< يارىتىلىش 41 >

توپتوغرا ئىككى يىل ئۆتۈپ، پىرەۋن بىر چۈش كۆردى. چۈشىدە ئۇ [نىل] دەرياسىنىڭ بويىدا تۇرغۇدەك. 1
ھەم چىرايلىق ھەم سېمىز يەتتە تۇياق ئىنەك دەريادىن چىقىپ، قۇمۇشلۇقتا ئوتلاپتۇدەك. 2
ئاندىن يەنە يەتتە تۇياق ئىنەك دەريادىن چىقىپتۇ؛ ئۇلار سەت ھەم ئورۇق بولۇپ، ئالدىنقى ئىنەكلەرنىڭ يېنىدا، دەريانىڭ بويىدا تۇرۇپتۇ. 3
بۇ سەت ھەم ئورۇق ئىنەكلەر ئۇ يەتتە چىرايلىق ھەم سېمىز ئىنەكلەرنى يەۋېتىپتۇ. شۇ ۋاقىتتا پىرەۋن ئويغىنىپ كېتىپتۇ. 4
ئۇ يەنە ئۇخلاپ، ئىككىنچى قېتىم چۈش كۆردى: ــ مانا، بىر تۈپ بۇغداي شېخىدىن توق ۋە چىرايلىق يەتتە باشاق چىقىپتۇ. 5
ئۇلاردىن كېيىن يەنە يەتتە باشاق چىقىپتۇ؛ ئۇلار ھەم ئورۇق ۋە پۇچەك بولۇپ، شەرق شامىلىدا سولىشىپ قالغانىدى. 6
بۇ ئورۇق باشاقلار ئۇ يەتتە سېمىز، توق باشاقنى يۇتۇپ كېتىپتۇ. ئاندىن پىرەۋن ئويغىنىپ كېتىپتۇ، بۇ ئۇنىڭ چۈشى ئىكەن. 7
ئەتىسى ئۇنىڭ كۆڭلى ناھايىتى بىئارام بولۇپ، مىسىردىكى ھەممە پالچى-جادۇگەرلەر بىلەن بارلىق دانىشمەنلەرنى چاقىرتىپ كەلدى. پىرەۋن ئۆز چۈشىنى ئۇلارغا ئېيتىپ بەردى؛ لېكىن ھېچكىم پىرەۋنگە چۈشلەرنىڭ تەبىرىنى دەپ بېرەلمىدى. 8
ئۇ چاغدا باش ساقىي پىرەۋنگە: ــ بۈگۈن مېنىڭ ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىم ئېسىمگە كەلدى. 9
بۇرۇن پىرەۋن جانابلىرى قۇللىرىغا، يەنى پېقىر ۋە باش ناۋايغا ئاچچىقلىنىپ، بىزنى پاسىبان بېشىنىڭ سارىيىدا سولاققا تاشلىغانىدىلا؛ 10
شۇ چاغلاردا ھەربىرىمىز بىر كېچىدە بىردىن چۈش كۆردۇق؛ ھەر قايسىمىز كۆرگەن چۈشنىڭ تەبىرى باشقا-باشقا ئىدى. 11
شۇ يەردە بىز بىلەن بىللە پاسىبان بېشىنىڭ قۇلى بولغان بىر ئىبرانىي يىگىت بار ئىدى. ئۇنىڭغا چۈشلىرىمىزنى ئېيتىۋىدۇق، ئۇ بىزگە چۈشلىرىمىزنىڭ تەبىرىنى بايان قىلدى؛ ئۇ ھەربىرىمىزنىڭ كۆرگەن چۈشىگە قاراپ تەبىر بەرگەنىدى. 12
شۇنداق بولدىكى، ئىشلار دەل ئۇنىڭ بەرگەن تەبىرىدە دېيىلگەندەك يۈز بەردى؛ جانابلىرى پېقىرنى ئۆز مەنسىپىمگە قايتىدىن تەيىنلىدىلە، باش ناۋاينى دارغا ئاستىلا، ــ دېدى. 13
شۇنىڭ بىلەن پىرەۋن ئادەم ئەۋەتىپ، يۈسۈپنى چاقىردى؛ ئۇلار دەرھال ئۇنى زىنداندىن چىقاردى. يۈسۈپ بۇرۇت-ساقىلىنى چۈشۈرۈپ، كىيىملىرىنى يەڭگۈشلەپ، پىرەۋننىڭ ئالدىغا كىردى. 14
