< يارىتىلىش 30 >

ئەمما راھىلە ئۆزىنىڭ ياقۇپقا بالا تۇغۇپ بېرەلمىگىنىنى كۆرگەندە، ئاچىسىغا ھەسەت قىلىپ ياقۇپقا: ــ ماڭا بالا بەرگىن؛ بولمىسا ئۆلىمەن، ــ دېدى. 1
شۇنىڭ بىلەن ياقۇپنىڭ راھىلەگە غەزىپى كېلىپ: ــ مەن بالىياتقۇنىڭ مېۋىسىنى سەندىن ئايىغان خۇدانىڭ ئورنىدىمۇ؟! ــ دېدى. 2
ــ مانا، دېدىكىم بىلھاھ بۇ يەردە تۇرىدۇ؛ سەن ئۇنىڭ قېشىغا كىرگىن، ئۇ مېنىڭ قۇچىقىمغا تۇغسۇن؛ مەن ئۇ ئارقىلىق بالىلىق بولاي، ــ دېدى راھىلە. 3
شۇنىڭ بىلەن ئۇ دېدىكى بىلھاھنى ئۇنىڭغا خوتۇن قىلىپ بەردى؛ ياقۇپ ئۇنىڭ قېشىغا كىردى. 4
بىلھاھ ھامىلىدار بولۇپ، ياقۇپقا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. 5
راھىلە: ــ «خۇدا مەن ئۈچۈن ئادالەت يۈرگۈزۈپ پەريادىمنى ئاڭلاپ، ماڭا بىر ئوغۇل بەردى»، دەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى دان قويدى. 6
راھىلەنىڭ دېدىكى بىلھاھ يەنە ھامىلىدار بولۇپ، ياقۇپقا ئىككىنچى ئوغلىنى تۇغۇپ بەردى. 7
راھىلە: ــ «مەن ئاچام بىلەن بەسلىشىپ قاتتىق تۇتۇشۇپ، يەڭدىم» دەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى نافتالى قويدى. 8
لېياھ ئۆزىنىڭ تۇغۇتتىن توختاپ قالغانىنى كۆرۈپ، دېدىكى زىلپاھنى ياقۇپقا خوتۇن قىلىپ بەردى. 9
لېياھنىڭ دېدىكى زىلپاھ ياقۇپقا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. 10
لېياھ: ــ «نېمىدېگەن تەلەيلىك-ھە!» دەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى گاد قويدى. 11
لېياھنىڭ دېدىكى زىلپاھ ياقۇپقا ئىككىنچى ئوغلىنى تۇغۇپ بەردى. 12
لېياھ: «مەن بەختلىكتۇرمەن! چۈنكى خوتۇن-قىزلار مېنى بەختلىك دېيىشىدۇ!» دەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاشىر قويدى. 13
بۇغداي ئورمىسى كۈنلىرىدە رۇبەن چىقىپ ئېتىزلىققا باردى ۋە ئېتىزدىن بىرقانچە مۇھەببەتگۈلىنى تېرىپ، بۇلارنى ئانىسى لېياھنىڭ قېشىغا ئەكەلدى. ئەمدى راھىلە لېياھقا: ــ ئۆتۈنۈپ قالاي، ئوغلۇڭنىڭ مۇھەببەتگۈلىدىن بىرنەچچىنى ماڭا بەرگىن! ــ دېدى. 14
[لېياھ] ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ ئېرىمنى تارتىۋالغىنىڭ يەتمەمدۇ؟ ئەمدى ئوغلۇمنىڭ مۇھەببەتگۈلىنىمۇ تارتىۋالماقچىمۇسەن؟ ــ دېدى. راھىلە جاۋاب بېرىپ: ــ ئۇنداق بولسا ئۇ ئوغلۇڭنىڭ مۇھەببەتگۈللىرى ئۈچۈن بۈگۈن كېچە سەن بىلەن ياتسۇن، ــ دېدى. 15
