< يارىتىلىش 33 >

ياقۇپ بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، مانا ئەساۋ تۆت يۈز كىشى بىلەن كېلىۋاتاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بالىلىرىنى ئايرىپ، لېياھ، راھىلە ۋە ئىككى دېدەككە تاپشۇردى؛ 1
ئۇ ئىككى دېدەك ۋە ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى ھەممىنىڭ ئالدىدا ماڭدۇردى، ئاندىن لېياھ بىلەن ئۇنىڭ بالىلىرىنى، ئەڭ ئاخىرىدا راھىلە بىلەن يۈسۈپنى ماڭدۇردى. 2
ئۆزى بولسا ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ ماڭدى، ئۇ ئاكىسىنىڭ ئالدىغا يېتىپ بارغۇچە يەتتە قېتىم يەرگە باش ئۇرۇپ تەزىم قىلدى. 3
ئەساۋ ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ كېلىپ، ئۇنى قۇچاقلاپ، بوينىغا گىرە سېلىپ، ئۇنى سۆيدى؛ ھەر ئىككىسى يىغلىشىپ كەتتى. 4
ئاندىن ئەساۋ بېشىنى كۆتۈرۈپ قاراپ، ئاياللار ۋە بالىلارنى كۆرۈپ: ــ بۇ سەن بىلەن بىللە كەلگەنلەر كىملەر؟ ــ دەپ سورىدى. ياقۇپ: ــ بۇلار خۇدا شاپائەت قىلىپ كەمىنىلىرىگە بەرگەن بالىلاردۇر، ــ دېدى. 5
ئاندىن ئىككى دېدەك ۋە ئۇلارنىڭ بالىلىرى ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا تەزىم قىلدى؛ 6
ئاندىن لېياھمۇ ئۇنىڭ بالىلىرى بىلەن ئالدىغا بېرىپ، تەزىم قىلدى، ئاخىرىدا يۈسۈپ بىلەن راھىلە ئالدىغا بېرىپ، تەزىم قىلدى. 7
ئەساۋ: ــ ماڭا يولدا ئۇچرىغان ئاشۇ توپلىرىڭدا نېمە مەقسىتىڭ بار؟ ــ دېۋىدى، ياقۇپ جاۋاب بېرىپ: ــ بۇ خوجامنىڭ ئالدىدا ئىلتىپات تېپىشىم ئۈچۈندۇر، دېدى. 8
لېكىن ئەساۋ: ــ ئەي قېرىندىشىم، مەندە يېتىپ ئاشقۇدەك بار. سېنىڭ ئۆز نەرسىلىرىڭ ئۆزۈڭگە قالسۇن، دېدى. 9
ئەمما ياقۇپ: ــ ئۇنداق قىلمىغىن؛ ئەگەر مەن نەزەرلىرىدە ئىلتىپات تاپقان بولسام، سوۋغىتىمنى قولۇمدىن قوبۇل قىلغايلا؛ چۈنكى سىلىنىڭ مېنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغانلىرىنى كۆرۈپ، دىدارلىرىنى كۆرگىنىمدە خۇدانىڭ دىدارىنى كۆرگەندەك بولدۇم! 10
ئەمدى ساڭا كەلتۈرۈلگەن، [خۇدادىن كۆرگەن] بۇ بەرىكەتلىرىمنى قوبۇل قىلغايلا؛ چۈنكى خۇدا ماڭا شاپائەت كۆرسەتتى، ھەممە نەرسىلىرىم بار بولدى، ــ دەپ ئۇنىڭدىن قايتا-قايتا ئۆتۈنۈۋىدى، ئۇ قوبۇل قىلدى. 11
ئاندىن ئەساۋ: ــ ئەمدى بىز قوزغىلىپ سەپىرىمىزنى داۋاملاشتۇرايلى، مەن سېنىڭ ئالدىڭدا ماڭاي، دېدى. 12
ئۇ ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ خوجام كۆردىلە، بالىلار كىچىك، قېشىمدا ئېمىدىغان قوزا ۋە موزايلار بار؛ ئەگەر مەن بۇلارنى بىر كۈنلا ئالدىرتىپ قوغلاپ ماڭدۇرسام، پۈتكۈل پادا ئۆلۈپ كېتىدۇ. 13
شۇڭا ئۆتۈنىمەنكى، خوجام كەمىنىلىرىدىن ئالدىدا ماڭغاچ تۇرسۇن؛ مەن ئالدىمدىكى مال-چارۋىلارنىڭ مېڭىشىغا، شۇنداقلا بالىلارنىڭ مېڭىشىغا قاراپ ئاستا مېڭىپ، خوجامنىڭ قېشىغا سېئىرغا ئۇدۇل باراي، دېدى. 14
ئۇ ۋاقىتتا ئەساۋ: ــ ئۇنداق بولسا، مەن ئۆزۈم بىلەن كەلگەن كىشىلەردىن بىرنەچچىنى قېشىڭدا قويۇپ كېتەي، دېدى. لېكىن ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ بۇنىڭ نېمە ھاجىتى؟ پەقەت خوجامنىڭ نەزىرىدە ئىلتىپات تاپساملا شۇ كۇپايە، دېدى. 15
ئەساۋ ئۇ كۈنى يولغا چىقىپ سېئىرغا يېنىپ كەتتى. 16
ياقۇپ سەپەر قىلىپ، سۇككوت دېگەن جايغا كەلگەندە، ئۇ يەرگە بىر ئۆي سېلىپ، ماللىرىغا لاپاسلارنى ياسىدى. شۇڭا بۇ يەر «سۇككوت» دەپ ئاتالدى. 17
شۇ تەرىقىدە ياقۇپ پادان-ئارامدىن قايتىپ، قانائان زېمىنىدىكى شەكەم شەھىرىگە ئامان-ئېسەن كەلدى. ئۇ شەھەرنىڭ ئالدىدا چېدىر تىكتى. 18
ئاندىن ئۇ چېدىر تىككەن يەرنىڭ بىر قىسىمىنى شەكەمنىڭ ئاتىسى بولغان ھامورنىڭ ئوغۇللىرىدىن بىر يۈز قەسىتىگە سېتىۋېلىپ، 19
شۇ يەردە بىر قۇربانگاھ سېلىپ، نامىنى «ئەل-ئەلوھە-ئىسرائىل» دەپ ئاتىدى. 20

< يارىتىلىش 33 >