< يارىتىلىش 29 >

ئاندىن ياقۇپ سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، مەشرىقتىكى قوۋملارنىڭ زېمىنىغا يېتىپ كەلدى. 1
ئۇ قارىۋىدى، مانا، يايلاقتا بىر قۇدۇق تۇراتتى، ئۇنىڭ يېنىدا ئۈچ توپ قوي پادىسى تۇراتتى؛ چۈنكى خەلق بۇ قۇدۇقتىن پادىلارنى سۇغىراتتى. قۇدۇقنىڭ ئاغزىغا يوغان بىر تاش قويۇقلۇق ئىدى. 2
قاچانىكى پادىلارنىڭ ھەممىسى ئۇ يەرگە يىغىلسا، پادىچىلار بىرلىكتە قۇدۇقنىڭ ئاغزىدىكى تاشنى يۇمىلىتىۋېتىپ، قويلارنى سۇغىرىپ، ئاندىن تاشنى يەنە قۇدۇقنىڭ ئاغزىغا ئۆز ئورنىغا قويۇپ قوياتتى. 3
ياقۇپ [پادىچىلاردىن]: ئەي بۇرادەرلەر، سىلەر قەيەرلىك؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇلار: ــ بىز ھارانلىقمىز، دېدى. 4
ئۇ ئۇلاردىن: ــ سىلەر ناھورنىڭ ئوغلى لاباننى تونۇمسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇلار: ــ تونۇيمىز، دېدى. 5
ئۇ ئۇلاردىن: ــ ئۇ سالامەتمۇ، دەپ سورىۋىدى، ئۇلار جاۋاب بېرىپ: ــ ئۇ سالامەت تۇرۇۋاتىدۇ. مانا ئەنە ئۇنىڭ قىزى راھىلە قويلىرى بىلەن كېلىۋاتىدۇ، دېدى. 6
ئۇ: ــ مانا، كۈن تېخى ئېگىز تۇرسا، ھازىر تېخى مالنىڭ يىغىلىدىغان ۋاقتى بولمىدى؛ نېمىشقا قويلارنى سۇغىرىپ، ئاندىن يەنە بېرىپ ئوتلاتمايسىلەر؟ ــ دېدى. 7
ئۇلار جاۋاب بېرىپ: ــ ياق، مۇنداق قىلالمايمىز. ئاۋۋال پادىلارنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ، پادىچىلار تاشنى قۇدۇقنىڭ ئاغزىدىن يۇمىلىتىۋەتكەندىن كېيىن، ئاندىن قويلارنى سۇغىرىمىز، دېدى. 8
ئۇ ئۇلار بىلەن گەپلىشىپ تۇرغىنىدا، راھىلە ئاتىسىنىڭ قويلىرى بىلەن يېتىپ كەلدى؛ چۈنكى ئۇ قوي باققۇچى ئىدى. 9
شۇنداق بولدىكى، ياقۇپ ئانىسىنىڭ ئاكىسى لاباننىڭ قىزى راھىلە بىلەن ئانىسىنىڭ ئاكىسى لاباننىڭ قويلىرىنى كۆرگەندە، ئۇ قوپۇپ بېرىپ، قۇدۇقنىڭ ئاغزىدىن تاشنى يۇمىلىتىۋېتىپ، ئانىسىنىڭ ئاكىسى لاباننىڭ قويلىرىنى سۇغاردى. 10
ئاندىن ياقۇپ راھىلەنى سۆيۈپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن يىغلاپ تاشلىدى ۋە راھىلەگە: ــ مەن سېنىڭ ئاتاڭنىڭ تۇغقىنى، رىۋكاھنىڭ ئوغلى بولىمەن، دېۋىدى، ئۇ يۈگۈرۈپ بېرىپ ئاتىسىغا خەۋەر بەردى. 11
12
شۇنداق بولدىكى، لابان ئۆز سىڭلىسىنىڭ ئوغلى ياقۇپنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلىغاندا، ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئۇنى قۇچاقلاپ سۆيۈپ، ئۆيىگە باشلاپ كەلدى. ئاندىن ياقۇپ لابانغا [كەچۈرمىشلىرىنىڭ] ھەممىسىنى دەپ بەردى. 13
لابان ئۇنىڭغا: ــ سەن دەرۋەقە مېنىڭ سۆڭەك بىلەن گۆشۈمدۇرسەن! ــ دېدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنىڭ قېشىدا بىر ئايچە تۇرۇپ قالدى. 14
ئاندىن لابان ياقۇپقا: ــ سەن مېنىڭ تۇغقىنىم بولغاچ، ماڭا بىكارغا خىزمەت قىلامسەن؟ ئېيتقىنا، ھەققىڭگە نېمە ئالىسەن؟ ــ دېدى. 15
لاباننىڭ ئىككى قىزى بار ئىدى؛ چوڭىنىڭ ئېتى لېياھ، كىچىكىنىڭ ئېتى راھىلە ئىدى. 16
لېياھنىڭ كۆزلىرى يېقىملىق ئىدى؛ ئەمما راھىلەنىڭ بولسا تەقى-تۇرقى كېلىشكەن، ھۆسنى-جامالى چىرايلىق قىز ئىدى. 17