ياقۇپ كەچقۇرۇن ئېتىزدىن قايتىپ كەلگىنىدە، لېياھ ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ: ــ مېنىڭ قېشىمغا كىرىشىڭ كېرەك؛ چۈنكى مەن ئوغلۇمنىڭ مۇھەببەتگۈللىرى بىلەن سېنى ئىجارىگە ئالدىم، ــ دېدى. شۇنداق دېۋىدى، ئۇ بۇ كېچە ئۇنىڭ بىلەن ياتتى. 16
خۇدا لېياھنىڭ دۇئاسىنى ئاڭلىدى؛ ئۇ ھامىلىدار بولۇپ، ياقۇپقا بەشىنچى ئوغلىنى تۇغۇپ بەردى. 17
شۇنىڭ بىلەن لېياھ: «دېدىكىمنى ئېرىمگە بەرگىنىمگە خۇدا ئەمدى ماڭا «ئىجارە ھەققىم»نى ئاتا قىلدى» دەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى ئىسساكار قويدى. 18
لېياھ يەنە ھامىلىدار بولۇپ، ياقۇپقا ئالتىنچى ئوغلىنى تۇغۇپ بەردى. 19
لېياھ: ــ «خۇدا ماڭا ياخشى تويلۇق ئاتا قىلدى؛ ئەمدى ئېرىم مېنىڭ بىلەن بىللە تۇرىدىغان بولدى؛ چۈنكى مەن ئۇنىڭغا ئالتە ئوغۇل تۇغۇپ بەردىم» دەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى زەبۇلۇن قويدى. 20
شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ بىر قىز تۇغۇپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى دىناھ قويدى. 21
ئەمما خۇدا راھىلەنى ياد قىلىپ، دۇئاسىنى ئاڭلاپ ئۇنى تۇغىدىغان قىلدى. 22
ئۇ ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. ئۇ: ــ «خۇدا مېنى نومۇستىن خالاس قىلدى»، دېدى. 23
ئۇ: ــ «پەرۋەردىگار ماڭا يەنە بىر بالا بەرسە» دەپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى يۈسۈپ قويدى. 24
راھىلە يۈسۈپنى تۇغقاندىن كېيىن ياقۇپ لابانغا: ــ مېنى ئۆز يۇرتۇمغا، ئۆز ۋەتىنىمگە كەتكىلى قويغىن. 25
مېنىڭ ساڭا ئىشلەپ ئېرىشكەن ئىش ھەققىم بولغان ئاياللىرىم بىلەن بالىلىرىمنى ماڭا بەرگىن؛ مەن كېتەي؛ چۈنكى مېنىڭ ساڭا ئىشلىگەن جاپالىق خىزمىتىم ئۆزۈڭگە ئايان، ــ دېدى. 26
لابان ئۇنىڭغا جاۋابەن: نەزىرىڭدە ئىلتىپات تاپقان بولسام، ئۆتۈنۈپ قالاي، [يېنىمدىن كەتمە]. چۈنكى مەن پەرۋەردىگارنىڭ سېنىڭ سەۋەبىڭدىن ماڭا بەرىكەت بەرگىنىنى تونۇپ يەتتىم، دېۋىدى، [ياقۇپ] يەنە: ــ 27
ماڭا ئالىدىغان ھەققىڭنى توختاتقىن؛ مەن ساڭا شۇنى بېرەي، دېدى. 28
[ياقۇپ] ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن ساڭا قانداق خىزمەت قىلىپ كەلگىنىم، مېنىڭ قولۇمدا ماللىرىڭنىڭ قانداق بولغىنى ئۆزۈڭگە ئايان. 29
چۈنكى مەن كەلمەستە مېلىڭ ئاز ئىدى؛ ئەمدى ناھايىتى زور بىر توپ بولدى. مېنىڭ قەدىمىم قەيەرگە يەتسە، پەرۋەردىگار ساڭا بەرىكەت ئاتا قىلدى. ئەمدى مەن قاچان ئۆز ئائىلەم ئۈچۈن ئىگىلىك تىكلەيمەن؟ ــ دېدى. 30
