< يارىتىلىش 26 >

[قانائان] زېمىنىدا ئىبراھىمنىڭ ۋاقتىدىكى ئاچارچىلىقتىن باشقا يەنە بىر قېتىملىق ئاچارچىلىق يۈز بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئىسھاق گەرار شەھىرىگە، فىلىستىيلەرنىڭ پادىشاھى ئابىمەلەكنىڭ قېشىغا باردى. 1
[Qanaan] zéminida Ibrahimning waqtidiki acharchiliqtin bashqa yene bir qétimliq acharchiliq yüz berdi. Shuning bilen Ishaq Gerar shehirige, Filistiylerning padishahi Abimelekning qéshigha bardi.
پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا كۆرۈنۈپ مۇنداق دېدى: ــ سەن مىسىرغا چۈشمەي، بەلكى مەن ساڭا كۆرسىتىپ بېرىدىغان يۇرتتا تۇرغىن. 2
Perwerdigar uninggha körünüp mundaq dédi: — Sen Misirgha chüshmey, belki Men sanga körsitip béridighan yurtta turghin.
موشۇ زېمىندىن چىقماي مۇساپىر بولۇپ تۇرغىن؛ شۇنىڭ بىلەن مەن سەن بىلەن بىللە بولۇپ، ساڭا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىمەن؛ چۈنكى مەن سەن ۋە نەسلىڭگە بۇ زېمىنلارنىڭ ھەممىسىنى بېرىپ، ئاتاڭ ئىبراھىمغا بەرگەن قەسىمىمنى ئادا قىلىمەن؛ 3
Moshu zémindin chiqmay musapir bolup turghin; shuning bilen Men sen bilen bille bolup, sanga bext-beriket ata qilimen; chünki Men sen we neslingge bu zéminlarning hemmisini bérip, atang Ibrahimgha bergen qesimimni ada qilimen;
نەسلىڭنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك ئاۋۇتىمەن ۋە نەسلىڭگە بۇ زېمىنلارنىڭ ھەممىسىنى بېرىمەن؛ يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەل-يۇرتلار نەسلىڭنىڭ [نامى] بىلەن ئۆزلىرىگە بەخت-بەرىكەت تىلەيدۇ؛ 4
neslingni asmandiki yultuzlardek awutimen we neslingge bu zéminlarning hemmisini bérimen; yer yüzidiki barliq el-yurtlar neslingning [nami] bilen özlirige bext-beriket tileydu;
چۈنكى ئىبراھىم مېنىڭ ئاۋازىمغا قۇلاق سېلىپ، تاپىلىغىنىم، ئەمرلىرىم، بەلگىلىمىلىرىم ۋە قانۇنلىرىمنى بەجا كەلتۈردى، ــ دېدى. 5
Chünki Ibrahim Méning awazimgha qulaq sélip, tapilighinim, emrlirim, belgilimilirim we qanunlirimni beja keltürdi, — dédi.
شۇنىڭ بىلەن ئىسھاق گەراردا تۇرۇپ قالدى. 6
Shuning bilen Ishaq Gerarda turup qaldi.
ئەمما ئۇ يەرلىك كىشىلەر ئۇنىڭ ئايالى توغرىسىدا سورىسا ئۇ: ــ بۇ مېنىڭ سىڭلىم بولىدۇ، ــ دېدى؛ چۈنكى رىۋكاھ ئىنتايىن چىرايلىق بولغاچقا، ئىسھاق ئۆز-ئۆزىگە: «بۇ مېنىڭ ئايالىم بولىدۇ»، دېسەم، بۇ يەرلىك ئادەملەر رىۋكاھنىڭ سەۋەبىدىن مېنى ئۆلتۈرۈۋېتەرمىكىن، ــ دەپ قورقتى. 7
Emma u yerlik kishiler uning ayali toghrisida sorisa u: — Bu méning singlim bolidu, — dédi; chünki Riwkah intayin chirayliq bolghachqa, Ishaq öz-özige: «Bu méning ayalim bolidu», désem, bu yerlik ademler Riwkahning sewebidin méni öltürüwétermikin, — dep qorqti.
لېكىن ئۇ شۇ يەردە ئۇزاق ۋاقىت تۇرغاندىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، فىلىستىيلەرنىڭ پادىشاھى ئابىمەلەك دەرىزىدىن قارىۋىدى، مانا ئىسھاق ۋە ئايالى رىۋكاھ بىر-بىرىگە ئەركىلىشىپ تۇراتتى. 8
Lékin u shu yerde uzaq waqit turghandin kéyin shundaq boldiki, Filistiylerning padishahi Abimelek derizidin qariwidi, mana Ishaq we ayali Riwkah bir-birige erkiliship turatti.
