< يارىتىلىش 40 >

بۇ ئىشلاردىن كېيىن مىسىر پادىشاھىنىڭ ساقىيسى ۋە باش ناۋىيى مىسىر پادىشاھىنىڭ زىتىغا تېگىپ گۇناھكار بولۇپ قالدى. 1
شۇنىڭ بىلەن پىرەۋن ئۇنىڭ بۇ ئىككى مەنسەپدارىغا، يەنى باش ساقىي ۋە باش ناۋايغا غەزەپلىنىپ، 2
ئۇلارنى پاسىبان بېشىنىڭ سارىيىغا، يۈسۈپ سولاقلىق مۇنارلىق زىندانغا سولاپ قويدى. 3
پاسىبان بېشى يۈسۈپنى ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ ئۇلارنى كۈتۈشكە تەيىنلىدى. ئۇلار سولاقتا بىرنەچچە كۈن يېتىپ قالدى. 4
ئۇلار ئىككىسى ــ مىسىر پادىشاھىنىڭ ساقىيسى ۋە ناۋىيى گۇندىخانىدا سولاقلىق تۇرغان بىر كېچىدە چۈش كۆردى. ھەربىرىنىڭ چۈشىنىڭ ئۆزىگە خاس تەبىرى بار ئىدى. 5
ئەتىسى ئەتىگەندە، يۈسۈپ ئۇلارنىڭ قېشىغا كىرىۋىدى، ئۇلارنىڭ غەمكىن ئولتۇرغىنىنى كۆردى؛ 6
شۇڭا ئۇ ئۆزى بىلەن بىللە خوجىسىنىڭ سارىيىدا سولاقلىق ياتقان پىرەۋننىڭ بۇ ئىككى مەنسەپدارىدىن: ــ نېمىشقا چىرايىڭلار بۈگۈن شۇنچە سولغۇن؟ ــ دەپ سورىدى. 7
ئۇلار ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئىككىمىز بىر چۈش كۆردۇق؛ ئەمما چۈشىمىزنىڭ تەبىرىنى يېشىپ بېرىدىغان كىشى يوق، دېدى. يۈسۈپ ئۇلارغا: ــ چۈشكە تەبىر بېرىش خۇدادىن بولىدۇ ئەمەسمۇ؟ چۈشۈڭلارنى ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلار، ــ دېدى. 8
بۇنىڭ بىلەن باش ساقىي يۈسۈپكە چۈشىنى ئېيتىپ: ــ چۈشۈمدە ئالدىمدا بىر ئۈزۈم تېلى تۇرغۇدەك؛ 9
بۇ ئۈزۈم تېلىنىڭ ئۈچ شېخى بار ئىكەن. ئۇ بىخ ئۇرۇپ چېچەكلەپ، ساپلىرىدا ئۇزۇم پىشىپ كېتىپتۇدەك؛ 10
پىرەۋننىڭ قەدەھى قولۇمدا ئىكەن؛ مەن ئۈزۈملەرنى ئېلىپ پىرەۋننىڭ قەدەھىگە سىقىپ، قەدەھنى ئۇنىڭ قولىغا سۇنۇپتىمەن، دېدى. 11
يۈسۈپ ئۇنىڭغا جاۋابەن: چۈشنىڭ تەبىرى شۇدۇركى، بۇ ئۈچ شاخ ئۈچ كۈننى كۆرسىتىدۇ. 12
ئۈچ كۈن ئىچىدە پىرەۋن قەددىڭنى رۇسلىتىپ، سېنى مەنسىپىڭگە قايتىدىن تەيىنلەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن سەن بۇرۇن ئۇنىڭغا ساقىي بولغاندەك پىرەۋننىڭ قەدەھىنى ئۇنىڭ قولىغا سۇنىدىغان بولىسەن. 13
لېكىن ئىشلىرىڭ ئوڭۇشلۇق بولغاندا مېنى يادىڭغا يەتكۈزۈپ، ماڭا شاپائەت كۆرسىتىپ پىرەۋننىڭ ئالدىدا مېنىڭ توغرامدا گەپ قىلىپ، مېنى بۇ ئۆيدىن چىقارتقايسەن. 14
چۈنكى مەن ھەقىقەتەن ئىبرانىيلارنىڭ زېمىنىدىن ناھەق تۇتۇپ ئېلىپ كېلىندىم؛ بۇ يەردىمۇ مېنى زىندانغا سالغۇدەك بىر ئىش قىلمىدىم، ــ دېدى. 15
باش ناۋاي يۈسۈپنىڭ شۇنداق ياخشى تەبىر بەرگىنىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: ــ مەنمۇ ئۆزۈمنى چۈشۈمدە كۆردۈم؛ مانا، بېشىمدا ئاق نان بار ئۈچ سېۋەت بار ئىكەن. 16
ئەڭ ئۈستۈنكى سېۋەتتە ناۋايلار پىرەۋنگە پىشۇرغان ھەرخىل نازۇنېمەتلەر بار ئىكەن؛ لېكىن قۇشلار بېشىمدىكى ئۇ سېۋەتتىكى نەرسىلەرنى يەپ كېتىپتۇدەك، ــ دېدى. 17
يۈسۈپ جاۋابەن: ــ چۈشنىڭ تەبىرى شۇدۇركى: ــ بۇ ئۈچ سېۋەت ئۈچ كۈننى كۆرسىتىدۇ. 18
ئۈچ كۈن ئىچىدە پىرەۋن سېنىڭ بېشىڭنى كېسىپ، جەسىتىڭنى دەرەخكە ئاسىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇچارقاناتلار كېلىپ گۆشۈڭنى يەيدىكەن، ــ دېدى. 19
ئۈچىنچى كۈنى شۇنداق بولدىكى، پىرەۋننىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولغاچقا، ئۇ ھەممە خىزمەتكارلىرى ئۈچۈن بىر زىياپەت قىلىپ بەردى، شۇنداقلا دەرۋەقە خىزمەتكارلىرىنىڭ ئارىسىدا باش ساقىينىڭ بېشىنى كۆتۈردى ۋە باش ناۋاينىڭ بېشىنى ئالدى؛ 20
ئۇ باش ساقىينى قايتىدىن ئۆز مەنسىپىگە تەيىنلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ پىرەۋننىڭ قەدەھىنى ئۇنىڭ قولىغا قايتىدىن سۇنىدىغان بولدى. 21
لېكىن باش ناۋاينى بولسا يۈسۈپ ئۇلارغا تەبىر بەرگەندەك ئېسىۋەتتى. 22
ئەمما باش ساقىي يۈسۈپنى ھېچ ئەسلىمەي، ئەكسىچە ئۇنى ئۇنتۇپ قالدى. 23

< يارىتىلىش 40 >