< يارىتىلىش 27 >

ئىسھاق قېرىپ، كۆزلىرى تورلىشىپ، كۆزى غۇۋا كۆرىدىغان بولۇپ قالغاندا شۇنداق بولدىكى، ئۇ چوڭ ئوغلى ئەساۋنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ ئوغلۇم! ــ دېدى. ئۇ: ــ مانا مەن! ــ دەپ جاۋاب بەردى. 1
ئۇ ئۇنىڭغا: ــ مانا مەن ئەمدى قېرىپ كەتتىم، قانچىلىك كۈن كۆرىدىغىنىمنىمۇ بىلمەيمەن. 2
شۇڭا سەندىن ئۆتۈنىمەن، قوراللىرىڭ، يەنى ساداق ۋە ئوقيايىڭنى ئېلىپ جاڭگالغا چىقىپ، مەن ئۈچۈن بىر ئوۋ ئوۋلاپ كەل؛ 3
مەن ياخشى كۆرىدىغان مەززىلىك تاماقتىن بىرنى ئېتىپ، ماڭا كەلتۈرگىن. مەن ئۇنى يەپ، ئۆلۈشتىن ئىلگىرى كۆڭلۈمدىن ساڭا بەخت-بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلاي، ــ دېدى. 4
ئىسھاق ئوغلى ئەساۋغا سۆز قىلغاندا رىۋكاھمۇ ئاڭلىدى. ئەساۋ ئوۋ ئوۋلاپ كەلگىلى جاڭگالغا چىقىپ كەتكەندە، 5
رىۋكاھ ئوغلى ياقۇپقا: ــ مانا مەن ئاتاڭنىڭ ئاكاڭ ئەساۋغا: «سەن ئوۋ ئوۋلاپ كېلىپ، ماڭا مەززىلىك بىر تائامنى ئەتكىن؛ مەن ئۇنى يەپ ئۆلۈپ كېتىشتىن بۇرۇن پەرۋەردىگار ئالدىدا ساڭا بەخت-بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلاي»، ــ دەپ ئېيتقىنىنى ئاڭلاپ قالدىم. 6
7
ئەمدى، ئى ئوغلۇم، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىپ بۇيرۇغىنىمنى قىلغىن. 8
سەن دەرھال پادىغا بېرىپ، ئۆچكىلەرنىڭ ئىچىدىن ئېسىل ئىككى ئوغلاقنى ئېلىپ كەلگىن؛ مەن ئۇلاردىن ئاتاڭ ئۈچۈن ئۇ ياخشى كۆرىدىغان مەززىلىك بىر تائام تەييار قىلاي. 9
سەن ئۇنى ئاتاڭنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كىرگىن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەپ، ئۆلۈپ كېتىشتىن بۇرۇن ساڭا بەخت-بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلىدۇ، ــ دېدى. 10
لېكىن ياقۇپ ئانىسى رىۋكاھغا: ــ مانا ئاكام ئەساۋ بولسا تۈكلۈك كىشى، مەن بولسام تۈكسىز سىلىق تەنلىك ئادەممەن. 11
مۇبادا ئاتام مېنى سىلاپ قالسا، ئۇنداقتا مەن ئۇنىڭ نەزىرىدە ئۇنى مازاق قىلغۇچى ئادەم بولۇپ قېلىپ، بېشىمغا بەرىكەت ئەمەس، بەلكى لەنەت تاپارمەنمىكىن، دېدى. 12
ئانىسى ئۇنىڭغا: ــ ئەي ئوغلۇم، ساڭا چۈشىدىغان لەنەت ماڭا چۈشسۇن؛ ئەمما سەن پەقەت سۆزۈمگە قۇلاق سېلىپ، بېرىپ [ئوغلاقلارنى] ئېلىپ كەل، ــ دېدى. 13
ئۇ بېرىپ ئۇلارنى ئېلىپ كېلىپ، ئانىسىغا بەردى. ئانىسى ئۇنىڭ ئاتىسى ياخشى كۆرىدىغان مەززىلىك بىر تائامنى تەييار قىلدى. 14