ئاندىن ئابىمەلەك ئىسھاقنى چاقىرىپ: ــ مانا، ئۇ جەزمەن سېنىڭ ئايالىڭ ئىكەن! سەن نېمە دەپ: «ئۇ مېنىڭ سىڭلىم»، دېدىڭ؟ ــ دېۋىدى، ئىسھاق ئۇنىڭغا: ــ چۈنكى مەن ئەسلىدە ئۇنىڭ سەۋەبىدىن بىرسى مېنى ئۆلتۈرۈۋېتەرمىكىن، دەپ ئەنسىرىگەنىدىم، ــ دېدى. 9
Andin Abimelek Ishaqni chaqirip: — Mana, u jezmen séning ayaling iken! Sen néme dep: «U méning singlim», déding? — déwidi, Ishaq uninggha: — Chünki men eslide uning sewebidin birsi méni öltürüwétermikin, dep ensirigenidim, — dédi.
ئابىمەلەك ئۇنىڭغا: بۇ بىزگە نېمە قىلغىنىڭ؟ تاس قاپتۇ خەلق ئارىسىدىن بىرەرسى ئايالىڭ بىلەن بىرگە بولغىلى؟! ئۇنداق بولغان بولسا سەن بىزنى گۇناھقا پاتقۇزغان بولاتتىڭ! ــ دېدى. 10
Abimelek uninggha: Bu bizge néme qilghining? Tas qaptu xelq arisidin birersi ayaling bilen birge bolghili?! Undaq bolghan bolsa sen bizni gunahqa patquzghan bolatting! — dédi.
ئاندىن ئابىمەلەك ھەممە خەلققە بۇيرۇپ: ــ كىمكى بۇ كىشىگە ۋە ياكى خوتۇنىغا قول تەگكۈزسە جەزمەن ئۆلتۈرۈلمەي قالمايدۇ، ــ دەپ يارلىق چۈشۈردى. 11
Andin Abimelek hemme xelqqe buyrup: — Kimki bu kishige we yaki xotunigha qol tegküzse jezmen öltürülmey qalmaydu, — dep yarliq chüshürdi.
ئىسھاق ئۇ زېمىندا تېرىقچىلىق قىلدى: ئۇ شۇ يىلى يەردىن يۈز ھەسسە ھوسۇل ئالدى؛ پەرۋەردىگار ئۇنى بەرىكەتلىگەنىدى. 12
Ishaq u zéminda tériqchiliq qildi: u shu yili yerdin yüz hesse hosul aldi; Perwerdigar uni beriketligenidi.
بۇ كىشى باش كۆتۈرۈپ، بارغانسېرى راۋاج تېپىپ، تولىمۇ كاتتا كىشىلەردىن بولۇپ قالدى. 13
Bu kishi bash kötürüp, barghanséri rawaj tépip, tolimu katta kishilerdin bolup qaldi.
ئۇنىڭ قوي-كالا پادىلىرى ۋە ئۆيىدىكى قۇللىرى ئىنتايىن كۆپەيدى؛ فىلىستىيلەر ئۇنىڭغا ھەسەت قىلغىلى تۇردى. 14
Uning qoy-kala padiliri we öyidiki qulliri intayin köpeydi; Filistiyler uninggha heset qilghili turdi.
بۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ئاتىسى ئىبراھىمنىڭ كۈنلىرىدە ئاتىسىنىڭ قۇللىرى كولىغان قۇدۇقلارنىڭ ھەممىسىنى فىلىستىيلەر ئېتىپ، توپا بىلەن تىندۇرۇۋەتتى. 15
Bu sewebtin uning atisi Ibrahimning künliride atisining qulliri kolighan quduqlarning hemmisini Filistiyler étip, topa bilen tinduruwetti.
ئابىمەلەك ئىسھاققا: ــ سەن بىزدىن زىيادە كۈچىيىپ كەتتىڭ، ئەمدى ئارىمىزدىن چىقىپ كەتكىن، ــ دېدى. 16
Abimelek Ishaqqa: — Sen bizdin ziyade küchiyip ketting, emdi arimizdin chiqip ketkin, — dédi.
ئىسھاق ئۇ يەردىن كېتىپ، گەرار ۋادىسىغا چېدىر تىكىپ، شۇ يەردە تۇرۇپ قالدى. 17
Ishaq u yerdin kétip, Gerar wadisigha chédir tikip, shu yerde turup qaldi.
ئىبراھىم ھايات ۋاقتىدا [قۇللىرى] بىرمۇنچە قۇدۇقلارنى قازغانىدى؛ بىراق ئىبراھىم ئۆلگەندىن كېيىن، فىلىستىيلەر بۇلارنى توپا بىلەن تىندۇرۇۋەتكەنىدى. ئىسھاق بۇ قۇدۇقلارنى قايتىدىن كولىتىپ، ئۇلارغا ئاتىسى ئىلگىرى قويغان ئىسىملارنى يەنە قويدى. 18
Ibrahim hayat waqtida [qulliri] birmunche quduqlarni qazghanidi; biraq Ibrahim ölgendin kéyin, Filistiyler bularni topa bilen tinduruwetkenidi. Ishaq bu quduqlarni qaytidin kolitip, ulargha atisi ilgiri qoyghan isimlarni yene qoydi.
