قانائان زېمىنىغا بېرىپ، 17
ئاتاڭلار ۋە جەمەتىڭلارنى ئېلىپ مېنىڭ قېشىمغا كېلىڭلار؛ مەن مىسىر زېمىنىدىن ئەڭ ئېسىل يەرلەرنى سىلەرگە بېرەي؛ سىلەر بۇ زېمىندىن چىققان نازۇ-نېمەتلەردىن يەيسىلەر» ــ دېگىن. 18
ساڭا بولغان ئەمرىم شۇكى، سەن ئۇلارغا: «بالىلىرىڭلار ۋە ئاياللىرىڭلارنى ئېلىش ئۈچۈن مىسىر زېمىنىدىن ھارۋىلارنى ئېلىپ بېرىڭلار. شۇنىڭدەك ئاتاڭلارنىمۇ بۇ يەرگە يەتكۈزۈپ كېلىڭلار. 19
پۈتكۈل مىسىر زېمىنىدىن ئەڭ ئېسىل جايلار سىلەرنىڭكى بولغاچقا، ئۆز سەرەمجانلىرىڭلارغا كارىڭلار بولمىسۇن» دەپ بۇيرۇغىن، ــ دېدى. 20
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرى شۇنداق قىلدى؛ يۈسۈپ پىرەۋننىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئۇلارغا ھارۋىلارنى بېرىپ، يولى ئۈچۈنمۇ ئوزۇق بەردى. 21
ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە بىر قۇر كىيىم بەردى؛ لېكىن بىنيامىنغا بولسا ئۇ ئۈچ يۈز كۈمۈش تەڭگە، بەش قۇر كىيىم بەردى. 22
ئۇ ئاتىسىغىمۇ شۇ ھەدىيەلەرنى، يەنى مىسىرنىڭ ئېسىل مەھسۇلاتلىرى ئارتىلغان ئون ھاڭگا ئېشەك ھەمدە ئاشلىق، نان ۋە ئاتىسىغا يول تەييارلىقى ئارتىلغان ئون مادا ئېشەكنى ئەۋەتتى. 23
ئاندىن ئۇ قېرىنداشلىرىنى يولغا سېلىپ، ئۇلارغا: ــ يولدا جېدەللەشمەڭلار، دەپ جېكىلىدى. ئۇلار يولغا راۋان بولدى. 24
ئۇلار مىسىردىن چىقىپ، قانائان زېمىنىغا ئاتىسى ياقۇپنىڭ قېشىغا بېرىپ، 25
ئۇنىڭغا يۈسۈپ ئۆزلىرىگە ئېيتقان گەپلەرنى يەتكۈزۈپ: «يۈسۈپ تېخى ھايات ئىكەن! ئۇ پۈتكۈل مىسىر زېمىنىغا باش ۋەزىر ئىكەن!» دېدى. ئەمما ئۇ ئۇلارغا ئىشەنمەي، يۈرىكى قېتىپ ھوشىدىن كېتەي دەپ قالدى. 26
لېكىن ئۇلار يۈسۈپنىڭ ئۆزلىرىگە ئېيتقان بارلىق سۆزلىرىنى ئۇنىڭغا دېگەندە، شۇنداقلا يۈسۈپنىڭ ئۆزىنى ئېلىپ كېلىشكە ئەۋەتكەن ھارۋىلارنىمۇ كۆرگەندە، ئۇلارنىڭ ئاتىسى ياقۇپنىڭ روھىغا جان كىردى. 27
ئىسرائىل شۇنىڭ بىلەن: ــ ئەمدى ئارمىنىم يوق! ئوغلۇم يۈسۈپ تېخى ھاياتتۇر! مەن ئۆلمەستە بېرىپ ئۇنى كۆرۈۋالاي، ــ دېدى. 28

< يارىتىلىش 45 >