< يارىتىلىش 31 >

ئەمما ياقۇپ لاباننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ: ــ ياقۇپ ئاتىمىزنىڭ پۈتۈن مال-مۈلكىنى ئېلىپ كەتتى؛ ئۇنىڭ ئېرىشكەن بۇ دۆلىتى ئاتىمىزنىڭ تەئەللۇقاتىدىن كەلگەن، دېگىنىنى ئاڭلاپ قالدى. 1
ياقۇپ لاباننىڭ چىرايىغا قارىۋىدى، مانا، ئۇ ئۆزىگە بۇرۇنقىدەك خۇش پېئىل بولمىدى. 2
بۇ چاغدا، پەرۋەردىگار ياقۇپقا: ــ سەن ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ زېمىنىغا، ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭنىڭ قېشىغا قايتىپ كەتكىن. مەن سېنىڭ بىلەن بىللە بولىمەن، ــ دېدى. 3
شۇنىڭ ئۈچۈن ياقۇپ ئادەم ئەۋەتىپ، راھىلە ۋە لېياھنى ئۆز پادىسى تۇرغان كۆكلەمگە چاقىرىپ كېلىپ 4
ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ مەن ئاتاڭلارنىڭ چىرايىغا قارىسام ماڭا بۇرۇنقىدەك خۇش پېئىل بولمىدى؛ ئەمما ئاتامنىڭ خۇداسى مەن بىلەن بىللە بولۇپ كەلدى. 5
كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئاتاڭلارغا ئىشلەپ بەرگىنىم سىلەرگە ئايان؛ 6
ھالبۇكى، ئاتاڭلار مېنى ئەخمەق قىلىپ، ھەققىمنى ئون قېتىم ئۆزگەرتتى؛ لېكىن خۇدا ئۇنىڭ ماڭا زىيان يەتكۈزۈشىگە يول قويمىدى. 7
ئەگەر ئۇ: «ئالا-چىپار قوزىلار ھەققىڭ بولىدۇ»، دېسە، بارلىق پادىلار ئالا-چىپار قوزىلىغىلى تۇردى. ئۇ: «تاغىل قوزىلار ھەققىڭ بولسۇن»، دېسە، بارلىق پادىلار تاغىل قوزىلىغىلى تۇردى. 8
بۇ تەرىقىدە خۇدا ئاتاڭلارنىڭ ماللىرىنى تارتىۋېلىپ، ماڭا بەردى. 9
پادىلار كۈيلىگەن ۋاقىتتا مەن بىر قېتىم چۈشۈمدە بېشىمنى كۆتۈرۈپ شۇنى كۆردۇمكى، مانا، ماللارنىڭ ئۈستىگە جۈپلىشىشكە ئېتىلغان قوچقار-تېكىلەرنىڭ ھەممىسى تاغىل ياكى ئالا-چىپار ئىدى. 10
ئاندىن خۇدانىڭ پەرىشتىسى چۈشۈمدە ماڭا: «ئەي ياقۇپ»، دېۋىدى، مەن جاۋاب بېرىپ: «مانا مەن»، دېدىم. 11
ئۇ ماڭا: ــ «ئەمدى بېشىڭنى كۆتۈرۈپ قارىغىن؛ مانا ماللارنىڭ ئۈستىگە جۈپلىشىشكە ئېتىلغان قوچقار-تېكىلەرنىڭ ھەممىسى تاغىل ۋە ئالا-چىپاردۇر؛ چۈنكى مەن لاباننىڭ ساڭا قىلغىنىنىڭ ھەممىسىنى كۆردۈم. 12
مەن بەيت-ئەلدە [ساڭا كۆرۈنگەن] تەڭرىدۇرمەن. سەن شۇ يەردە تۈۋرۈكنى مەسىھلەپ، ماڭا قەسەم ئىچتىڭ. ئەمدى سەن ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، بۇ زېمىندىن چىقىپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭنىڭ زېمىنىغا يانغىن» دېدى. 13
راھىلە ۋە لېياھ ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئاتىمىزنىڭ ئۆيىدە بىزگە تېگىشلىك نېسىۋە ياكى مىراس قالمىغانمۇ؟ 14