ئىسھاقنىڭ قۇللىرى ۋادىدا قۇدۇق كولاۋاتقاندا سۇلىرى ئۇرغۇپ چىقىپ ئاقىدىغان بىر قۇدۇقنى تېپىۋالدى. 19
Ishaqning qulliri wadida quduq kolawatqanda suliri urghup chiqip aqidighan bir quduqni tépiwaldi.
لېكىن گەراردىكى پادىچىلار ئىسھاقنىڭ پادىچىلىرىدىن ئۇنى تالىشىپ: ــ بۇ سۇ بىزنىڭكىدۇر، ــ دېدى. ئۇلار ئىسھاق بىلەن جېدەللەشكەچكە، ئۇ بۇ قۇدۇقنى «ئېسەك» دەپ ئاتىدى. 20
Lékin Gerardiki padichilar Ishaqning padichiliridin uni taliship: — Bu su bizningkidur, — dédi. Ular Ishaq bilen jédelleshkechke, u bu quduqni «Ések» dep atidi.
ئۇلار يەنە باشقا بىر قۇدۇقنى كولىدى، ئۇلار يەنە بۇ قۇدۇق توغرىسىدا جېدەللەشتى. شۇنىڭ بىلەن ئىسھاق بۇنىڭ ئىسمىنى «سىتناھ» دەپ ئاتىدى. 21
Ular yene bashqa bir quduqni kolidi, ular yene bu quduq toghrisida jédelleshti. Shuning bilen Ishaq buning ismini «Sitnah» dep atidi.
ئاندىن ئۇ ئۇ يەردىن كېتىپ، باشقا يەرگە بېرىپ، شۇ يەردىمۇ يەنە بىر قۇدۇق كولىدى؛ ئەمدى گەراردىكىلەر بۇ قۇدۇقنى تالاشمىدى. بۇ سەۋەبتىن ئۇ ئۇنىڭ ئېتىنى «رەھوبوت» قويۇپ: «ئەمدى پەرۋەردىگار بىز ئۈچۈن جاي بەرگەنىكەن، بۇ زېمىندا مېۋىلىك بولىمىز»، ــ دېدى. 22
Andin u u yerdin kétip, bashqa yerge bérip, shu yerdimu yene bir quduq kolidi; emdi Gerardikiler bu quduqni talashmidi. Bu sewebtin u uning étini «Rehobot» qoyup: «Emdi Perwerdigar biz üchün jay bergeniken, bu zéminda méwilik bolimiz», — dédi.
ئاندىن ئۇ ئۇ يەردىن چىقىپ بەئەر-شېباغا باردى. 23
Andin u u yerdin chiqip Beer-Shébagha bardi.
پەرۋەردىگار شۇ كېچىسى ئۇنىڭغا كۆرۈنۈپ: ــ مەن بولسام ئاتاڭ ئىبراھىمنىڭ خۇداسىدۇرمەن؛ قورقمىغىن، چۈنكى مەن سەن بىلەن بىللىمەن، سېنى بەخت-بەرىكەتلەپ، نەسلىڭنى قۇلۇم ئىبراھىمنىڭ سەۋەبىدىن ئاۋۇتىمەن، ــ دېدى. 24
Perwerdigar shu kéchisi uninggha körünüp: — Men bolsam atang Ibrahimning Xudasidurmen; qorqmighin, chünki Men sen bilen billimen, séni bext-beriketlep, neslingni qulum Ibrahimning sewebidin awutimen, — dédi.
ئۇ شۇ يەردە بىر قۇربانگاھ ياساپ، پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا نىدا قىلىپ ئىبادەت قىلدى. ئۇ شۇ يەردە چېدىرىنى تىكتى، ئىسھاقنىڭ قۇللىرى شۇ يەردە بىر قۇدۇق كولىدى. 25
U shu yerde bir qurban’gah yasap, Perwerdigarning namigha nida qilip ibadet qildi. U shu yerde chédirini tikti, Ishaqning qulliri shu yerde bir quduq kolidi.
ئەمدى ئابىمەلەك، ئاغىنىسى ئاھۇززات بىلەن لەشكەربېشى فىكول بىرگە گەراردىن چىقىپ، ئۇنىڭ قېشىغا باردى. 26
Emdi Abimelek, aghinisi Ahuzzat bilen leshkerbéshi Fikol birge Gerardin chiqip, uning qéshigha bardi.
