< يارىتىلىش 42 >

ئەمدى ياقۇپ مىسىردا ئاشلىق بارلىقىنى بىلگىنىدە ئوغۇللىرىغا: ــ نېمىشقا بىر-بىرىڭلارغا قارىشىپ تۇرىسىلەر؟ ــ دېدى. 1
ئاندىن يەنە: ــ ماڭا قاراڭلار، ئاڭلىشىمچە مىسىردا ئاشلىق بار ئىكەن. ئۇ يەرگە بېرىپ، ئاندىن شۇ يەردىن بىزگە ئاشلىق ئېلىپ كېلىڭلار؛ بۇنىڭ بىلەن ئۆلۈپ كەتمەي، تىرىك قالىمىز، ــ دېدى. 2
بۇنىڭ بىلەن يۈسۈپنىڭ ئون ئاكىسى ئاشلىق سېتىۋالغىلى مىسىرغا يولغا چىقتى. 3
لېكىن ياقۇپ يۈسۈپنىڭ ئىنىسى بىنيامىننىڭ بىرەر يامانلىققا ئۇچراپ قېلىشىدىن قورقۇپ ئۇنى ئاكىلىرى بىلەن بىللە ئەۋەتمىدى. 4
شۇنىڭدەك ئاچارچىلىق قانائان زېمىنىدىمۇ يۈز بەرگەچكە، ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرى ئاشلىق ئالغىلى كەلگەنلەر ئارىسىدا بار ئىدى. 5
يۈسۈپ زېمىننىڭ ۋالىيسى بولۇپ، يۇرتنىڭ بارلىق خەلقىگە ئاشلىق سېتىپ بەرگۈچى شۇ ئىدى. يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرى كېلىپ ئۇنىڭ ئالدىدا يۈزلىرىنى يەرگە تەگكۈزۈپ تەزىم قىلدى. 6
يۈسۈپ ئاكىلىرىنى كۆرۈپلا ئۇلارنى تونۇدى؛ لېكىن ئۇ تونۇشلۇق بەرمەي، ئۇلارغا قوپال تەلەپپۇزدا گەپ قىلىپ: ــ قەيەردىن كەلدىڭلار، دەپ سورىدى. ئۇلار جاۋابەن: ــ قانائان زېمىنىدىن ئاشلىق ئالغىلى كەلدۇق، ــ دېدى. 7
يۈسۈپ ئاكىلىرىنى تونۇغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئۇنى تونۇمىدى. 8
يۈسۈپ ئەمدى ئۇلار توغرىسىدا كۆرگەن چۈشلىرىنى ئېسىگە ئېلىپ، ئۇلارغا: ــ سىلەر جاسۇس، بۇ ئەلنىڭ مۇداپىئەسىز جايلىرىنى كۆزەتكىلى كەلدىڭلار، ــ دېدى. 9
ئەمما ئۇلار ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئەي خوجام، ئۇنداق ئەمەس! بەلكى كەمىنىلىرى ئاشلىق سېتىۋالغىلى كەلدى! 10
بىز ھەممىمىز بىر ئادەمنىڭ ئوغۇللىرى، سەمىمىي ئادەملەرمىز. كەمىنىلىرى جاسۇس ئەمەس! ــ دېدى. 11
ئۇ ئۇلارغا يەنە: ــ ئۇنداق ئەمەس! بەلكى زېمىننىڭ مۇداپىئەسىز جايلىرىنى كۆرگىلى كەلدىڭلار، ــ دېدى. 12
ئۇلار جاۋاب بېرىپ: ــ كەمىنىلىرى ئەسلىدە ئون ئىككى قېرىنداش ئىدۇق؛ بىز ھەممىمىز قانائان زېمىنىدىكى بىر ئادەمنىڭ ئوغۇللىرىدۇرمىز؛ لېكىن كەنجى ئىنىمىز ئاتىمىزنىڭ قېشىدا قېلىپ قالدى؛ يەنە بىر ئىنىمىز يوقاپ كەتتى، ــ دېدى. 13
ئەمما يۈسۈپ ئۇلارغا يەنە: ــ مانا مەن دەل سىلەرگە ئېيتقىنىمدەك، جاسۇس ئىكەنسىلەر! 14
پىرەۋننىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، كىچىك ئىنىڭلار بۇ يەرگە كەلمىگۈچە سىلەر بۇ يەردىن چىقىپ كېتەلمەيسىلەر؛ سىلەر شۇنىڭ بىلەن سىنىلىسىلەر. 15
