< يارىتىلىش 37 >

ياقۇپ بولسا ئاتىسى مۇساپىر بولۇپ تۇرغان يەردە، يەنى قانائان زېمىنىدا ئولتۇراقلاشتى. 1
تۆۋەندىكىلەر ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ ئىش-ئىزلىرىدۇر. يۈسۈپ يىگىت بولۇپ ئون يەتتە ياشقا كىرگەن چاغلىرىدا، ئاكىلىرى بىلەن بىللە قويلارنى باقاتتى؛ ئۇ ئاتىسىنىڭ كىچىك خوتۇنلىرى بىلھاھ ۋە زىلپاھنىڭ ئوغۇللىرى بىلەن بىللە ئىشلەيتتى. يۈسۈپ ئاتىسىغا ئۇلارنىڭ ناچار قىلىقلىرىنى ئېيتىپ قوياتتى. 2
يۈسۈپ ئىسرائىلنىڭ قېرىغان ۋاقتىدا تاپقان بالىسى بولغاچقا، ئۇنى باشقا ئوغۇللىرىدىن بەكرەك ياخشى كۆرەتتى. شۇڭا ئۇ يۈسۈپكە ئۇزۇن يەڭلىك تون تىكتۈرۈپ بەردى. 3
ئەمما ئاكىلىرى ئاتىسىنىڭ ئۇنى ئۆزلىرىدىن ياخشى كۆرىدىغىنىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئۆچ بولۇپ قالغانىدى ۋە ئۇنىڭغا چىرايلىق گەپ قىلماتتى. 4
ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈسۈپ بىر چۈش كۆرگەن بولۇپ، ئۇنى ئاكىلىرىغا دەپ بېرىۋىدى، ئۇلار ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئۆچ بولۇپ كەتتى. 5
يۈسۈپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ مېنىڭ كۆرگەن شۇ چۈشۈمنى ئاڭلاپ بېقىڭلار. 6
مانا، بىز ھەممىمىز ئېتىزلاردا ئاشلىقلارنى باغلاۋاتقۇدەكمىز. قارىسام مېنىڭ ئۆنچەم ئۆرە تۇرۇپتىدەك؛ سىلەرنىڭ ئۆنچەڭلار بولسا مېنىڭ ئۆنچەمنىڭ چۆرىسىگە ئولىشىپ تەزىم قىلىپ تۇرغۇدەك! ــ دېدى. 7
ئاكىلىرى ئۇنىڭدىن: ــ ئەجەبا، سەن بىزگە پادىشاھ بولامسەن؟ ئۈستىمىزگە ھۆكۈمرانلىق قىلامسەن؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇنىڭ كۆرگەن چۈشلىرى ۋە گېپىدىن ئاكىلىرى ئۇنى تېخىمۇ يامان كۆردى. 8
كېيىن ئۇ يەنە بىر چۈش كۆردى ۋە چۈشىنى ئاكىلىرىغا دەپ: ــ مانا، مەن يەنە بىر چۈش كۆردۈم. قارىسام، قۇياش بىلەن ئاي ۋە ئون بىر يۇلتۇز ماڭا تەزىم قىلىپ تۇرغۇدەك! ــ دېدى. 9
ئۇ بۇ چۈشنى ئاتىسى ۋە ئاكىلىرىغا دەپ بەردى. ئاتىسى ئۇنىڭغا تەنبىھ بېرىپ: ــ بۇ كۆرگىنىڭ زادى قانداق چۈش؟ ئەجەبا، مەن، ئاناڭ ۋە ئاكا-ئۇكىلىرىڭ ئالدىڭغا بېرىپ، ساڭا يەرگە باش ئۇرۇپ تەزىم قىلىمىزمۇ؟ ــ دېدى. 10
شۇنىڭ بىلەن ئاكىلىرى ئۇنىڭغا ھەسەت قىلغىلى تۇردى. ئەمما ئاتىسى شۇ گەپنى كۆڭلىگە پۈكۈپ قويدى. 11