ئاندىن رىۋكاھ تۇنجى ئوغلى ئەساۋنىڭ ئۆيدە ئۆز يېنىدا ساقلاقلىق ئەڭ ئېسىل كىيىملىرىنى ئېلىپ كىچىك ئوغلى ياقۇپقا كىيدۈرۈپ، 15
ئوغلاقلارنىڭ تېرىسىنى ئىككى قولى بىلەن بوينىنىڭ تۈكسىز جايىغا يۆگەپ، 16
ئاندىن ئۆزى ئەتكەن مەززىلىك تائاملار بىلەن نانلارنى ئوغلى ياقۇپنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى. 17
ياقۇپ ئاتىسىنىڭ قېشىغا كىرىپ: ــ ئەي ئاتا! دېدى. ئۇ: ــ مانا مەن! ئوغلۇم، سەن كىم بولىسەن؟ ــ دېۋىدى، 18
ياقۇپ ئاتىسىغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن چوڭ ئوغۇللىرى ئەساۋمەن، ماڭا ئېيتقانلىرىدەك قىلدىم؛ ئەمدى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، ئولتۇرۇپ قىلغان ئوۋۇمنىڭ گۆشىگە ئېغىز تېگىپ، ئاندىن كۆڭۈللىرىدىن ماڭا بەخت-بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلغايلا، ــ دېدى. 19
ئىسھاق ئوغلىغا: ــ ئەي ئوغلۇم، قانداقمۇ ئۇنى شۇنچە تېز تېپىپ كەلدىڭ؟ ــ دېۋىدى، ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدالىرى ئۇنى دەل يولۇمغا يولۇقتۇردى، ــ دېدى. 20
ئىسھاق ياقۇپقا: ــ ئەي ئوغلۇم، يېقىنراق كەل، سەن راست ئوغلۇم ئەساۋمۇ، ئەمەسمۇ، سىلاپ باقاي، ــ دېدى. 21
شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ ئاتىسى ئىسھاقنىڭ قېشىغا يېقىن باردى؛ ئۇ ئۇنى سىلاپ تۇرۇپ: ــ ئاۋاز ياقۇپنىڭ ئاۋازى، لېكىن قول بولسا ئەساۋنىڭ قولىدۇر، ــ دېدى. 22
ئۇنىڭ قوللىرى بولسا ئاكىسى ئەساۋنىڭ قوللىرىدەك تۈكلۈك بولغىنى ئۈچۈن ئۇنى تونىيالماي، ئۇنىڭغا بەخت-بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلدى. 23
ئاندىن ئۇ يەنە: ــ سەن راست ئوغلۇم ئەساۋمۇسەن؟ دەپ سورىۋىدى، ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ دەل مەن، ــ دېدى. 24
ئىسھاق ئۇنىڭغا: ــ تائامنى ئېلىپ كەلگىن، مەن ئوغلۇمنىڭ ئوۋ گۆشىدىن يەپ، كۆڭلۈمدىن ساڭا بەخت-بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلاي، ــ دېدى. [ياقۇپ] ئۇنى ئۇنىڭ ئالدىغا قويدى؛ ئۇ يېدى. ئۇ شاراب كەلتۈرۈۋىدى، ئۇنىمۇ ئىچتى. 25
ئاندىن ئاتىسى ئىسھاق ئۇنىڭغا: ــ ئەي ئوغلۇم، ئەمدى يېقىن كېلىپ مېنى سۆيگىن، ــ دېدى. 26