بىز دەرۋەقە ئۇنىڭغا يات ئادەم ھېسابلىنىپ قالغانمۇ؟! ئۇ بىزنى سېتىۋەتتى، تويلۇقىمىزنىمۇ پۈتۈنلەي يەپ كەتتى! 15
شۇنداق بولغاندىن كېيىن، خۇدا ئاتىمىزدىن ساڭا ئېلىپ بەرگەن بارلىق دۆلەت بىز بىلەن بالىلىرىمىزنىڭكىدۇر. ئەمدى خۇدا ساڭا نېمە دېگەن بولسا، شۇنى قىلغىن، ــ دېدى. 16
شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ، بالىلىرى ۋە ئاياللىرىنى تۆگىلەرگە مىندۇرۇپ، ئېرىشكەن بارلىق ماللىرى ۋە بارلىق تەئەللۇقاتىنى، يەنى پادان-ئارامدا تاپقان تەئەللۇقاتلىرىنى ئېلىپ، ئاتىسى ئىسھاقنىڭ يېنىغا بېرىشقا قانائان زېمىنىغا قاراپ يول ئالدى. 17
18
لابان بولسا قويلىرىنى قىرقىغىلى كەتكەنىدى؛ راھىلە ئۆز ئاتىسىغا تەۋە «ئۆي بۇتلىرى»نى ئوغرىلاپ ئېلىۋالدى. 19
ياقۇپ ئارامىي لابانغا ئۆز قېشىدىن ئوغرىلىقچە قېچىپ كېتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرماي ئۇنى ئالداپ قويغانىدى. 20
ئۇ بار-يوقىنى ئېلىپ قېچىپ كەتتى؛ ئۇ دەريادىن ئۆتۈپ گىلېئاد تېغى تەرەپكە قاراپ يول ئالدى. 21
ئۈچىنچى كۈنى، لابانغا ياقۇپنىڭ قاچقىنى توغرىسىدا خەۋەر يەتتى. 22
ئۇ ئۆز تۇغقانلىرىنى ئېلىپ، يەتتە كۈنلۈك يولغىچە كەينىدىن قوغلاپ بېرىپ، گىلېئاد تېغىدا ئۇنىڭغا يېتىشتى. 23
لېكىن كېچىسى خۇدا ئارامىي لاباننىڭ چۈشىگە كىرىپ ئۇنىڭغا: «سەن ھېزى بول، ياقۇپقا يا ئاق يا كۆك دېمە!» دېدى. 24
لابان ياقۇپقا يېتىشىپ بارغاندا، ياقۇپ چېدىرىنى تاغنىڭ ئۈستىگە تىكگەنىدى. لابانمۇ تۇغقانلىرى بىلەن گىلېئاد تېغىنىڭ ئۈستىدە چېدىر تىكتى. 25
لابان ياقۇپقا: ــ بۇ نېمە قىلغىنىڭ؟ سەن مېنى ئالداپ، قىزلىرىمنى ئۇرۇشتا ئالغان ئولجىدەك ئېلىپ كەتتىڭ؟ 26
نېمىشقا يوشۇرۇن قاچىسەن، ماڭا خەۋەر بەرمەي مەندىن ئوغرىلىقچە كەتتىڭ؟ ماڭا دېگەن بولساڭ مەن خۇشال-خۇراملىق بىلەن غەزەل ئوقۇپ، داپ ۋە چاڭ چېلىپ، سېنى ئۇزىتىپ قويمامتىم؟ 27
شۇنداق قىلىپ سەن ماڭا ئۆز ئوغۇللىرىم ۋە قىزلىرىمنى سۆيۈپ ئۇزىتىپ قويۇش پۇرسىتىنىمۇ بەرمىدىڭ. بۇ ئىشتا ئەخمەقلىق قىلدىڭ. 28
سىلەرگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈش قولۇمدىن كېلەتتى؛ لېكىن تۈنۈگۈن كېچە ئاتاڭنىڭ خۇداسى ماڭا سۆز قىلىپ: «ھېزى بول، ياقۇپقا يا ئاق يا كۆك دېمە» دېدى. 29
خوش، سەن ئاتاڭنىڭ ئۆيىنى تولىمۇ سېغىنغىنىڭ ئۈچۈن كەتمەي قويمايسەن؛ لېكىن نېمىشقا يەنە مېنىڭ بۇتلىرىمنى ئوغرىلىدىڭ؟ ــ دېدى. 30
ياقۇپ لابانغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن قورقۇپ قاچتىم؛ چۈنكى سېنى قىزلىرىنى مەندىن مەجبۇرىي تارتىۋالامدىكىن، دېدىم. 31