ئىسھاق ئۇلارغا: ــ ماڭا ئۆچمەنلىك قىلىپ، مېنى ئاراڭلاردىن قوغلىۋەتكەندىن كېيىن، نېمە ئۈچۈن مېنىڭ قېشىمغا كەلدىڭلار؟ ــ دېدى. 27
Ishaq ulargha: — Manga öchmenlik qilip, méni aranglardin qoghliwetkendin kéyin, néme üchün méning qéshimgha keldinglar? — dédi.
ئۇلار جاۋابەن: ــ بىز پەرۋەردىگارنىڭ سەن بىلەن بىللە بولغىنىنى روشەن بايقىدۇق، شۇنىڭ بىلەن بىز سېنىڭ توغراڭدا: «ئوتتۇرىمىزدا بىر كېلىشىم بولسۇن، يەنى بىزلەر بىلەن سەن بىر-بىرىمىزگە قەسەم بېرىپ ئەھدە قىلىشايلى» دېدۇق؛ شۇ ۋەجىدىن سەن بىزگە ھېچقانداق زىيان-زەخمەت يەتكۈزمىگەيسەن؛ بىز ساڭا ھېچ تەگمىگىنىمىزدەك، شۇنداقلا ساڭا ياخشىلىقتىن باشقا ھېچبىر نېمە قىلمىغىنىمىزدەك (بەلكى سېنى ئامان-ئېسەنلىك ئىچىدە يولۇڭغا ئەۋەتكەنىدۇق) سەنمۇ شۇنداق قىلغايسەن. مانا ھازىر سەن پەرۋەردىگار تەرىپىدىن بەخت-بەرىكەت كۆرۈۋاتىسەن! ــ دېيىشتى. 28
Ular jawaben: — Biz Perwerdigarning sen bilen bille bolghinini roshen bayqiduq, shuning bilen biz séning toghrangda: «Otturimizda bir kélishim bolsun, yeni bizler bilen sen bir-birimizge qesem bérip ehde qilishayli» déduq; shu wejidin sen bizge héchqandaq ziyan-zexmet yetküzmigeysen; biz sanga héch tegmiginimizdek, shundaqla sanga yaxshiliqtin bashqa héchbir néme qilmighinimizdek (belki séni aman-ésenlik ichide yolunggha ewetkeniduq) senmu shundaq qilghaysen. Mana hazir sen Perwerdigar teripidin bext-beriket körüwatisen! — déyishti.
29
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارغا بىر زىياپەت قىلىپ بەردى. ئۇلار بولسا يەپ-ئىچتى. 30
Shuning bilen u ulargha bir ziyapet qilip berdi. Ular bolsa yep-ichti.
ئەتىسى تاڭ سەھەردە ئۇلار قوپۇپ بىر-بىرىگە قەسەم قىلىشتى؛ ئاندىن ئىسھاق ئۇلارنى يولغا سېلىپ قويدى؛ ئۇلار ئۇنىڭ قېشىدىن ئامان-ئېسەن كەتتى. 31
Etisi tang seherde ular qopup bir-birige qesem qilishti; andin Ishaq ularni yolgha sélip qoydi; ular uning qéshidin aman-ésen ketti.
ئۇ كۈنى شۇنداق بولدىكى، ئىسھاقنىڭ قۇللىرى كېلىپ، ئۇنىڭغا ئۆزى كولىغان قۇدۇق توغرىسىدا خەۋەر بېرىپ: «بىز سۇ تاپتۇق!» دېدى. 32
U küni shundaq boldiki, Ishaqning qulliri kélip, uninggha özi kolighan quduq toghrisida xewer bérip: «Biz su taptuq!» dédi.
ئۇ ئۇنىڭ نامىنى «شېباھ» قويدى. بۇ سەۋەبتىن بۇ شەھەرنىڭ ئىسمى بۈگۈنگىچە «بەئەر-شېبا» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. 33
U uning namini «Shibah» qoydi. Bu sewebtin bu sheherning ismi bügün’giche «Beer-Shéba» dep atilip kelmekte.
ئەساۋ قىرىق ياشقا كىرگەندە، ھىتتىيلاردىن بولغان بەئەرىنىڭ قىزى يەھۇدىت بىلەن ھىتتىيلاردىن بولغان ئېلوننىڭ قىزى باسىماتنى خوتۇنلۇققا ئالدى. 34
Esaw qiriq yashqa kirgende, hittiylardin bolghan Beerining qizi Yehudit bilen hittiylardin bolghan Élonning qizi Basimatni xotunluqqa aldi.
ئەمما بۇلار ئىسھاق بىلەن رىۋكاھنىڭ كۆڭلىگە ئازاب ئېلىپ كەلدى. 35
Emma bular Ishaq bilen Riwkahning könglige azab élip keldi.

< يارىتىلىش 26 >