پىرەۋن يۈسۈپكە: ــ مەن بىر چۈش كۆردۈم، ئەمما ئۇنىڭ تەبىرىنى ئېيتىپ بېرەلەيدىغان ھېچكىم چىقمىدى. ئاڭلىسام، سەن چۈشكە تەبىر بېرەلەيدىكەنسەن، ــ دېدى. 15
يۈسۈپ پىرەۋنگە جاۋاب بېرىپ: ــ تەبىر بېرىش ئۆزۈمدىن ئەمەس؛ لېكىن خۇدا پىرەۋنگە خاتىرجەملىك بېرىدىغان بىر جاۋاب بېرىدۇ، ــ دېدى. 16
پىرەۋن يۈسۈپكە: ــ چۈشۈمدە مەن دەريانىڭ قىرغىقىدا تۇرۇپتىمەن. 17
قارىسام، دەريادىن ھەم سېمىز ھەم چىرايلىق يەتتە تۇياق ئىنەك چىقىپ قۇمۇشلۇقتا ئوتلاپتۇ. 18
ئاندىن ئۇلاردىن كېيىن ئاجىز، تولىمۇ سەت ھەم ئورۇق يەتتە تۇياق ئىنەك چىقىپتۇ. مەن مىسىر زېمىنىدا شۇنداق سەت ئىنەكلەرنى كۆرگەن ئەمەسمەن. 19
بۇ ئورۇق، ئەسكى ئىنەكلەر بولسا ئاۋۋالقى يەتتە سېمىز ئىنەكنى يەۋېتىپتۇ. 20
ئۇلارنى يەۋەتكەن بولسىمۇ، قورسىقىغا بىر نېمىنىڭ كىرگەنلىكى ھېچ ئايان بولماپتۇ، ئۇلارنىڭ كۆرۈنۈشى بەلكى بۇرۇنقىدەك سەت ئىمىش. ئاندىن مەن ئويغىنىپ كەتتىم. 21
ئاندىن يەنە بىر چۈش كۆردۇم، مانا بىر شاختىن يەتتە ھەم توق ھەم چىرايلىق باشاق چىقىپتۇ. 22
ئاندىن يەنە يەتتە پۇچەك، ئورۇق باشاق چىقىپتۇ؛ ئۇلار شەرق شامىلى بىلەن سولىشىپ قۇرۇپ كېتىپتۇ. 23
بۇ ئورۇق باشاقلار يەتتە چىرايلىق باشاقنى يەپ كېتىپتۇ. مەن بۇ ئىشنى پالچى-جادۇگەرلەرگە دەپ بەرسەم، ماڭا تەبىرىنى ئېيتىپ بېرىدىغان ھېچ كىشى چىقمىدى، دېدى. 24
يۈسۈپ پىرەۋنگە: ــ [جانابلىرى] پىرەۋننىڭ چۈشلىرى بىر مەنىدىدۇر. خۇدا ئۆزى قىلماقچى بولغان ئىشلىرىنى پىرەۋنگە ئالدىن بىلدۈردى. 25
بۇ يەتتە ياخشى ئىنەك يەتتە يىلنى كۆرسىتىدۇ؛ يەتتە ياخشى باشاقمۇ يەتتە يىلنى كۆرسىتىدۇ. بۇ چۈشلەر ئوخشاش بىر چۈشتۇر. 26
ئۇلاردىن كېيىن چىققان يەتتە ئورۇق، يامان سەت ئىنەك يەتتە يىلنى كۆرسىتىدۇ؛ شەرق شامىلى بىلەن سولىشىپ قالغان يەتتە قۇرۇق باشاقمۇ شۇنداق بولۇپ، ئاچارچىلىق بولىدىغان يەتتە يىلدۇر. 27
مەن پىرەۋنگە دەيدىغان سۆزۈم شۇكى، خۇدا يېقىندا قىلماقچى بولغان ئىشنى پىرەۋنگە ئايان قىلدى. 28
مانا، پۈتكۈل مىسىر زېمىنىدا يەتتە يىلغىچە مەمۇرچىلىق بولىدۇ؛ 29
ئاندىن يەتتە يىلغىچە ئاچارچىلىق بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن مىسىر زېمىنىدا پۈتكۈل مەمۇرچىلىقنى ئۇنۇتقۇزىدىغان ئاچارچىلىق زېمىننى ۋەيران قىلىدۇ. 30
كېلىدىغان ئاچارچىلىقنىڭ سەۋەبىدىن زېمىندا بولغان مەمۇرچىلىق كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ؛ چۈنكى ئاچارچىلىق تولىمۇ ئېغىر بولىدۇ. 31