ئەمدى بۇتلىرىڭغا كەلسەك، ئۇلار كىمدىن چىقسا شۇ تىرىك قالمايدۇ! قېرىنداشلىرىمىز ئالدىدا مەندىن قانداقلا نېمەڭنى تونۇۋالساڭ، ئۇنى ئېلىپ كەت، ــ دېدى. ھالبۇكى، ياقۇپنىڭ راھىلەنىڭ بۇتلارنى ئوغرىلاپ كەلگىنىدىن خەۋىرى يوق ئىدى. 32
لابان ئالدى بىلەن ياقۇپنىڭ چېدىرىغا كىرىپ، ئاندىن لېياھنىڭ چېدىرى ھەم ئىككى دېدەكنىڭ چېدىرلىرىغا كىرىپ ئاختۇرۇپ ھېچنېمە تاپالمىدى. لېياھنىڭ چېدىرىدىن چىقىپ، راھىلەنىڭ چېدىرىغا كىردى. 33
راھىلە بولسا ئۆي بۇتلىرىنى ئېلىپ، بۇلارنى تۆگىنىڭ چومىنىڭ ئىچىگە تىقىپ قويۇپ، ئۈستىدە ئولتۇرۇۋالغانىدى. لابان پۈتكۈل چېدىرىنى ئاختۇرۇپ، ھېچنېمە تاپالمىدى. 34
راھىلە ئاتىسىغا: ــ ئەي خوجام، ئالدىڭدا تۇرالمىغىنىم ئۈچۈن خاپا بولمىغىن؛ چۈنكى مەن ھازىر ئاياللارنىڭ ئادەت مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىمەن، ــ دېدى. شۇنداق قىلىپ، لابان ھەممە يەرنى قويماي ئاختۇرۇپمۇ، ئۆي بۇتلىرىنى تاپالمىدى. 35
شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ ئاچچىقلاپ لابان بىلەن جېدەللىشىپ كەتتى. ياقۇپ لابانغا: ــ سەن مېنى كەينىمدىن مۇنچە ئالدىراپ-تېنەپ قوغلاپ كەلگۈدەك مەندە نېمە سەۋەنلىك، نېمە گۇناھ بار؟ 36
سەن ھەممە يۈك-تاقلىرىمنى ئاختۇرۇپ چىقتىڭ، ئۆيۈڭنىڭ نەرسىلىرىدىن بىرەر نېمە تاپالىدىڭمۇ؟ بىرنېمە تاپقان بولساڭ، مېنىڭ قېرىنداشلىرىم بىلەن سېنىڭ قېرىنداشلىرىڭنىڭ ئالدىدا ئۇنى قويغىن، ئۇلار بىز ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلسۇن. 37
مەن مۇشۇ يىگىرمە يىل قېشىڭدا تۇردۇم؛ ھېچقاچان ساغلىقىڭ ۋە چىشى ئۆچكىلىرىڭ بالا تاشلىۋەتمىدى؛ پادىلىرىڭدىن قوچقارلىرىڭنى يېگىنىم يوق. 38
بوغۇۋېتىلگەنلىرىنى قېشىڭغا ئېلىپ كەلمەي، بۇ زىياننى ئۆزۈم تولدۇردۇم؛ كېچىسى ئوغرىلانغان ياكى كۈندۈزى ئوغرىلانغان بولسۇن سەن ئۇنى مەندىن تۆلىتىپ ئالدىڭ. 39
مېنىڭ كۈنلىرىم شۇنداق ئۆتتىكى، كۈندۈزى ئىسسىقتىن، كېچىسى سوغۇقتىن قىينىلىپ، ئۇيقۇ كۆزۈمدىن قاچاتتى. 40
مېنىڭ كۈنلىرىم مۇشۇ يىگىرمە يىلدا ئۆيۈڭدە تۇرۇپ شۇنداق بولدى؛ ئون تۆت يىل ئىككى قىزىڭ ئۈچۈن ساڭا خىزمەت قىلدىم، ئالتە يىل پاداڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلدىم؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن ئىش ھەققىمنى ئون قېتىم ئۆزگەرتتىڭ. 41
ئەگەر ئاتامنىڭ خۇداسى، يەنى ئىبراھىمنىڭ خۇداسى، يەنى ئىسھاقنىڭ قورقۇنچىسى بولغاننىڭ ئۆزى مەن بىلەن بىللە بولمىسا ئىدى، سەن جەزمەن مېنى قۇرۇق قول قىلىپ قايتۇرۇۋېتەتتىڭ. لېكىن خۇدا مېنىڭ تارتقان جەبىر-جاپالىرىمنى، قوللىرىمنىڭ مۇشەققىتىنى كۆرۈپ تۈنۈگۈن كېچە ساڭا تەنبىھ بەردى، ــ دېدى. 42
