< يارىتىلىش 39 >

يۈسۈپ بولسا مىسىرغا ئېلىپ كېلىندى؛ ئۇنى پىرەۋننىڭ غوجىدارى، پاسىبان بېشى پوتىفار شۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەن ئىسمائىللارنىڭ قولىدىن سېتىۋالدى. 1
لېكىن پەرۋەردىگار يۈسۈپ بىلەن بىللە بولغاچقا، ئۇنىڭ ئىشلىرى ئوڭغا تارتتى؛ ئۇ مىسىرلىق خوجىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ قالدى. 2
ئۇنىڭ خوجىسى پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇ نېمە ئىش قىلسا، پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭ قولىدا روناق تاپقۇزغانلىقىنى بايقىدى. 3
شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ ئۇنىڭ نەزىرىدە ئىلتىپات تېپىپ، ئۇنىڭ خاس خىزمەتچىسى بولدى. خوجىسى ئۇنى ئۆيىنى باشقۇرۇشقا قويدى ۋە بارلىق تەئەللۇقاتىنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇردى. 4
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ ئۇنى ئۆيى ۋە بارلىق تەئەللۇقاتىنى باشقۇرۇشقا قويغاندىن تارتىپ، پەرۋەردىگار بۇ مىسىرلىقنىڭ ئۆيىنى يۈسۈپنىڭ سەۋەبىدىن بەرىكەتلىدى؛ پەرۋەردىگارنىڭ بەرىكىتى ئۇنىڭ پۈتۈن ئائىلىسى ۋە بارلىق تېرىقچىلىقىغا كەلدى. 5
شۇنىڭ بىلەن [پوتىفار] بارلىق ئىشلىرىنى يۈسۈپنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ، ئۆز تامىقىنى يېيىشتىن باشقا ھېچقانداق ئىش بىلەن كارى بولمىدى. يۈسۈپ بولسا قامىتى كېلىشكەن، خۇشچىراي يىگىت ئىدى. 6
بىرنەچچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، ئۇنىڭ خوجىسىنىڭ ئايالىنىڭ يۈسۈپكە كۆزى چۈشۈپ قېلىپ: ــ مەن بىلەن ياتقىن! ــ دېدى. 7
ئەمما ئۇ ئۇنىماي خوجىسىنىڭ ئايالىغا مۇنداق دېدى: ــ مانا خوجام ئۆيدىكى ئىشلارنى، شۇنداقلا بارلىق تەئەللۇقاتىنى قولۇمغا تاپشۇردى، ماڭا تولىمۇ ئىشىنىپ ئىشلىرىم بىلەن كارى بولمايدۇ. 8
بۇ ئۆيدە مەندىن چوڭ ئادەم يوق. سەندىن باشقا ئۇ ھېچبىر نەرسىنى مەندىن ئايىمىدى ــ چۈنكى سەن ئۇنىڭ ئايالىدۇرسەن! شۇنداق تۇرۇقلۇق مەن قانداقمۇ بۇنداق رەزىللىكنى قىلىپ خۇدا ئالدىدا گۇناھكار بولاي؟ ــ دېدى. 9
گەرچە ھەر كۈنى يۈسۈپكە شۇنداق دېسىمۇ، شۇنداقلا ئۇ ئۇنىڭ بىلەن يېتىپ ئۇنىڭغا يېقىنچىلىق قىلىشنى ياكى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇرۇشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، 10
شۇنداق بىر ۋەقە بولدىكى، بىر كۈنى ئۇ ئۆز ئىشى بىلەن ئۆي ئىچىگە كىرگەنىدى، ئۆيدىكىلەردىن ھېچقايسىسى ئۆينىڭ ئىچىدە ئەمەس ئىدى؛ 11
بۇ ئايال ئۇنىڭ تونىنى تۇتۇۋېلىپ: ــ مەن بىلەن ياتقىن! دېدى. ئۇ تونىنى ئۇنىڭ قولىغا تاشلاپ قويۇپ، يۈگۈرگەن پېتى قېچىپ تاشقىرىغا چىقىپ كەتتى. 12
ئايال يۈسۈپنىڭ تونىنى ئۆز قولىغا تاشلاپ قېچىپ چىقىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ، 13
ئۆيىدىكى خىزمەتچىلىرىنى چاقىرىپ ئۇلارغا: ــ قاراڭلار، ئېرىم بىزگە ھاقارەت كەلتۈرسۇن دەپ بىر ئىبرانىي ئادەمنى ئېلىپ كەپتۇ! بۇ ئادەم يېنىمغا كىرىپ: «سەن بىلەن ياتاي» دېۋىدى، قاتتىق ۋارقىرىدىم! 14
ئۇ مېنىڭ قاتتىق ۋارقىرىغىنىمنى ئاڭلاپ، تونىنى يېنىمغا تاشلاپ، تاشقىرىغا قېچىپ كەتتى، دېدى. 15
شۇنىڭ بىلەن خوجىسى ئۆيىگە يېنىپ كەلگۈچە ئۇ يۈسۈپنىڭ تونىنى يېنىدا ساقلاپ قويدى. 16
ئاندىن ئۇ ئېرىگىمۇ شۇ گەپنى قىلىپ: ــ سەن ئېلىپ كەلگەن ھېلىقى ئىبرانىي قۇل ماڭا ھاقارەت قىلىشقا قېشىمغا كىردى. 17
لېكىن مەن قاتتىق ۋارقىراپ-جارقىردىم، ئۇ تونىنى قېشىمدا تاشلاپ، تاشقىرىغا قېچىپ كەتتى، ــ دېدى. 18
ئۇنىڭ خوجىسى ئايالىنىڭ: ــ سېنىڭ قۇلۇڭ مېنى ئۇنداق-مۇنداق قىلدى، دېگەن گەپلىرىنى ئاڭلاپ غەزىپى ئوتتەك تۇتاشتى. 19
شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپنىڭ خوجىسى ئۇنى تۇتۇپ ئوردا مۇنارلىق زىندانغا قاماپ قويدى. شۇ يەرگە پەقەت پادىشاھنىڭ مەھبۇسلىرى سولىناتتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ شۇ يەردە سولاقتا يېتىپ قالدى. 20
لېكىن پەرۋەردىگار يۈسۈپ بىلەن بىللە بولۇپ، ئۇنىڭغا شاپائەت كۆرسىتىپ، ئۇنى زىندان بېگىنىڭ نەزىرىدە ئىلتىپات تاپتۇردى. 21
شۇنىڭ بىلەن زىندان بېگى گۇندىخانىدا ياتقان ھەممە مەھبۇسلارنى يۈسۈپنىڭ قولىغا تاپشۇردى. شۇ يەردە قىلىنىدىغان ھەرقانداق ئىش ئۇنىڭ قولى بىلەن بولاتتى. 22
زىندان بېگى يۈسۈپنىڭ قولىدىكى ھېچقانداق ئىشتىن غەم قىلماتتى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇپ، ئۇ ھەرنېمە قىلسا پەرۋەردىگار ئۇنى ئوڭۇشلۇق قىلاتتى. 23

< يارىتىلىش 39 >