شۇنىڭ بىلەن لابان: ــ مەن ساڭا نېمە بېرەي، دېۋىدى، ياقۇپ: ــ سەن ماڭا ھېچنېمە بەرمىگىن؛ پەقەت مېنىڭ شۇ ئىشىمغا قوشۇلساڭلا، مەن يەنە پاداڭنى بېقىپ، ئۇلاردىن خەۋەر ئالىمەن. 31
مەن بۈگۈن پۈتكۈل پاداڭنى ئارىلاپ، ئالا-چىپار قويلارنى، قارا-قوڭۇر پاخلانلارنى، شۇنداقلا ئۆچكىلەرنىڭ ئىچىدىنمۇ ئالا-چىپارلىرىنى ئايرىپ چىقىمەن. بۇلار مېنىڭ ئىش ھەققىم بولسۇن. 32
كېيىن، مېنىڭ ھەققىمنى تەكشۈرۈپ كەلگەن ۋاقتىڭدا، ھەققانىي بولغىنىم كۆز ئالدىڭدا ئىسپاتلىنىدۇ؛ ئۆچكىلەر ئارىسىدا ئالا-چىپار بولمىغانلىرىنىڭ ھەممىسى، پاخلانلار ئارىسىدا قارا-قوڭۇر بولمىغانلىرىنىڭ ھەممىسى ئوغرىلاپ كېلىنگەن ھېسابلانسۇن، ــ دېدى. 33
ئۇ ۋاقىتتا لابان: ــ ماقۇل، دېگىنىڭدەك بولسۇن، ــ دېدى. 34
شۇ كۈنى [لابان] تاغىل ۋە ئالا-چىپار تېكىلەرنى، ئالا-چىپار چىشى ئۆچكىلەرنى، شۇنداقلا ئاز-پاز ئاق چىكىمى بولغان بارلىق ئۆچكىلەرنى، بارلىق قارا-قوڭۇر قوزىلارنى ئايرىپ، ئۆز ئوغۇللىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ، 35
ئۆزى بىلەن ياقۇپنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۈچ كۈنلۈك ئارىلىقنى قويدى. ياقۇپ بولسا لاباننىڭ پادىلىرىنىڭ قالغىنىنى باقتى. 36
لېكىن ياقۇپ تېرەك، بادام ۋە چىنار دەرەخلىرىدىن يۇمران چىۋىقلارنى ئېلىپ، قوۋزىقىنى يوللۇق قىلىپ شىلىپ، ئاق سىزىقلارنى چىقاردى. 37
ئاندىن مال كۈيلىگەن ۋاقىتلىرىدا سۇ ئىچكىلى كەلگەندە، ئۇ مۇشۇ شىلغان چىۋىقلارنى پادىلار سۇ ئىچىدىغان يەرلەردىكى ئۇلاقلارغا مالنىڭ ئالدىغا تىكلەپ قوياتتى. مال بۇ [تاغىل] چىۋىقلارنىڭ ئالدىدا جۈپلەشكەندىن كېيىن ئۇلار تاغىل ۋە ئالا-چىپار قوزىلارنى تۇغدى. 38
39
ئاندىن ياقۇپ بۇ قوزىلارنى لاباننىڭ پادىسىدىن ئايرىپ چىقاردى؛ ئاندىن ئۇ لاباننىڭ پادىسىنىڭ يۈزلىرىنى تاغىل ۋە قوڭۇر قويلىرىغا قارىتىپ جۈپلەشتۈردى؛ شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئۆز مېلىنى لاباننىڭ مېلىغا قوشماي بۆلەك قويۇپ، ئۆزى ئۈچۈن ئايرىم بادىلارنى قىلدى. 40
ساغلام كۈچلۈك مال جۈپلەشكىنىدە، ياقۇپ چىۋىقلارنى پادىنىڭ كۆز ئالدىغا ئۇلاقلاردا قوياتتى؛ ماللار شۇ چىۋىقلارنىڭ يېنىدا جۈپلىشەتتى. 41
لېكىن جۈپلىشىۋاتقان مال ئاجىز بولسا، ئۇ چىۋىقلارنى قويمايتتى. بۇ تەرىقىدە ئاجىزلىرى لابانغا، كۈچلۈكلىرى ياقۇپقا تەۋە بولدى. 42
شۇنداق قىلىپ، بۇ كىشى ناھايىتى باي بولۇپ، ماللىرى، دېدەكلىرى، قۇللىرى، تۆگىلىرى ۋە ئېشەكلىرى خېلى كۆپ بولدى. 43

< يارىتىلىش 30 >