لابان ياقۇپقا جاۋاب بېرىپ: ــ بۇ قىزلار مېنىڭ قىزلىرىم، بۇ ئوغۇللار مېنىڭ ئوغۇللىرىم، بۇ پادا بولسا مېنىڭ پادام بولىدۇ؛ شۇنداقلا كۆز ئالدىڭدىكى ھەممە نەرسە مىنىڭكىدۇر؛ ئەمما مەن بۈگۈن بۇ قىزلىرىمنى ۋە ئۇلارنىڭ تۇغقان ئوغۇللىرىنى نېمە قىلاي؟ 43
قېنى كەل، سەن بىلەن ئىككىمىز بىر ئەھدە تۈزۈشەيلى، بۇ مەن بىلەن سېنىڭ ئوتتۇرىمىزدا گۇۋاھ بولسۇن، ــ دېدى. 44
شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ بىر تاشنى ئېلىپ ئۆرە تىكلەپ تۈۋرۈك قىلىپ قويدى. 45
ئاندىن ياقۇپ قېرىنداشلىرىغا: ــ تاش يىغىڭلار، ــ دېۋىدى، تاشلارنى ئېلىپ كېلىپ دۆۋىلىدى، شۇ يەردە تاش دۆۋىسىنىڭ يېنىدا غىزالىنىشتى. 46
لابان بۇ دۆۋىنى «يەگار-ساھادۇتا» دەپ ئاتىدى، ياقۇپ ئۇنىڭغا «گالېئەد» دەپ ئات قويدى. 47
لابان: ــ بۇ دۆۋە بۈگۈن سەن بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرامدا گۇۋاھ بولسۇن، ــ دېدى. شۇڭا بۇ سەۋەبتىن دۆۋىنىڭ نامى «گالېئەد» ئاتالدى. 48
ئۇ جاي يەنە «مىزپاھ»، دەپمۇ ئاتالدى؛ چۈنكى لابان يەنە: ــ ئىككىمىز بىر-بىرىمىز بىلەن كۆرۈشمىگەن ۋاقىتلاردا، پەرۋەردىگار سەن بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرامدا قاراۋۇل بولۇپ كۆزىتىپ تۇرسۇن. 49
ئەگەر سەن قىزلىرىمنى بوزەك قىلساڭ، ياكى قىزلىرىمنىڭ ئۈستىگە باشقا خوتۇنلارنى ئالساڭ، باشقا ھېچ كىشى قېشىمىزدا ھازىر بولمىغان تەقدىردىمۇ، مانا، خۇدا مەن بىلەن سېنىڭ ئاراڭدا گۇۋاھچىدۇر! 50
لابان ياقۇپقا يەنە: ــ مانا، بۇ دۆۋىگە قارا، مەن بىلەن سەن ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا مەن تىكلەپ قويغان بۇ تۈۋرۈككىمۇ قارا؛ 51
كەلگۈسىدە بۇ دۆۋە ۋە بۇ تۈۋرۈكمۇ مەن يامان نىيەت بىلەن بۇ دۆۋىدىن سېنىڭ تەرىپىڭگە ئۆتمەسلىكىم ئۈچۈن، سېنىڭمۇ نىيىتىڭنى يامان قىلىپ بۇ دۆۋە ۋە بۇ تۈۋرۈكتىن ئۆتۈپ مېنىڭ تەرىپىمگە كەلمەسلىكىڭ ئۈچۈن گۇۋاھچى بولسۇن. 52
ئىبراھىمنىڭ ئىلاھى، ناھورنىڭ ئىلاھى ۋە بۇ ئىككىسىنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىلاھلىرى ئارىمىزدا ھۆكۈم چىقارسۇن، ــ دېدى. ياقۇپ بولسا ئاتىسى ئىسھاقنىڭ قورقۇنچىسى بولغۇچى بىلەن قەسەم قىلدى. 53
ئاندىن ياقۇپ تاغ ئۈستىدە بىر قۇربانلىق سۇنۇپ، قېرىنداشلىرىنى ئۆزى بىلەن تاماقلىنىشقا تەكلىپ قىلدى. ئۇلار ھەمداستىخان ئولتۇردى ۋە كېچىسى تاغدا قوندى. 54
ئەتىسى تاڭ سەھەردە لابان ئورنىدىن تۇرۇپ، نەۋرىلىرى بىلەن قىزلىرىنى سۆيۈپ، ئۇلارغا بەخت-بەرىكەت تىلەپ، ئۆز ئۆيىگە راۋان بولدى. 55

< يارىتىلىش 31 >