لېكىن چۈشنىڭ ياندۇرۇلۇپ، پىرەۋنگە ئىككى قېتىم كۆرۈنگىنىنىڭ ئەھمىيىتى شۇكى، بۇ ئىش خۇدا تەرىپىدىن بېكىتىلگەن بولۇپ، خۇدا ئۇنى پات ئارىدا ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. 32
ئەمدى پىرەۋن ئۆزى ئۈچۈن پەم-پاراسەتلىك ھەم دانا بىر كىشىنى تېپىپ، مىسىر زېمىنىغا قويسۇن. 33
پىرەۋن شۇنداق قىلسۇنكى، مەمۇرچىلىق بولغان يەتتە يىلدا مىسىر زېمىنىدىن چىققان ئاشلىقنىڭ بەشتىن بىرىنى توپلاڭلار دەپ زېمىنغا نازارەتچىلەرنى تەيىنلىسۇن. 34
بۇلار شۇ كېلىدىغان توقچىلىق يىللىرىدا بارلىق ئاشلىقنى توپلاپ، شەھەر-شەھەرلەردە يېمەكلىك بولسۇن دەپ بۇغداي-قوناقلارنى پىرەۋننىڭ قول ئاستىغا جەم قىلىپ ساقلىتىپ قويسۇن. 35
[يىغىلغان] شۇ ئاشلىقلار مىسىر زېمىنىدا بولىدىغان يەتتە يىللىق ئاچارچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ساقلانسۇن؛ شۇ تەرىقىدە زېمىن ئاچارچىلىقتىن ھالاك بولمايدۇ، ــ دېدى. 36
بۇ سۆز پىرەۋن ۋە ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ نەزىرىگە تازا ياقتى. 37
شۇنىڭ بىلەن پىرەۋن خىزمەتكارلىرىغا: ــ بۇ كىشىدەك، ئىچىدە خۇدانىڭ روھى بار يەنە بىرسىنى تاپالامدۇق؟! ــ دېدى. 38
پىرەۋن يۈسۈپكە: ــ خۇدا ساڭا بۇنىڭ ھەممىسىنى ئايان قىلغانىكەن، سەندەك پەملىك ھەم دانا ھېچكىم چىقمايدۇ. 39
سەن ئەمدى مېنىڭ ئۆيۈمنى باشقۇرۇشقا بېكىتىلدىڭ، بارلىق خەلقىم سېنىڭ ئاغزىڭغا قاراپ ئۆزلىرىنى تەرتىپكە تىزسۇن. پەقەت تەختتىلا مەن سەندىن ئۈستۈن تۇرىمەن، ــ دېدى. 40
ئاخىرىدا پىرەۋن يۈسۈپكە: ــ مانا، مەن سېنى پۈتكۈل مىسىر زېمىنىنىڭ ئۈستىگە تەيىنلىدىم، ــ دېدى. 41
بۇنىڭ بىلەن، پىرەۋن ئۆز قولىدىن مۆھۈر ئۈزۈكىنى چىقىرىپ، يۈسۈپنىڭ قولىغا سالدى؛ ئۇنىڭغا نەپىس كاناپ رەختتىن تىكىلگەن لىباسنى كىيگۈزۈپ، بوينىغا بىر ئالتۇن زەنجىر ئېسىپ قويدى. 42
ئۇنى ئۆزىنىڭ ئىككىنچى شاھانە ھارۋىسىغا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭ ئالدىدا: «تىز پۈكۈڭلار!» ــ دەپ جار سالدۇردى. شۇنداق قىلىپ، پىرەۋن ئۇنى پۈتكۈل مىسىر زېمىنىغا تىكلەپ قويدى. 43
ئاندىن پىرەۋن يۈسۈپكە يەنە: ــ مەن دېگەن پىرەۋندۇرمەن؛ پۈتكۈل مىسىر زېمىنىدا سەنسىز ھېچكىم قول-پۇتىنى مىدىرلاتمىسۇن! ــ دېدى. 44