ئۇ ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنى سۆيدى. ئاتىسى ئۇنىڭ كىيىمىنىڭ پۇرىقىنى پۇراپ ئۇنىڭغا بەخت-بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلىپ: ــ «مانا، ئوغلۇمنىڭ تېنىدىكى پۇراق پەرۋەردىگار بەرىكەتلىگەن كۆكلەمزارنىڭ خۇش پۇرىقىغا ئوخشايدىكەن! 27
خۇدا ساڭا ئاسماننىڭ شەبنىمى، يەرنىڭ مۇنبەت كۈچىنى ئاتا قىلىپ، ئاشلىق-تۈلۈك بىلەن شارابنىمۇ كۆپ بەرگەي. 28
خەلقلەر سېنىڭ قۇللۇقۇڭدا بولغاي، ئەل-مىللەتلەر ئالدىڭدا تىزلانغاي؛ قېرىنداشلىرىڭغا خوجا بولغايسەن؛ ئاناڭنىڭ ئوغۇللىرى ساڭا تىزلانغاي؛ ساڭا لەنەت قىلغانلار لەنەتكە قالغاي؛ ساڭا بەخت تىلىگەنلەر بەخت تاپقاي!» ــ دېدى. 29
شۇنداق بولدىكى، ئىسھاق ياقۇپقا دۇئا قىلىپ بولۇپ، ياقۇپ ئاتىسى ئىسھاقنىڭ قېشىدىن چىقىپ بولۇشىغا، ئاكىسى ئەساۋ ئوۋدىن قايتىپ كەلدى. 30
ئۇمۇ مەززىلىك تائاملارنى ئېتىپ، ئاتىسىنىڭ قېشىغا ئېلىپ كىرىپ، ئاتىسىغا: ــ ئاتا قوپقايلا، ئوغۇللىرىنىڭ ئوۋ گۆشىدىن يەپ، كۆڭۈللىرىدىن ماڭا بەخت-بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلغايلا، ــ دېدى. 31
ئاتىسى ئىسھاق ئۇنىڭغا: ــ سەن كىمسەن؟ ــ دېدى. ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مەن ئوغۇللىرى، چوڭ ئوغۇللىرى ئەساۋمەن! ــ دېدى. 32
بۇنى ئاڭلاپ ئىسھاق ئالاقزادىلىككە چۈشۈپ، پۈتۈن بەدىنى جالاقلاپ تىترەپ: ــ ئۇنداقتا باياتىن ئوۋ ئوۋلاپ ئېلىپ كەلگىنى كىم؟ سەن كېلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ ھەممە نەرسىسىدىن يەپ، ئۇنىڭغا بەخت-بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلدىم؛ ۋە بەرھەق، ئۇ بەخت-بەرىكەت كۆرىدۇ! ــ دېدى. 33
ئەساۋ ئاتىسىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپلا ئىنتايىن ئېچىنارلىق ھالدا ئۈن سېلىپ ئاچچىق پەرياد كۆتۈرۈپ ئاتىسىغا: ــ مېنىمۇ، ئى ئاتا، مېنىمۇ بەخت-بەرىكەتلىگەيلا! ــ دېدى. 34
ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ سېنىڭ ئىنىڭ ھىيلە بىلەن كىرىپ، ساڭا تېگىشلىك بەخت-بەرىكەتنى ئېلىپ كېتىپتۇ، دېدى. 35
ئەساۋ: ــ راست ئۇنىڭ ئېتى ياقۇپ ئەمەسمۇ؟! چۈنكى ئۇ ئىككى قېتىم مېنى پۇتلاپ، ئورنۇمنى تارتىۋالدى. ئاۋۋال تۇنجىلىق ھوقۇقۇمنى تارتىۋالدى ۋە مانا ھازىر ئۇ ماڭا تېگىدىغان بەخت-بەرىكەتنى ئېلىپ كەتتى، ــ دېدى، ئاندىن يەنە: ــ مېنىڭ ئۈچۈن بىرەر بەخت-بەرىكەت قالدۇرمىدىلىمۇ؟ ــ دېدى. 36