ئىنىڭلارنى ئېلىپ كەلگىلى بىرىڭلارنى ئەۋەتىڭلار، قالغانلىرىڭلار بولسا سولاپ قويۇلىسىلەر. بۇنىڭ بىلەن ئېيتقىنىڭلارنىڭ راست-يالغانلىقى ئىسپاتلىنىدۇ؛ بولمىسا، پىرەۋننىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىلەر جەزمەن جاسۇس! ــ دېدى. 16
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارنى ئۈچ كۈنگىچە سولاپ قويدى. 17
ئۈچىنچى كۈنى يۈسۈپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ مەن خۇدادىن قورقىدىغان ئادەممەن؛ تىرىك قېلىشىڭلار ئۈچۈن مۇشۇ ئىشنى قىلىڭلار: ــ 18
ئەگەر سەمىمىي ئادەملەر بولساڭلار، قېرىنداشلىرىڭلاردىن بىرى سىلەر سولانغان گۇندىخانىدا سولاقلىق تۇرىۋەرسۇن، قالغىنىڭلار ئاچارچىلىقتا قالغان ئائىلەڭلار ئۈچۈن ئاشلىق ئېلىپ كېتىڭلار؛ 19
ئاندىن كىچىك ئىنىڭلارنى قېشىمغا ئېلىپ كېلىڭلار. شۇنىڭ بىلەن سۆزلىرىڭلار ئىسپاتلانسا، ئۆلمەيسىلەر!، ــ دېدى. ئۇلار شۇنداق قىلىدىغان بولدى. 20
ئاندىن ئۇلار ئۆزئارا: ــ بەرھەق، بىز ئىنىمىزغا قىلغان ئىشىمىز بىلەن گۇناھكار بولۇپ قالدۇق؛ ئۇ بىزگە يالۋۇرسىمۇ ئۇنىڭ ئازابىنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا قۇلاق سالمىدۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئازاب-ئوقۇبەت بېشىمىزغا چۈشتى، ــ دېيىشتى. 21
رۇبەن ئۇلارغا جاۋابەن: ــ مەن سىلەرگە: بالىغا زۇلۇم قىلماڭلار، دېگەن ئەمەسمىدىم؟ لېكىن ئۇنىمىدىڭلار. مانا ئەمدى ئۇنىڭ قان قەرزى بىزدىن سورىلىۋاتىدۇ، ــ دېدى. 22
ئەمما يۈسۈپ ئۇلار بىلەن تەرجىمان ئارقىلىق سۆزلەشكەچكە، ئۇلار يۈسۈپنىڭ ئۆز گەپلىرىنى ئۇقۇپ تۇرۇۋاتقىنىنى بىلمىدى. 23
ئۇ ئۇلاردىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ، يىغلاپ كەتتى. ئاندىن ئۇلارنىڭ قېشىغا يېنىپ كېلىپ، ئۇلارغا يەنە سۆز قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن شىمېئوننى تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا باغلىدى. 24
ئاندىن يۈسۈپ ئەمر چۈشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ تاغارلىرىغا ئاشلىق تولدۇرۇپ، ھەر بىرسىنىڭ پۇلىنى قايتۇرۇپ تاغىرىغا سېلىپ قويۇپ، سەپەر ھازىرلىقلىرىمۇ بېرىلسۇن دەپ بۇيرۇۋىدى، ئۇلارغا شۇنداق قىلىندى. 25
شۇنىڭ بىلەن ئاكىلىرى ئېشەكلىرىگە ئاشلىقلىرىنى ئارتىپ، شۇ يەردىن كەتتى. 26
ئەمما ئۆتەڭگە كەلگەندە ئۇلاردىن بىرى ئېشىكىگە يەم بەرگىلى تاغىرىنى ئېچىۋىدى، مانا، ئۆز پۇلى تاغارنىڭ ئاغزىدا تۇراتتى. 27