ئەمدى يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرى ئاتىسىنىڭ قويلىرىنى باققىلى شەكەمگە كەتكەنىدى. 12
ئىسرائىل يۈسۈپكە: ــ ئاكىلىرىڭ شەكەمدە پادا بېقىۋاتىدىغۇ؟ كەل، مەن سېنى ئۇلارنىڭ قېشىغا ئەۋەتەي، دېۋىدى، يۈسۈپ: ــ مانا مەن، دېدى. 13
ئۇ ئۇنىڭغا: ــ ئەمدى بېرىپ ئاكىلىرىڭ ئامان-ئېسەنمۇ-ئەمەسمۇ، قويلار ئامان-ئېسەنمۇ-ئەمەسمۇ، ماڭا خەۋىرىنى ئېلىپ كەلگىن، دەپ ئۇنى ھېبرون جىلغىسىدىن يولغا سالدى؛ ئۇ شەكەمگە باردى. 14
شۇ يەردە بىرسى ئۇنىڭ دالادا تېنەپ يۈرگىنىنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن: ــ نېمە ئىزدەۋاتىسەن، دەپ سورىدى. 15
ئۇ: ــ مەن ئاكىلىرىمنى ئىزدەۋاتىمەن. ئۇلارنىڭ پادىلىرىنى قەيەردە بېقىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بەرسىڭىز، دېدى. 16
ئۇ ئادەم جاۋاب بېرىپ: ــ ئۇلار بۇ يەردىن كېتىپ قالدى، چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ: «يۈرۈڭلار، دوتانغا بارايلى» دېگىنىنى ئاڭلىدىم، دېدى. شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ ئاكىلىرىنىڭ ئارقىسىدىن بېرىپ، ئۇلارنى دوتاندىن تاپتى. 17
ئۇلار ئۇنى يىراقتىن كۆرۈپ، ئۇ تېخى ئۇلارنىڭ قېشىغا كەلمەيلا، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىشنى مەسلىھەتلەشتى. 18
ئۇلار بىر-بىرىگە: ــ مانا ھېلىقى چۈش كۆرگۈچى كېلىۋاتىدۇ. 19
كېلىڭلار، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ مۇشۇ يەردىكى ئورەكلەردىن بىرىگە تاشلىۋېتەيلى، ئاندىن: ــ ۋەھشىي بىر ھايۋان ئۇنى يەپ كېتىپتۇ، دەيلى. شۇندا، بىز ئۇنىڭ چۈشلىرىنىڭ نېمە بولىدىغىنىنى كۆرىمىز! ــ دېدى. 20
ئەمما رۇبەن بۇنى ئاڭلاپ ئۇنى ئۇلارنىڭ قوللىرىدىن قۇتقۇزماقچى بولۇپ: ــ ئۇنى ئۆلتۈرمەيلى، دېدى. 21
رۇبەن ئۇلارغا يەنە: ــ قان تۆكمەڭلار! بەلكى ئۇنى چۆلدىكى مۇشۇ ئورەككە تاشلىۋېتىڭلار؛ لېكىن ئۇنىڭغا قول تەگكۈزمەڭلەر، دېدى (ئەمەلىيەتتە، ئۇ ئۇنى ئۇلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ، ئاتىسىنىڭ قېشىغا قايتۇرۇۋەتمەكچى ئىدى). 22
يۈسۈپ ئاكىلىرىنىڭ قېشىغا يېتىپ كەلگەندە ئۇلار ئۇنى تۇتۇپ، ئۇنىڭ ئالاھىدە تونىنى، يەنى كىيىكلىك ئۇزۇن يەڭلىك تونىنى سالدۇرۇۋېلىپ، ئورەككە تاشلىۋەتتى. لېكىن ئورەك قۇرۇق بولۇپ، ئىچىدە سۇ يوق ئىدى. 23