ياقۇپنىڭ كۆڭلى راھىلەگە چۈشكەن بولۇپ لابانغا: ــ مەن سېنىڭ كىچىك قىزىڭ راھىلە ئۈچۈن ساڭا يەتتە يىل خىزمەت قىلاي، دېدى. 18
لابان جاۋاب بېرىپ: ــ ئۇنى باشقا كىشىگە بەرگىنىمدىن ساڭا بەرگىنىم ياخشى. ئەمدى مېنىڭكىدە تۇرغىن، دېدى. 19
ياقۇپ راھىلەنى ئېلىش ئۈچۈن يەتتە يىل خىزمەت قىلدى. ئەمما ئۇ ئۇنى ئىنتايىن ياخشى كۆرگەچكە، بۇ يىللار ئۇنىڭغا پەقەت بىرنەچچە كۈندەكلا بىلىندى. 20
ۋاقىت توشقاندا ياقۇپ لابانغا: ــ مانا مېنىڭ كۈنلىرىم توشتى. ئەمدى ئايالىمنى ماڭا بەرگىن، مەن ئۇنىڭ قېشىغا كىرەي، دېدى. 21
لابان شۇ يەردىكى ھەممە كىشىلەرنى يىغىپ، زىياپەت قىلىپ بەردى. 22
لېكىن شۇنداق بولدىكى، كەچ كىرگەندە، ئۇ چوڭ قىزى لېياھنى ياقۇپنىڭ يېنىغا ئېلىپ كەلدى؛ ياقۇپ ئۇنىڭ قېشىغا كىرىپ بىللە بولدى. 23
لابان ئۆز دېدىكى زىلپاھنى قىزى لېياھغا دېدەك قىلىپ بەردى. 24
ئەتىسى شۇنداق بولدىكى، مانا ئالدىدا لېياھ تۇراتتى! ئۇ لابانغا: ــ بۇ زادى ماڭا نېمە قىلغىنىڭ؟ ئەجەبا، مەن راھىلە ئۈچۈن ساڭا خىزمەت قىلمىدىممۇ؟ مېنى نېمىشقا شۇنداق ئالدىدىڭ؟! ــ دېدى. 25
لابان: بىزنىڭ يۇرتىمىزدا كىچىكىنى چوڭىدىن ئىلگىرى ياتلىق قىلىدىغان رەسىم-قائىدە يوق. 26
ئەمدى سەن چوڭىنىڭ يەتتە كۈنلۈك توي مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈپ بولغىن؛ ئاندىن يەنە ئىككىنچىسىنىمۇ ساڭا بېرەيلى؛ ئۇ سېنىڭ ماڭا يەنە يەتتە يىل قىلىدىغان خىزمىتىڭنىڭ ھەققى بولىدۇ، ــ دېدى. 27
ياقۇپ ماقۇل بولۇپ، لېياھنىڭ يەتتە كۈنلۈك توي مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈپ بولغاندا، لابان قىزى راھىلەنىمۇ ئۇنىڭغا خوتۇنلۇققا بەردى. 28
لابان دېدىكى بىلھاھنى قىزى راھىلەگە دېدەك قىلىپ بەردى. 29
بۇ تەرىقىدە ياقۇپ راھىلەنىڭمۇ قېشىغا كىردى؛ ئۇ راھىلەنى لېياھدىن زىيادە ياخشى كۆردى. ئاندىن كېيىن ئۇ يەنە يەتتە يىل لابانغا خىزمەت قىلدى. 30
ئەمما پەرۋەردىگار لېياھنىڭ ئەتىۋارلانمىغانلىقىنى كۆرگەندە، ئۇنىڭغا تۇغۇشنى نېسىپ قىلدى. لېكىن راھىلە تۇغماس ئىدى. 31
لېياھ ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغۇپ: ــ «پەرۋەردىگار خارلانغىنىمنى كۆردى؛ ئەمدى ئېرىم مېنى ياخشى كۆرىدۇ» دەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى «رۇبەن» قويدى. 32
ئۇ يەنە ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغۇپ: ــ «پەرۋەردىگار ئەتىۋارلانمىغانلىقىنى ئاڭلاپ، بۇنى ھەم ماڭا بەردى» دەپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى شىمېئون قويدى. 33
ئۇ يەنە ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغۇپ: ــ «ئەمدى بۇ قېتىم ئېرىم ماڭا باغلىنىدۇ؛ چۈنكى مەن ئۇنىڭغا ئۈچ ئوغۇل تۇغۇپ بەردىم» دەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى لاۋىي قويدى. 34
ئۇ يەنە ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغۇپ: ــ «ئەمدى بۇ قېتىم مەن پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇي!» دەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى يەھۇدا قويدى. ئاندىن ئۇ تۇغۇتتىن توختاپ قالدى. 35

< يارىتىلىش 29 >