ئۇ قېرىنداشلىرىغا: ــ مېنىڭ پۇلۇمنى قايتۇرۇۋېتىپتۇ. مانا ئۇ تاغىرىمدا تۇرىدۇ، دېدى. بۇنى ئاڭلاپ ئۇلارنىڭ يۈرىكى سۇ بولۇپ، تىترىشىپ بىر-بىرىگە: ــ بۇ خۇدانىڭ بىزگە زادى نېمە قىلغىنىدۇ؟ ــ دېيىشتى. 28
ئۇلار قانائان زېمىنىغا، ئاتىسى ياقۇپنىڭ قېشىغا كېلىپ، بېشىدىن ئۆتكەن ھەممە ۋەقەلەرنى ئۇنىڭغا سۆزلەپ بېرىپ: 29
ــ ھېلىقى كىشى، يەنى شۇ زېمىننىڭ خوجىسى بىزگە قوپال گەپ قىلدى، بىزگە زېمىننى پايلىغۇچى جاسۇستەك مۇئامىلە قىلدى؛ 30
ئەمدى بىز ئۇنىڭغا: «بىز بولساق سەمىمىي ئادەملەرمىز، جاسۇس ئەمەسمىز. 31
بىز بىر ئاتىدىن بولغان ئوغۇللار بولۇپ، ئون ئىككى ئاكا-ئۇكا ئىدۇق؛ بىرى يوقاپ كەتتى، كىچىك ئىنىمىز ھازىر قانائان زېمىنىدا ئاتىمىزنىڭ يېنىدا قالدى» دېسەك، 32
ھېلىقى كىشى، يەنى شۇ زېمىننىڭ خوجىسى بىزگە مۇنداق دېدى: «مېنىڭ سىلەرنىڭ سەمىمىي ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىشىم ئۈچۈن، قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ بىرىنى مېنىڭ يېنىمدا قالدۇرۇپ قويۇپ، ئاچ قالغان ئائىلەڭلار ئۈچۈن ئاشلىق ئېلىپ كېتىڭلار؛ 33
ئاندىن كىچىك ئىنىڭلارنى قېشىمغا ئېلىپ كېلىڭلار؛ شۇنداق قىلساڭلار، سىلەرنىڭ جاسۇس ئەمەس، بەلكى سەمىمىي ئادەملەر ئىكەنلىكىڭلارنى بىلەلەيمەن. ئاندىن قېرىندىشىڭلارنى سىلەرگە قايتۇرۇپ بېرىمەن ۋە سىلەر زېمىندا سودا-سېتىق قىلساڭلار بولىدۇ» ــ دېدى. 34
ئەمما شۇنداق بولدىكى، ئۇلار تاغارلىرىنى تۆككەندە، مانا ھەربىرىنىڭ پۇلدىنى ئۆز تاغارلىرىدا تۇراتتى! ئۇلار ۋە ئاتىسى ئۆزلىرىنىڭ چىگىكلىك پۇللىرىنى كۆرگەندە، قورقۇپ قېلىشتى. 35
ئاتىسى ياقۇپ ئۇلارغا: ــ مېنى ئوغلۇمدىن جۇدا قىلدىڭلار! يۈسۈپ يوق بولدى، شىمېئونمۇ يوق، ئەمدى بىنيامىننىمۇ ئېلىپ كەتمەكچى بولۇۋاتىسىلەر! مانا بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ بېشىمغىلا كەلدى! ــ دېدى. 36
رۇبەن ئاتىسىغا: ــ ئەگەر مەن بىنيامىننى قېشىڭغا قايتۇرۇپ ئېلىپ كەلمىسەم، مېنىڭ ئىككى ئوغلۇمنى ئۆلتۈرۈۋەتكىن؛ ئۇنى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇرغىن؛ مەن ئۇنى قېشىڭغا ياندۇرۇپ ئېلىپ كېلىمەن، ــ دېدى. 37
لېكىن ياقۇپ جاۋاب بېرىپ: ــ ئوغلۇم سىلەر بىلەن بىللە ئۇ يەرگە چۈشمەيدۇ؛ چۈنكى ئۇنىڭ ئاكىسى ئۆلۈپ كېتىپ، ئۇ ئۆزى يالغۇز قالدى. مۇبادا يولدا كېتىۋاتقاندا ئۇنىڭغا بىرەر كېلىشمەسلىك كەلسە، سىلەر مەندەك بىر ئاق چاچلىق ئادەمنى دەرد-ئەلەم بىلەن تەختىساراغا چۈشۈرىۋېتىسىلەر، ــ دېدى. (Sheol h7585) 38

< يارىتىلىش 42 >