24
ئاندىن ئۇلار تاماق يېگىلى ئولتۇردى. ئۇلار بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، مانا ئىسمائىللارنىڭ بىر كارۋىنى گىلېئاد تەرەپتىن كېلىۋاتاتتى. تۆگىلىرىگە دورا-دەرمەك، تۇتىيا ۋە مۇرمەككىلەر ئارتىلغان بولۇپ، مىسىر تەرەپكە كېتىۋاتاتتى. 25
يەھۇدا قېرىنداشلىرىغا: ــ بىزنىڭ بىر تۇغقان قېرىندىشىمىزنى ئۆلتۈرۈپ، قېنىنى يوشۇرغىنىمىزنىڭ نېمە پايدىسى بار؟ 26
كېلىڭلار، ئۇنى ئىسمائىللارغا سېتىۋېتەيلى؛ قانداقلا بولمىسۇن ئۇ بىزنىڭ ئىنىمىز، بىر تۇغقان قېرىندىشىمىز؛ شۇڭا ئۇنىڭغا قول سالمايلى، دېۋىدى، قېرىنداشلىرى بۇنىڭغا قۇلاق سالدى. 27
مىدىيانلىق سودىگەرلەر شۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، ئۇلار يۈسۈپنى ئورەكتىن تارتىپ چىقىرىپ، ئۇلارغا يىگىرمە كۈمۈش تەڭگىگە سېتىۋەتتى. بۇلار بولسا يۈسۈپنى مىسىرغا ئېلىپ كەتتى. 28
رۇبەن ئورەكنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ، يۈسۈپنىڭ ئورەكتە يوقلۇقىنى كۆرۈپ، كىيىملىرىنى يىرتىپ، 29
ئىنىلىرىنىڭ قېشىغا بېرىپ: ــ بالا يوق تۇرىدۇ! ئەمدى مەن نەگە باراي؟! ــ دېدى. 30
ئەمما ئۇلار يۈسۈپنىڭ تونىنى ئېلىپ، بىر تېكىنى بوغۇزلاپ توننى ئۇنىڭ قېنىغا مىلەپ، 31
ئاندىن ئۇزۇن يەڭلىك توننى ئاتىسىنىڭ قېشىغا ئەۋەتىپ، ئۇنىڭغا: ــ بۇنى بىز تېپىۋالدۇق؛ بۇ ئوغلۇڭنىڭ تونىمۇ-ئەمەسمۇ، ئۆزۈڭ كۆرۈپ باققىن، دېدى. 32
ئۇ ئۇنى تونۇپ: ــ بۇ دەرۋەقە مېنىڭ ئوغلۇمنىڭ تونى ئىكەن؛ بىر ۋەھشىي ھايۋان ئۇنى يەپ كەتكەن ئوخشايدۇ؛ شۈبھىسىزكى، يۈسۈپ تىتما-تىتما قىلىۋېتىلىپتۇ! ــ دېدى. 33
شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ كىيىملىرىنى يىرتىپ، بېلىگە بۆز باغلاپ، نۇرغۇن كۈنلەرگىچە ئوغلى ئۈچۈن ماتەم تۇتتى. 34
ئۇنىڭ ھەممە ئوغۇل-قىزلىرى يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا تەسەللى بەرسىمۇ، ئۇ تەسەللىنى قوبۇل قىلماي: «مەن تەھتىساراغا چۈشۈپ ئوغلۇمنىڭ قېشىغا بارغۇچە شۇنداق ماتەم تۇتىمەن!» دېدى. يۈسۈپنىڭ ئاتىسى شۇ پېتى ئۇنىڭغا ئاھ-زار كۆتۈرۈپ ماتەم تۇتتى. (Sheol h7585) 35
ئەمدى مىدىيانىيلار [يۈسۈپنى] مىسىرغا ئېلىپ بېرىپ، پىرەۋننىڭ بىر غوجىدارى، پاسىبان بېشى پوتىفارغا ساتتى. 36

< يارىتىلىش 37 >