ئىسھاق ئەساۋغا جاۋاب بېرىپ: ــ مانا، مەن ئۇنى ئۈستۈڭگە خوجا قىلدىم؛ ھەممە قېرىنداشلىرىنى ئۇنىڭ قۇللۇقىدا بولىدىغان قىلدىم؛ ئاشلىق ۋە يېڭى شاراب بىلەن ئۇنى قۇۋۋەتلىدىم؛ ئەي ئوغلۇم، ئەمدى ساڭا يەنە نېمىمۇ قىلىپ بېرەلەيمەن؟ ــ دېدى. 37
ئەساۋ ئاتىسىغا يەنە: ــ ئەي ئاتا، سىلىدە پەقەت شۇ بىرلا بەخت-بەرىكەت بار ئىدىمۇ؟ ماڭا، ئەي ئاتا، ماڭىمۇ بەخت-بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلغايلا! دېدى. ئاندىن ئۇ ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى. 38
ئاتىسى ئىسھاق ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ «مانا، تۇرالغۇ جايىڭ يەرنىڭ مۇنبەت كۈچىدىن نېرى، ئېگىز ئاسماننىڭ شەبنىمىدىن يىراق بولۇر؛ 39
سەن قىلىچىڭغا تايىنىپ جان باقىسەن، ئىنىڭنىڭ خىزمىتىدە بولىسەن؛ لېكىن چېگرىدىن چىقىپ كەزگىنىڭدە، سەن بوينۇڭدىن ئۇنىڭ بويۇنتۇرۇقىنى چىقىرىپ سۇندۇرۇۋېتىسەن» ــ دېدى. 40
شۇڭا ئەساۋ ئاتىسى ئۇنىڭغا تىلىگەن بەخت-بەرىكەت سەۋەبىدىن ياقۇپقا ئۆچمەنلىك ساقلاپ يۈردى. ئەساۋ كۆڭلىدە: ــ ئاتامنىڭ ماتەم كۈنلىرى يېقىنلىشىپ قالدى؛ شۇ چاغدا ئىنىم ياقۇپنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن، دەپ خىيال قىلدى. 41
لېكىن رىۋكاھ چوڭ ئوغلى ئەساۋنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن خەۋەر تاپتى. ئۇ كىچىك ئوغلى ياقۇپنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ مانا ئاكاڭ ئەساۋ سېنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن دەپ ئۆز-ئۆزىدىن تەسەللى تېپىۋېتىپتۇ؛ 42
ئەمدى ئەي ئوغلۇم، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىپ، قوپۇپ ھارانغا، ئاكام لاباننىڭ قېشىغا قېچىپ كەتكىن؛ 43
ئاكاڭنىڭ قەھرى يانغۇچە، ئۇنىڭ قېشىدا بىرنەچچە ۋاقىت تۇرغىن. 44
ئاكاڭ ئاچچىقىدىن يېنىپ، سېنىڭ ئۇنىڭغا قىلغىنىڭنى ئۇنتۇپ كەتكۈچە شۇ يەردە تۇرۇپ تۇرغىن؛ ئاندىن مەن ئادەم ئەۋەتىپ، سېنى ئۇ يەردىن ئالدۇرۇپ كېلىمەن. نېمە ئۈچۈن بىر كۈندىلا ھەر ئىككىڭلاردىن مەھرۇم بولۇپ قالاي؟ ــ دېدى. 45
ئەمما رىۋكاھ ئىسھاققا: ــ مەن مۇشۇ ھىتتىي قىزلار ۋەجىدىن جېنىمدىن جاق تويدۇم. ئەگەر ياقۇپمۇ بۇ يۇرتتىكى قىزلاردىن، مۇشۇنداق ھىتتىي قىزنى خوتۇنلۇققا ئالسا ياشىغىنىمنىڭ ماڭا نېمە پايدىسى؟ ــ دېدى. 46

< يارىتىلىش 27 >