پىرەۋن يۈسۈپكە زافىنات-پائانىياھ دېگەن نامنى بەردى ۋە ئون شەھىرىدىكى كاھىن پوتىفىراھنىڭ قىزى ئاسىناتنى ئۇنىڭغا خوتۇنلۇققا ئېلىپ بەردى. شۇنداق قىلىپ يۈسۈپ پۈتكۈل مىسىر زېمىنىنى باشقۇرۇش ئۈچۈن چۆرگىلەشكە چىقتى. يۈسۈپ مىسىر پادىشاھى پىرەۋننىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا بېكىتىلگەندە ئوتتۇز ياشتا ئىدى؛ ئۇ پىرەۋننىڭ ئالدىدىن چىقىپ، مىسىر زېمىنىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. 45
46
مەمۇرچىلىق بولغان يەتتە يىل ئىچىدە زېمىننىڭ ھوسۇلى دۆۋە-دۆۋە بولدى. 47
يەتتە يىلدا ئۇ مىسىر زېمىنىدىن چىققان ئاشلىقنى يىغىپ، شەھەر-شەھەرگە توپلىدى؛ ھەرقايسى شەھەرنىڭ ئەتراپىدىكى ئېتىزلىقنىڭ ئاشلىقىنى ئۇ شۇ شەھەرنىڭ ئۆزىگە جۇغلاپ قويدى. 48
شۇ تەرىقىدە يۈسۈپ دېڭىزدىكى قۇمدەك ناھايىتى كۆپ ئاشلىق توپلىدى؛ ئاشلىق ھەددى-ھېسابسىز بولغاچقا، ئۇلار ھېسابلاشنى توختاتتى. 49
ئاچارچىلىق يىللىرى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن يۈسۈپكە ئىككى ئوغۇل تۆرەلدى. بۇلارنى ئوندىكى كاھىن پوتىفەراھنىڭ قىزى ئاسىنات ئۇنىڭغا تۇغۇپ بەردى. 50
يۈسۈپ: «خۇدا پۈتۈن جاپا-مۇشەققىتىم ۋە ئاتامنىڭ پۈتۈن ئائىلىسىنى كۆڭلۈمدىن كۆتۈرۈۋەتتى» دەپ تۇنجى ئوغلىغا ماناسسەھ دەپ ئات قويدى؛ 51
ئاندىن: «مەن ئازاب-ئوقۇبەت چەككەن يۇرتتا خۇدا مېنى مېۋىلىك قىلدى» دەپ ئىككىنچىسىگە ئەفرائىم دەپ ئات قويدى. 52
مىسىر زېمىنىدا مەمۇرچىلىق بولغان يەتتە يىل ئاياغلاشتى. 53
ئاندىن يۈسۈپنىڭ ئېيتقىنىدەك ئاچارچىلىقنىڭ يەتتە يىلى باشلاندى. ئۇ چاغلاردا باشقا بارلىق يۇرتلاردىمۇ ئاچارچىلىق بولدى؛ لېكىن مىسىر زېمىنىدىكى ھەر يەرلەردە نان بار ئىدى. 54
ئاچارچىلىق پۈتكۈل مىسىر زېمىننى باسقاندا، خەلق ئاشلىق سوراپ پىرەۋنگە پەرياد قىلدى. پىرەۋن مىسىرلىقلارنىڭ ھەممىسىگە: ــ يۈسۈپنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇ سىلەرگە نېمە دېسە، شۇنى قىلىڭلار، ــ دېدى. 55
ئاچارچىلىق پۈتكۈل يەر يۈزىنى بېسىپ كەتتى. يۈسۈپ ھەر يەردىكى ئامبارلارنى ئېچىپ، مىسىرلىقلارغا ئاشلىق ساتاتتى؛ ئاچارچىلىق مىسىر زېمىنىدا ئىنتايىن ئېغىر بولغىلى تۇردى. 56
ئاچارچىلىق پۈتكۈل يەر يۈزىنى باسقان بولغاچقا، بارلىق يۇرتلاردىكى خەلقمۇ ئاشلىق ئالغىلى مىسىرغا يۈسۈپنىڭ قېشىغا كېلەتتى. 57

< يارىتىلىش 41 >